خۇاڭگوشۇ شارقىراتمىسى

خۇاڭگوشۇ شارقىراتمىسى

خۇاڭگوشۇ شارقىراتمىسى گۇيجۇ ئۆلكىسىدىكى جېننىڭ بۇيىزۇ-مياۋزۇ ئاپتونوم ناھىيىسىدە.

ئۇيغۇرچە نامى خۇاڭگوشۇ شارقىراتمىسى
ئورنى گۈيجۇ ئۆلكىسى ئەنشۈن شەھىرى جىننىڭ ناھىيەسى
خەنزۇچە نامى 黄果树瀑布(

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

خۇاڭگوشۇ شارقىراتمىسىخۇاڭگوشۇ شارقىراتمىسى گۇيجۇ ئۆلكىسىدىكى جېننىڭ بۇيىزۇ-مياۋزۇ ئاپتونوم ناھىيىسىدە. ناھىيە بازىرىدىن غەربىي جەنۇبقا قاراپ15 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا بەيشۇي دەرياسى بار. بۇ يەردە قاتمۇقات ئېگىز تاغلار بار، شاۋقۇنلاپ ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان بەيشۇي دەرياسى شەرقىي شىمالدىكى تاغلىقنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىن يول ئېلىپ ئېقىپ چىقىدۇ. دەريا سۈيى ئېقىپ خۇاڭگوشۇ بۆلىكىگە كەلگەندە دەريا قىنى توساتتىن ئۈزۈلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن دەريا سۈيى ئۈزۈلمىنى بويلاپ تۆۋەنگە ئېقىپ چۈشۈپ توققۇز باسقۇچلۇق شارقىراتمىنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ شارقىراتما تۆتىنچى باسقۇچتا ھاسىل بولغان خۇاڭگوشۇ شارقىراتمىسى بولۇپ، ئۇنىڭ كەڭلىكى30 مېتىردىن ئاشىدۇ(سۈيى ئۇلغايغاندا70-80 مېتىرغا يېتىدۇ) ، ئېگىز ۋە تىك ياردىكى چۈشۈش پەرقى60 نەچچە مېتىرغا يېتىدۇ، يەنى60 نەچچە مېتىر ئېگىزلىكتىن شىنيۇتەنگە ئېقىپ چۈشىدۇ. شارقىراتما 60-70 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تىك قىيادىن پەسكە چۈشكەندە، يۈرەكنى لەرزىگە سالغۇدەك گۈلدۈرلىگەن ئاۋاز چىقىرىدۇ ھەمدە نۇرغۇن ئاق شايى پەردىلەر تۆۋەنگە چۈشۈۋاتقاندەك كۆرۈنۈشنى نامايان قىلىدۇ. سۇ شىددەت بىلەن شىنيۇتەنگە ئېقىپ چۈشكەندە، سۇ ئۈنچىلىرى ۋە سۇ تۇمانلىرىنى ھاسىل قىلىدۇ. چاچراپ چىققان سۇ تامچىلىرى يەنە يۈننەن-گۇيجۇ تاشيولىدا سىم-سىم يامغۇر يېغىۋاتقاندەك ھالەتنى پەيدا قىلىدۇ، ياز پەسىلى شارقىراتما ئالدىدا كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ھەسەن-ھۈسەن پەيدا بولۇپ، پۈتۈن تاغ جىلغىسى ئالتۇن رەڭلىك نېپىز شايىدىن كىمخاب ئارتىۋالغاندەك كۆرۈنىدۇ.

شارقىراتما ئۇدۇلىدىكى تاغ باغرى ۋە سۇ بويىغا «سۇ مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىش راۋىقى» ياسالغان. شارقىراتمىغا يېقىن جايدا ئۇزۇنلۇقى1 كىلومېتىر كېلىدىغان بىر «تەبىئىي كۆۋرۈك» بار، كەڭلىكى تەخمىنەن2-3 يۈز مېتىر كېلىدىغان بۇ كۆۋرۈك ئۈستىدە شەكلى ھەر خىل ھەم غەلىتە كەلگەن تاش ئورمان بار.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#