مىڭ قۇش كۆلى
مىڭ قۇش كۆلى دۆلەتنىڭ 3A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى، دۆلەتنىڭ سۇچىلىق مەنزىرە رايونى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاۋات ناھىيەسى گە قاراشلىق بۇلۇپ، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىك 1-شى قۇمقۇدۇق بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونى دائىرىسى ئىچىدە.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
مىڭ قۇش كۆلى دۆلەتنىڭ 3A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى، دۆلەتنىڭ سۇچىلىق مەنزىرە رايونى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاۋات ناھىيەسى گە قاراشلىق بۇلۇپ، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىك 1-شى قۇمقۇدۇق بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونى دائىرىسى ئىچىدە.
شىمالىي ئارال شەھىرى، جەنۇبىي تەرىپى قەشقەر ۋىلايىتىگە يېقىن. ئاقسۇ شەھىرىگە 80 كىلومېتىر كېلىدۇ. كونكرېت ئادرېس بولسا يېزا ئىگىلىك 1-شىسى 3-تۇەنى. 20 ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا تەبىئىي مۇھىتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن يېڭى قۇدۇق تۈزلەڭلىك سۇ ئامبىرى ياسىغان، كۆلىمى 51000 كۋادىرات مېتىر، ئامبار سىغىمى 86 مىلتون كۇب مېتىر بولۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ بېلىق تۇتۇش ۋە سۇ ئۈستى ساياھەت كىمىسى تەبىئىي مەنزىرە رايونى، 2004-يىلى جەمئىيەتكە ئېچىۋېتىلگەن.
مەنزىرە رايونىنىڭ كۆلىمى 51000 كۋادىرات مېتىر، رايون دائىرىسى كەڭ، ئاسمان كۆپكۆك سۈيىنى رەڭدار قىلىپ، تۈلۈك قۇشلار پەرۋاز قىلىدۇ. شىمالىي، غەربىي جەنۇب تەرىپىدىكى ئېتىز-ئېرىقلار رەتلىك بۇلۇپ، قۇيۇق يېزا ئىگىلىك مەنزىرىسىنى ھاسىل قىلىدۇ؛ شەرقىي شىمال تەرىپى بىپايان تەكلىماكان قۇملۇقى بۇلۇپ، ئالاھىدە جۇغراپىيەلىك مۇھىتى بىلەن رايونلارنىڭ ئۆزگىچە تەبىئىي مەنزىرىلەر بار.
مەنزىرە سۇ ئۈستى تەنھەرىكىتى رايونى، ساھىل سۇ رايونى، گۈل مەنزىرە رايونى، نەچچە يۈز ئارال رايونى، سۇ قۇشلىرى توپلاشقان رايون، ئورمان باغچىسى رايونى، شال رايونى، سۇلۇق يەر ئېكولوگىيە مەنزىرە رايونى ۋە ئىشلەپچىقىرىش، باقمىچىلىق رايونى بەرپا قىلىنغان.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.