چودا يېزىسى

چودا يېزىسى

چودا يېزىسى گۇما ناھىيەسى بازىرىنىڭ شەرقىگە 29.7 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، يەر شەكلى تۈزلەڭلىك بەلۋاغ، شەرقىي مۇجى يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمال تەرىپى ناھىيىلىك دۆلەت چارۋىچىلىق فېرمىسى، جەنۇبىي تارماق تاشيول، غەربىي موكويلا يېزىسى بىلەن قوشنا، شەرقتىن غەربكە ئوتتۇرچە كەڭلىكى 10 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئوتتۇرىچە ئۇزۇنلۇقى 220 كىلومېتىر، كۆلىمى تەخمىنەن 2200 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، قارمىقىدا 14 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار، نوپۇسى 10795 ئادەم.

ئۇيغۇرچە نامى چودا يېزىسى
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون گۇما ناھىيەسى
نوپۇسى 10795 ئادەم
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 2200 كۋادرات كىلومېتىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چودا يېزىسىيېزا ئەسلىدە مۇجى خەلق گۇڭشېسى چودا باشقۇرۇش رايونى، 1984-يىلى 10-ئايدا يېزا، كوپىراتىپ تەسىس قىلغاندا، ئايرىلىپ چودا يېزىسى تەسىس قىلىنغان. 2004-يىلى، پۈتۈن يېزا تەۋەسىدىكى n بىر كەنت ئاھالە كومىتېتى، 44-كەنت گۇرۇپپىسى، ئومۇمىي ئائىلە سانى ئىلگىرىكى 2513 گە، نوپۇس 11121 ئىدى.

چودا يېزىسىچودا يېزىسى ۋاكالەت نومۇرى : 653223205. يېزىدا ئون كەنت ئاھالە كومىتېتى : سېۋەتچاقا كەنتى، يايلىغان كەنتى، گولا كەنتى، گۈلباغ كەنتى، باشبۇلاق كەنتى، جەينەك كەنتى، چارىباغ كەنتى، ئاياغ چودا كەنتى، باشلاقبىنام كەنتى، لەڭگەر كەنتى، چودا دېھقانچىلىق مەيدانى قاتارلىقلار بار. 

چودا يېزىسى يەر شەكلى تۈز، جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ يانتۇ، جەنۇب چۆل تۇپراق، غەرب شىمالىدا قۇم بارخانلىرى ھاسىل بولۇپ، ئوتتۇرا قىسمى سۇغىرىش رايونلىرى، ئارىسىغا سازلىق، شال تېرىپ ئۆستۈرۈشكە، بېلىق بېقىشقا بولىدۇ. قۇرۇقلۇق كىلىماتى، يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃11.6، 7-ئايدا ئەڭ ئىسسىق تېمپېراتۇرا ℃24.9. بىرىنچى ئايدىكى ئەڭ سوغۇق تېمپېراتۇرا  ℃6.6-، قىروسىز مەزگىلى 210 كۈن، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 51 مىللىمىتىر. 

چودا يېزىسىچودا يېزىسى دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ، ئاساسلىقى بۇغداي، قوناق، قوشۇمچە ياغلىق دان، كېۋەز، مېۋە-چېۋە، بېدە قاتارلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. ئورمانچىلىق ئادەم كۈچى ئارقىلىق كۆچەت تىكىش ئاساس قىلىنىدۇ، تېرەك، سۆگەت، جىگدە، ئۆرۈك، شاپتۇل، ئۈجمە دەرىخى ۋە ياڭاق قاتارلىق مېۋىلىك دەرەخلەر، چېگرا ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىلغان قومۇش، جۇڭيى ئۆسۈملۈك دورىلىرى توشقان زەدىكى، چۈچۈكبۇيا قاتارلىقلار بار. ياۋايى ھايۋانلاردىن ياۋا چوشقا، سۇغۇ، تۈلكە ۋە ياۋا ئۆردەك قاتارلىقلار بار. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#