چودا يېزىسى
چودا يېزىسى گۇما ناھىيەسى بازىرىنىڭ شەرقىگە 29.7 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، يەر شەكلى تۈزلەڭلىك بەلۋاغ، شەرقىي مۇجى يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمال تەرىپى ناھىيىلىك دۆلەت چارۋىچىلىق فېرمىسى، جەنۇبىي تارماق تاشيول، غەربىي موكويلا يېزىسى بىلەن قوشنا، شەرقتىن غەربكە ئوتتۇرچە كەڭلىكى 10 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئوتتۇرىچە ئۇزۇنلۇقى 220 كىلومېتىر، كۆلىمى تەخمىنەن 2200 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، قارمىقىدا 14 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار، نوپۇسى 10795 ئادەم.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
چودا يېزىسى يەر شەكلى تۈز، جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ يانتۇ، جەنۇب چۆل تۇپراق، غەرب شىمالىدا قۇم بارخانلىرى ھاسىل بولۇپ، ئوتتۇرا قىسمى سۇغىرىش رايونلىرى، ئارىسىغا سازلىق، شال تېرىپ ئۆستۈرۈشكە، بېلىق بېقىشقا بولىدۇ. قۇرۇقلۇق كىلىماتى، يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃11.6، 7-ئايدا ئەڭ ئىسسىق تېمپېراتۇرا ℃24.9. بىرىنچى ئايدىكى ئەڭ سوغۇق تېمپېراتۇرا ℃6.6-، قىروسىز مەزگىلى 210 كۈن، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 51 مىللىمىتىر.
چودا يېزىسى دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ، ئاساسلىقى بۇغداي، قوناق، قوشۇمچە ياغلىق دان، كېۋەز، مېۋە-چېۋە، بېدە قاتارلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. ئورمانچىلىق ئادەم كۈچى ئارقىلىق كۆچەت تىكىش ئاساس قىلىنىدۇ، تېرەك، سۆگەت، جىگدە، ئۆرۈك، شاپتۇل، ئۈجمە دەرىخى ۋە ياڭاق قاتارلىق مېۋىلىك دەرەخلەر، چېگرا ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىلغان قومۇش، جۇڭيى ئۆسۈملۈك دورىلىرى توشقان زەدىكى، چۈچۈكبۇيا قاتارلىقلار بار. ياۋايى ھايۋانلاردىن ياۋا چوشقا، سۇغۇ، تۈلكە ۋە ياۋا ئۆردەك قاتارلىقلار بار. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.