ئون بەشىنچى ئىيۇل ئەكسىلئىنقىلابى سىياسىي ئۆزگىرىشى

ئون بەشىنچى ئىيۇل ئەكسىلئىنقىلابى سىياسىي ئۆزگىرىشى

«15-ئىيۇل» ئەكسىلئىنقىلابىي سىياسىي ئۆزگىرىشى بىرىنچى قېتىملىق گومىنداڭ بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيە ھەمكارلىقىنىڭ ئاخىر بۇزۇلغانلىقىدىن، بىرىنچى قېتىملىق ھەيۋەتلىك ئىچكى ئىنقىلابىي ئۇرۇشنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىدىن دېرەك بەردى.

ئۇيغۇرچە نامى ئون بەشىنچى ئىيۇل ئەكسىلئىنقىلابى سىياسىي ئۆزگىرىشى
ۋاقتى 1927-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى
خەنزۇچە نامى 七一五反革命政变

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئون بەشىنچى ئىيۇل ئەكسىلئىنقىلابى سىياسىي ئۆزگىرىشى1927-يىلى جياڭ جيېشى «12-ئاپرېل» ئەكسىلئىنقىلابىي سىياسىي ئۆزگىرىشىنى قوزغىغاندىن كېيىن ئۆزىنى ئەزەلدىن «سولچىلارنىڭ داھىيسى» دەۋالغان ۋۇخەن مىللىي ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى ۋاڭ جىڭۋېيمۇ بىردىنلا ئوڭغا بۇرۇلۇپ، ئىشچى-دېھقانلار ئىنقىلابىنى ئاشكارا باستۇردى ھەمدە كوممۇنىستىك پارتىيىگە ھۇجۇم قىلدى. 5-ئاينىڭ 8-كۈنى ۋۇخەن مىللىي ھۆكۈمىتى ئىشچى-دېھقانلار ئۆمەكلىرىنىڭ يىغىلىش ئۆتكۈزۈش ۋە نامايىش قىلىشىنى چەكلەش توغرىسىدا ئېلان چىقاردى. 21-كۈنى ۋاڭ جىڭۋېي شۈي كېشياڭغا «مارى ۋەقەسى» نى قوزغاش توغرىسىدا كۆرسەتمە بەردى. 22-كۈنى ئۇ يەنە ھەرقايسى جايلارغا «قىزىللاشتۇرۇش» ھەرىكىتىنى چەكلەشكە ھەمدە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە دېھقانلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەھبەرلىرىنى قولغا ئېلىشقا بۇيرۇق چۈشۈردى، ھەر تەرەپلىمە ئورۇنلاشتۇرۇشتىن كېيىن ۋاڭ جىڭۋېي 7-ئاينىڭ 15-كۈنى ئەكسىلئىنقىلابىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىدى.

ئون بەشىنچى ئىيۇل ئەكسىلئىنقىلابى سىياسىي ئۆزگىرىشى 1927-يىل 7-ئاينىڭ 15-كۈنى ۋاڭ جىڭۋېي سۇڭ چىڭلىڭ قاتارلىق گومىنداڭ سولچىلىرىنىڭ قەتئىي قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، ۋۇخەندە «كوممۇنىستىك پارتىيىدىن ئايرىلىش يىغىنى» نى چاقىرىپ كوممۇنىستىك پارتىيە بىلەن ئادا-جۇدا بولغانلىقىنى جاكارلاپ، ئىنقىلابقا ئاشكارا خائىنلىق قىلدى. ۋاڭ جىڭۋېي گۇرۇھى «مىڭ ئادەم بىھۇدە قىرىلسا مەيلىكى، بىر ئادەمنى توردىن چۈشۈرۈپ قويۇشقا بولمايدۇ» دېگەن ئەكسىلئىنقىلابىي شۇئارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كوممۇنىستلارنى، ئىنقىلابىي ئاممىنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلدى ۋە قىرغىن قىلدى. مانا بۇ «15-ئىيۇل» ئەكسىلئىنقىلابىي سىياسىي ئۆزگىرىشىدۇر.

«15-ئىيۇل» ئەكسىلئىنقىلابىي سىياسىي ئۆزگىرىشى بىرىنچى قېتىملىق گومىنداڭ بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيە ھەمكارلىقىنىڭ ئاخىر بۇزۇلغانلىقىدىن، بىرىنچى قېتىملىق ھەيۋەتلىك ئىچكى ئىنقىلابىي ئۇرۇشنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىدىن دېرەك بەردى.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#