ساچىر خانىم

ساچىر خانىم

ساچىر خانىم 1925-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى ئەنگىلىيەنىڭ شەرقى قىسمىدىكى لىنكولىننىڭ گىرانزىم دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. تولۇق ئىسمى ماگرىت خىردا روبىرتىس. ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى تەبىئىي پەنلەر باكالاۋرى، ئىجتىمائىي پەن ماگىستىرى2013-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى ۋاپات بولغان. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى ساچىر خانىم
باشقا نامى ماگرىت خىردا روبىرتىس
يۇرتى گىرانزىم
ۋاپات بولغان ۋاقتى 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى
كەسپى سىياسىيون
خەنزۇچە ئاتىلىشى 玛格丽特·希尔达·撒切尔
دۆلەت تەۋەلىكى ئەنگىلىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى 1925-يىلى10-ئاينىڭ 13-كۈنى
قان تىپى O
پۈتتۈرگەن مەكتىپى ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ساچىر خانىمساچىر خانىم ئەنگىلىيەنىڭ شەرقى قىسمىدىكى لىنكولىننىڭ گىرانزىم دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. تولۇق ئىسمى ماگرىت خىردا روبىرتىس. دادىسىنىڭ ئىسمى ئالبېرت روبىرتىس. دادىسى شەھەر ئىچىدىكى تۈرلۈك ماللار ماگزىنىنىڭ خوجايىنى ھەمدە يەرلىك سىياسەتلەرگە قىزغىن ئادەم بولۇپ شەھەر مەمۇرىيتى ھەيئىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ھەم ئادەتتىكى دىن تارقاتقۇچى بولغان. ئۇ 1945-1946-يىللىرى گىرانزىمنىڭ شەھەر باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. ئۇ«مۇتەسسىپ لېبىرالىست»بولۇپ، ئۇلارنىڭ جەمەت ئەنئەنىسدە ئىزچىل لېبرالىستلار پارتىيەسىگە بىلەت تاشلاپ كەلگەن. بىراق ئالبېرت بۈگۈنكى لېبرالىستلار پارتىيەسى «كوللىكتىۋىزم»نىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان دەپ قارىغاچقا، لېبرالىستلارغا بىلەت تاشلاشتىن ۋاز كېچىپ، ئەنئەنىۋى كونسېرۋاتىپلارنى لېبرالىستلارغا ئەڭ ۋەكىللىك قىلالايدۇ، دەپ قارىغان ھەمدە 1935-يىلى كونسېرۋارتىپلار پارتىيەسىدىن بولغان ۋېكتور ۋاررىفىدىرنىڭ سايلامدا يېڭىپ چىقىشىغا ياردەم بەرگەن. 1952-يىلى 5-ئايدا گىرانزمنىڭ يەرلىك پارلامېنتىدا تۇنجى قېتىم ئىشچىلار پارتىيەسى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈۋالغاندىن كېيىن، ئۇ تەبىئىيلا شەھەر مەمۇرىيىتى ھەيئىتىنىڭ ھەيئەت ئەزالىق ۋەزىپىسىدىن قالغان. ساچىر خانىمنىڭ ئانىسى بەترىيىس روبېرت فامىلىسى سىتفىنسون بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭ يەنە مورېل ئىسملىك بىر سىڭلىسى بار. ساچىر خانىم بىر ئائىلە كىشىلىرى ۋەسلەي مەزھىبى مۇرىتلىرىدىن.

ساچىر خانىمنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى ئالاھىدە بولۇپ، ئۇ كەستۋىن گىراماتېكا قىزلار مەكتىپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 1944-يىلى ئوكىسفورد ئونۋېرسىتېتى سومىرۋىيىل ئىنىستىتوتى تەرىپىدىن خىمىيە كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان. 1946-يىلى ئوكىسفورد ئونۋېرسىتېتى كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى جەمئىيتىنىڭ رەئىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ، بۇ ئورۇندا ئولتۇرغان ئۈچىنچى قىز بولۇپ قالغان. ساچىر خانىم ئىككىنچى دەرىجىلىك شەرەپ بىلەن مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىلگىرى–كېيىن بولۇپ، ئەنگىلىيەدە سېللوئىدنى تەتقىق قىلىپ ئاچقۇچى دورىگەر بولۇپ ئىشلىگەن ھەمدە J.Lyons and co شىركىتىدە ماروژنى ساقلاشنى تەتقىق قىلىشقا قاتناشقان. 

ساچىر خانىم ئەنگىلىيە سىياسىيونى. 1979-يىلىدىن 1990-يىلىغىچە ئەنگىلىيىنىڭ باش ۋەزىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. سالىسبۇرىدىن كېيىنكى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئەڭ ئۇزۇن ھەم 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يىلىۋىرپولدىن كېيىنكى ۋەزىپىنى ئۈزۈكسىز، ئەڭ ئۇزۇن ئۆتىگەن ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى، ئەنگىلىيە تارىخىدىكى بىردىنبىر ئايال ۋەزىر ھەم سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن ئاساسلىق سىياسىي پارتىيە رەھبىرى، ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئەمەلدارلىرى ئىچىدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك ئايال. شۈبھىسىزكى، ئۇ ھازىرقى زاماندىكى ئەڭ مۇھىم سىياسىيونلارنىڭ بىرى، شۇنداقلا كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشى ۋە يىرگىنىشىگە ئۇچرىغان شەخس.

ساچىر خانىمساچىر خانىم 1974-1970 يىللىرىدا ئىچكى كابىنېتقا كىرىپ، ئىدۋارد شىسنىڭ ئورنىغا مائارىپ ۋە ئىلىم-پەن باش ۋەزىرلىكىنى ئۈستىگە ئالغان. كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى تەخىتتىن چۈشكەندىن كېيىن، 1975-يىلى پارتىيە سايلىمىغا قاتنىشىپ شىسنى يەڭگەن، كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى ۋە ھۆكۈمەت تەرەپ ئۆكتىچىلەر پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. 1979-يىلى كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىگە باشلامچىلىق قىلىپ ھۆكۈمەتنى قايتا قولغا ئالغان. ساچىر خانىمنىڭ باشچىلىقىدا كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى 1979-يىلى، 1983-يىلى ۋە 1987-يىلى ئۈچ قېتىملىق سايلامدا يېڭىپ، 20-ئەسىردىكى ئەنگىلىيە ۋەزىرلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى رېكوتىنى ياراتقان، ئۇ 1990-يىلدىكى سايلامنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئون بىر يىللىق باش ۋەزىرلىك مۇساپىسىدە سايلامدا ئىزچىل ئۇتۇپ كەلگەن. بىراق 1990- يىلدىكى كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنڭ بىرىنچى قېتىملىق سايلىمىدا يۇقىرى پەرق بىلەن پارتىيە ئىچىدىكى رىقابەتچىسى مايكىل ھېسىلنى يېڭەلمىگەچكە، ئىستىپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ قىياس قىلغان نامزات يوھان مىج سايلامدا ئۇتۇپ مالىيە باش ۋەزىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.

1950-يىلدىن 1970-يىلغىچە

1950-يىللىق ۋە 1951-يىللىق سايلاملاردا ساچىر خانىم ئىشچىلار پارتىيىسى ئىگىلىگەن دارتفورد رايونلىرىدىن سايلىنىپ چىقىپ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئەڭ ياش كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنىڭ ئايال نامزاتى بولۇپ قالغان. ئۇنىڭ كېنت كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىۋاتقان مەزگىللەردە ئۇ يېڭىلا نىكاھتىن ئاجراشقان دەننىس ساچىر بىلەن تونۇشۇپ قېلىپ، ئىنتايىن تېزلا مۇھەببەت دەرياسىغا شۇڭغىغان ھەمدە 1951-يىلى توي قىلغان. دەننىس ئىنتايىن باي سودىگەر بولۇپ، ساچىر خانىمنىڭ قانۇن پەنلىرى بويىچە ماگېستىرلىقنى داۋاملاشتۇرۇشىغا ۋە ئادوۋكاتلار ئۇيۇشمىسىغا ئوڭۇشلۇق كىرىشىگە ياردەم قىلغان، ساچىر خانىممۇ شۇنىڭغا يارىشا 1953-يىلى ئەرز-شىكايەت ئادوۋكاتلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ھەمدە باج قانۇنى تەتقىقاتى بىلەن مەخسۇس شۇغۇللانغان. شۇ يىلى، بۇ ئەر-ئايال ئىككىيلەن بىر جۈپ قوشماق پەرزەنتلىك بولۇپ، ئوغلىغا كارول ۋە قىزىغا مارك دەپ ئىسىم قويغان.

تېنچ مۇقىم بولغان ئاۋام پالاتا كونسىرۋاتىپلار پارتىيىسى مانداتى ئىزدەش ئۈچۈن، 1954-يىلى ساچىر خانىم ئورپىڭتوندىكى سايلامنى چىرايلىقچە رەت قىلغان، كېيىن ئۇ يەنە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تەلەپلەرنى رەت قىلغان. تاكى 1958-يىلى 4-ئايدا ئاندىن فېچلى سايلام رايونىدا سايلامغا چىقىشنى قارار قىلغان ھەمدە 1959-يىلى غەلبىگە ئېرىشىپ رەسمىي تۈردە ئەنگىلىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ پالاتا ئەزاسى بولغان. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى، ساچىر خانىم ئاۋام پالاتاسىدىكى تۇنجى نۇتقىدا ئۆزىنىڭ شەخسىي قانۇن لايىھىسىنى سۆزلىگەن. (ئادەتتە بۇنداق ۋاقىتتا باشقا پارلامېنت ئەزالىرى ھۆكۈمەت تەرەپ تەمىنلەپ بەرگەن قانۇن لايىھىسىنى سۆزلەيتتى)، ئۇنىڭ نۇتىقىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى يەرلىك پارامېنتنىڭ يىغىنلىرى چوقۇم ئاممىغا ئاشكارا بولۇشى كېرەك دېگەنلەردىن ئىبارەت بولۇپ،  بۇ نۇتۇق ئەڭ ئاخىرىدا پارلامېنتتا ماقۇللاشتىن ئۆتكەن. 1961-يىلى ئۇ كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنىڭ كۆز قارىشىغا قارشى چىققان.

1961-يىلى 9-ئايدا، ساچىر خانىم پېنسىيە تەمىانتى ۋە خەلق سۇغۇرتىسى مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن سىياسىي ئەمەلدارلىقىغا سايلىنىپ، 1964-يىلى كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى چوڭ سايلامدا مەغلۇب بولغانغا قەدەر ۋەزىپە ئۆتىگەن. كېنەز ئالېك دوگىلاس خوم خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرگەندىن كېيىن، پارتىيە ئاتامانلىق سايلىمى شېس بىلەن رېگىنالىد ماۋدىڭ ئارىسىدا باشلىنىپ كەتكەن، ساچىر خانىم بولسا ئالدىدىكىسىگە بېلەت تاشلىغان. نەتىجىدە شېس غەلبە قىلىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن ساچىر خانىمنى كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنىڭ يەر-مۈلۈك ۋە ئولتۇراق ئۆي ئىشلىرى توغرىسىدىكى باياناتىچىلىق ئورنىغا قويغان، ھەمدە 1966-يىلى مالىيە ئىقتىساد كوللىكتىپىغا ئۆستۈرگەن. پارلامېنت مۇنازىرىسىدە، ساچىر خانىم ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ يېڭى باج قانۇنىغا ھۇجۇم قىلىپ، بۇ يېڭى باج قانۇنىنى سوتسىيالىزىمغا قاراپ چوڭ قەدەم تاشلىغان ھەمدە كوممىنىزمغا قاراپ ماڭغان دەپ ئەيىبلىگەن، شۇنىڭلىق بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ كۈچلۈك بولغان پارلامېنت مۇنازىرىچىسى دېگەن نامىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىگەن.

1983-يىلدىن 1987-يىلغىچە

ساچىر خانىم ئامال قىلىپ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ھوقۇقىنى ئاجىزلىتىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمما تەدبىرلىرى شېس ھۆكۈمىتىنىڭكىگە ئوخشاپ قالمىغان. شېس ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق تەدبىرى نوقۇل بولغان قانۇن لايىھىسى بولۇپ، ئەمما ساچىر خانىم كۆپ سىتىۋوللۇق باشقۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. ئەينى ۋاقىتتا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئېلىپ بارغان نەچچە قېتىملىق ئىش تاشلاش ھەرىكىتى ساچىر خانىمنى سىياسىي سەھنىدە چەكسىز قىيناشنى مەقسەت قىلغان. بۇنىڭ ئارىسىدا دۆلەتلىك كان ئىشچىلىرى بىرلەشمىسى قوزغىغان ئىش تاشلاش ھەرىكىتى بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى بولالايدۇ.

1984-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى تاڭ سەھەر، يەنى ساچىر خانىمنىڭ 59 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنىڭ ھارپىسى، ئېرلاندىيە جۇمھۇرىيىتى بىرلەشمە ئارمىيىسى كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى چوڭ يىغىنىنىڭ نەق مەيدانىدا، بىرىگتوننىڭ گىراند مېھمانخانىسىدا بىر قېتىملىق ۋەھشىي بولغان بىرىگتون گراند مېھمانخانىسى چوڭ پارتلىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ساچىر خانىم بەختكە يارىشا ھېچقانداق خىيىم-خەتەرگە ئۇچرىمىغان بولسىمۇ، ئەمما يىغىندىكى بەش ئادەم نەق مەيداندا جېنىدىن ئايرىلغان. بۇلاردىن باشقا پارتىيە ئاتامانى جون ۋاكخامنىڭ ئايالى ۋە كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى ئاۋام پالاتا ئەزاسى ئانتونى بېررى، ئىچكى كابېنت ئەزاسى نومان تەيىبلەرمۇ بۇ پارتلاشتا ئېغىر يارىلانغان. نوماننىڭ ئايالى پارتلاشتىن كېيىن پالەچ بولۇپ قالغان. ۋەقەدىن كېيىن ساچىر خانىم كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنىڭ چوڭ يىغىنىنى داۋاملىق ئېچىۋېرىشتا چىڭ تۇرغان، ھەمدە چوڭ يىغىندا سەھنىگە چىقىپ سۆز قىلىپ، بومبا قويغان قاتىلنى كۆزگە ئىلىپمۇ قويمىغان، بۇ ئىشلار سىياسىي ساھەدە خېلى مەزگىلگىچە غۇلغۇلا قوزغاپ، ساچىر خانىمنىڭ شۆھرىتىنى ئاشۇرغان.

ساچىر خانىمكونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى 1970-يىلى چوڭ سايلامدا غەلبە قىلغاندىن كېيىن، ساچىر خانىم ئۆز ئارزۇسى بويىچە ئىچكى كابېنتقا كىرىپ، مائارىپ ۋە پەن-تېخنىكا ۋەزىرلىكىنى ئۈستىگە ئالغان. ئۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان تۇنجى ئېيىدا، مائارىپ چىقىمىنى ئازايتىش ئۈچۈن، ئۇ مەملىكەتتىكى ھەرقايسى مەكتەپلەرنى كۈنىگە بىر خالتىدىن سۈت بىلەن تەمىنلەش سىياسىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. نەتىجىدە، بارلىق يەسلى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تەمىنلىنىدىغان سۈتتىن مەھرۇم قالغان.

بۇ ئىش كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان. بۇنىڭ ئىچىدە «قۇياش گېزىتى» بۇ سەۋەبلىك ساچىر خانىمنى «ماگرېت ساچىر ــــ سۈتتىن مەھرۇم قالدۇرغۇچى» دەپ مەسخىرە قىلغان.

ئەنگىلىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى شۇ يىلى 2-ئايدا 1974-يىللىق چوڭ سايلامدا مەغلۇب بولغاندىن كېيىن، ساچىر خانىم سايە كابېنتتا مۇھىت ئىشلىرى ۋەزىرلىكىنى ئۈستىگە ئالغان. بۇ مەزگىلدە، ئۇ يەرلىك ھۆكۈمەت مۇلازىمىتى چىقىمىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان باج تۈزۈلمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنىڭ قوللاشقا ئېرىشىش نىسبىتىنى ئاشۇرغان.

ساچىر خانىم سىر كەيىز جوسىپ كېنەزنىڭ قارىشىغا قوشۇلۇپ، شېس ھۆكۈمىتىنى پۇل سىياسىتى جەھەتتە كونتروللۇقنى يوقاتتى دەپ قارىغان. شېس 1974-يىلدىكى ئىككىنچى قېتىملىق سايلامدىمۇ مەغلۇب بولغاندىن كېيىن، سىر كەيىز جوسىپ كېنەز شېسنى كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنىڭ ئاتامانلىق ئورنىغا چىقىرىشقا تىرىشقان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزى نۇتۇق سۆزلىگەندە بىخەستەلىك قىلىپ بۇ نىيىتىدىن يانغان. نەتىجىدە شېس بىلەن كۆز قارىشى ئوخشاش بولغان ساچىر خانىم شېس بىلەن بىرلىكتە بۇ قېتىملىق پارتىيە ئاتامانىنى سايلاش سايلىمىغا قاتنىشىش نىيىتىگە كەلگەن ھەمدە ئويلىمىغان يەردىن تۇنجى قېتىملىق سايلاشتىلا سېسنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەن، شېس شۇنىڭ بىلەن سايلامدىن چېكىنىپ چىقىپ كەتكەن. 1975-يىلى 2-ئايدا، ساچىر خانىم ئىككىنچى قېتىملىق بېلەت تاشلاش سايلىمىدا شېسنىڭ ئۈمىدلىك ئىزباسارى ۋېليام ۋېيتلاۋنى مەغلۇب قىلىپ، رەسمىي ھالدا كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنىڭ ئاتامانى بولغان. كېيىن ئۇ ۋېليام ۋېيتلاۋنى مۇئاۋىن ئاتامانلىققا سايلىغان.

ساچىر خانىم1976-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى، ساچىر خانىم كېنسىڭتون ئىجتىمائىي پائالىيەت زالىدا بىر قېتىملىق نۇتۇق سۆزلەپ، زەھەرخەندىلىك بىلەن روسىيىنى ئەيىبلىگەن.

روسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى بايانات ئېلان قىلىپ ساچىر خانىمنى «تۆمۈر ئايال» دەپ ئاتىغان. بۇ ئىسىم كېيىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان. ساچىر خانىم بۇنداق ئاتاشنى ئىنتايىن ياقتۇرۇپ، بۇ نامنىڭ ئۇنىڭ قەتئىيلىكى ۋە تەۋرەنمەيدىغان خاراكتېرىنى ئىنتايىن يورۇتۇپ بەرگەن دەپ قارىغان. ساچىر خانىم بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر نەچچە مەشھۇر لەقەملىرى بار بولۇپ، ئۇلار: «تىنا» (يەنى ئېنگىلىزچە بۇيەردە باشقا تاللاش ئىمكانىيىتى يوق دېگەن سۆزنىڭ باش ھەرپ قىسقارتىلمىسى) «چوڭ چىشى پىل»، «ئاتىللانىڭ مېكىيانى» ۋە «مىلىچ ماللار خوجايىنىنىڭ قىزى» قاتارلىقلار. ئەڭ ئاخىرقى لەقىمىدىكى «مىلىچ ماللار دۇكىنىنىڭ خوجايىنى» ئەمەلىيەتتە ساچىر خانىمنىڭ دادىسىنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئەينى ۋاقىتتا ساچىر خانىم بىلەن شېس ئىتتىپاقداش بولغاچقا، كىشىلەر «مىلىچ ماللار دۇكىنىنىڭ خوجايىنى» دېگەننى شېسكە قارىتىلغان دەپ ئويلىغان. چۈنكى شۇ چاغدا كىشىلەر شېسنى «مىلىچ ماللار دۇكىنى خوجايىنى» دەپ مەسخىرە قىلغان.

دەسلەپتە ساچىر خانىم پارتىيە ئىچىدىكى مۇقىملىقنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، شېس تەرەپتىكى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى سايە كابېنتقا كىرىشكە تەكلىپ قىلغان. ئۇ كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنىڭ ئۆزىنىڭ «پۇل مەسلىكى» تەشەببۇسىنى قوللىشىغا ئىنتايىن ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلغان بولسىمۇ، شېسنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى شوتلاندىيە يەرلىك ھۆكۈمىتىگە چۈشۈرۈپ بېرىش سىياسىتىگە كۈچلۈك قارشى تۇرغان. 1978-يىلى، ساچىر خانىم گىراندا تېلىۋېزىيە ئىستانىسىسىنىڭ «دۇنيا ھەرىكىتى» پىروگراممىسىنىڭ بىر قېتىملىق زىيارىتىدە، ئۆزىنىڭ چەت ئەل كۆچمەنلىرىنىڭ ئەنگىلىيىگە كىرىپ كېلىشىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى ئېتقان ھەمدە بۇنىڭلىق بىلەن جەمئىيەتتە ئاز بولمىغان غۇلغۇلىلارنىڭ قوزغىلىشىغا سەۋەبچى بولغان. بۇ مەسىلە مەلۇم مەنىدىن چېكىدىن ئاشقان ئوڭچىللار پارتىيىسى «ئەنگىلىيە مىللىي بىرلىك سەپ»ى قوللىغۇچىلىرىنىڭ قايتىدىن كونسېۋاتىپلار پارتىيىسى قوينىغا قايتىپ كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

1979-يىلى چوڭ سايلامدىن ئىلگىرى، كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى گەرچە خەلق خاھىشى تەكشۈرۈشىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن بولسىمۇ، ئەممە ئىشچىلار پارتىيىسىدىكى جېمىس كارخاننى قوللايدىغانلارمۇ كۈچلۈك بولغان. كارخان پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىشتا ئىككىلىنىپ، يەنىلا تارقاتمىغان. ئويلىمىغان يەردىن 1978-يىلى ئاخىرى، 1979-يىلىنىڭ بېشى ئىچىلار بىلەن كاپىتالىستلار ئارىسىدىكى تلاش-تارتىشتىن قىيىن ھالەتكە چۈشۈپ قالغان، بۇ تارىختا «كۆڭۈلسىز قىش» دەپ ئاتالغان. كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ «ئىشچىلار پارتىيىسى ئىشەنچتىن قالدى» دېگەن تېمىدا تەشۋىقات ئېلانى چىقارغان ھەمدە ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ سىياسەتسىزلىكى يۇقىرى دەرىجىدىكى ئىشسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ قارىغان. 1979-يىلى ئەتىيازدا كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى 44 ماگنات بىلەن غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەن، ساچىر خانىم ئەنگىلىيە تارىخىدىكى تۇنجى ئايال ۋەزىر بولغان.

ساچىر خانىم 1979-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى، يېڭى ھۆكۈمەتنى قۇرغان، ساچىر خانىمدىن كۈتۈلىدىغان ئۈمىد ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، ئەنگىلىيىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئىقتىسادىي چېكىنىشىنى ئوڭشاشقا ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادقا ئارىلىىۋېلىشىنى توساشقا كۈچ چىقىرىشتا كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن كۈتكەن ئۈمىدى ھەقىقەتەن زور ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇ ئۆزىنىڭ زىممىسىگە يەنە ئۇلۇغ خان جەمەتى دۆلىتىنىڭ ئىلگىرىكى سەلتەنىتىنى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتتىكى تەسىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ۋەزىپىمۇ يۈكلەنگەن. بۇنىڭ ئۈچۈن، 1980-يىلى ئامېرىكا پىرىزدېنتلىقىغا سايلانغان رونالىت رېگىن بىلەن بىرخىل ئىدىيە ۋە ھېسىي جەھەتتىكى ئىتتىپاقلىقنى ئورناتقان؛ 1984-يىلى كانادا پىرىزدېنتلىقىغا سايلانغان مارتىن بورايىن مارلون بىلەن بولسا ئىنتايىن نازۇك ئىتتىپاقلىقنى ئورناتقان.

1980-يىلى 5-ئايدا، ئېرلاندىيە پىرىزدېنتى چارلىس خاڭھېي ئەنگىلىيىگە زىيارەتكە كېلىپ، ساچىر خانىم بىلەن شىمالىي ئېرلاندىيە مەسلىسى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشتىن بىر كۈن ئىلگىرى، ساچىر خانىم ئاۋام پالاتادا مۇنداق دەپ ئۆتكەن: «شىمالىي ئېرلاندىيىنىڭ ئاساسىي قانۇن تۈزۈش مەسىلىسى، شىمالىي ئېرلاندىيە خەلقىنىڭ ئىشى، شۇ يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىشى، شۇ جەمئىيەتنىڭ ئىشى، باشقا «مۇناسىۋەتسىز» كىشىلەرنىڭ بۇنىڭغا ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق.»

1981-يىلى، بىر تۈركۈم ئېرلاندىيە جۇمھۇرىيىتى ۋە ئېرلاندىيە مىللىي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ مەھبۇسلىرى، شىمالىي ئېرلاندىيىدىكى مازى تۈرمىسىدە ئۇمۇميۈزلۈك ئاشلىق ئېلان قىلىپ، بەش يىل بۇرۇن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان سىياسىي جىنايەتچى سالاھىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. بۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇنجى بولۇپ ئاشلىق ئېلان قىلغىنى، بوببېي ساندىس، ئاشلىق ئېلان قىلىشتىن نەچچە ھەپتە ئىلگىرى فېرماناخ ۋە جەنۇبىي تايرون سايلام رايونلىرىدا تۆۋەن پالاتا ئەزالىقىغا سايلانغان بولسىمۇ، ئاشلىق ئېلان قىلىش جەريانىدا جېنىدىن ئايرىلغان ئىدى.

ساچىر خانىم مەھبۇسلارنىڭ ئاشلىق ئېلان قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندە مەيدانىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، ئۇلارنىڭ سىياسىي سالاھىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قەتئىي رەت قىلغان، ھەمدە «جىنايەت ئۇ ھامان جىنايەت، بۇنىڭ سىياسىي بىلەن مۇناسىۋېتى يوق» دېگەن. مەھبۇسلار ئارىسىدىن توققۇز ئادەم ئاشلىق ئېلان قىلىپ ھاياتىدىن ئايرىلغاندا، مەھبۇسلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن ئاشلىق ئېلان قىلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىنلا، ساچىر خانىم شۇ مەھبۇسلارنىڭ ئارىسىدىكى مەلۇملىرىنىڭ سىياسىي سالاھىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ماقۇل بولغان. بۇ ۋەقە ئېرلاندىيە جۇمھۇرىيىتىنى ئۆزىنى تەشۋىق قىلىدىغان ياخشى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن، سېن فېئىم پارتىيىسى ئاشلىق ۋەقەسىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەپ، ئۆزىنىڭ قوللىغۇچىلىرىنى كۆپەيتكەن.

بۇنىڭدىن باشقا، ساچىر خانىم ئالدىنقى ئىشچىلار پارتىيىسى ھۆكۈمىتى يولغا قويغان «ئۇلىستىللاشتۇرۇش» تۈزۈمىنى داۋاملىق قوللانغان. بۇ تۈزۈمنى ئەسلىدە ئالدىنقى ھۆكۈمەت ئىشچىلار پارتىيىسى ھۆكۈمىتىنىڭ شىمالىي ئېرلاندىيە ئىشلىرى ۋەزىرى روي ماسون ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇ شىمالىي ئېرلاندىيىنىڭ بىرلىككە كېلىشىنى خالايدىغانلار ئەسلىدە ئالدىنقى سەپتە تۇرۇپ ئېرلاندىيە جۇمھۇرىيىتىگە قارشى جەڭ قىلىشى كېرەك دەپ قارىغان. بۇ تەكلىپنىڭ بىر تەرەپتىن ئەنگىلىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ شىمالىي ئېرلاندىيىدىكى بېسىمىنى ئازايتالىسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلىستار مۇداپىئە قوشۇنى ۋە خان جەمەتى ئۇلىستار ساقچى ئورۇنىنى يۇقىرى كۆتۈرەلىگەن.

رونالد رېگىن ئارتۇر لاففېر ۋە جۇدى ۋاننىسكىلار تەشەببۇس قىلغان سىتىراتىگىيىلەرگە ئوخشىمىغان يول تۇتقان بولۇپ، ساچىر خانىم ئاساسىي جەھەتتىن مېلتون فېرىدمەننىڭ پۇل مەزھىپى نەزەرىيىسىنى قوللىغان؛

ئەنگىلىيە دۆلەت مۇداپىئە خىراجىتى ساچىر خانىم ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە كېمەيتىشكە ئۇچرىغان. بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي ئاتلانتىك ئوكيان رايونلىرى، قۇتۇپ رايونلىرى چارلىغۇچىلىرى كېمىلىرىمۇ مەجبۇرىي ھالدا ھەربىي سەپتىن چېكىندۈرۈلگەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە كۆچمەن ئاھالىلەر ئىسلاھاتىدا بۈيۈك بېرتانىيە ئىمپىرىيىسى يەرلىك ساقىندىلىرى ئاۋام خەلقلىرىنىڭمۇ ھوقۇق-مەنپەئەتى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغان. مۇستەملىكىدە تۇرۇۋاتقان شياڭگاڭنى 19970يىلى جۇڭگوغا قايتۇرۇپ بېرىش مەسلىسى بىلەن نۇرغۇنلىغان شياڭگاڭلىقلار ئەنگىلىيىگە كۆچۈپ كىرگەن. ساچىر خانىم بۇنىڭغا قارىتا شياڭگاڭلىقلارنىڭ ئەنگىلىيىدە ئولتۇراقلىشىپ قېلىش ھوقۇقى يوق دەپ جاركارلىغان بۇ سەۋەبلىك بىرقىسىم مۇنازىرىلەر كېلىپ چىققان. ئەمما شياڭگاڭغا بولغان ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنى جۇڭگوغا قايتۇرۇپ بېرىش ئىشى ساچىر خانىم ۋەزىپىگە ئولتۇرغان مەزگىلدىكى قارار چىقىرىشى ئەڭ تەسكە توختىغان دېپلوماتىيە مەسىلىسى بولۇپ قالغان.

كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى 1983-يىلسىكى چوڭ سايلامدا غەلبە قىلىشى، ئىشچىلار پارتىيىسى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتسىز ئەمەس. ئىشچىلار پارتىيىسى ھۆكۈمىتى 1979-يىلى تەختتىن غۇلىغاندىن باشلاپ، بۇ پارتىيە شۇ يىلى قۇرۇلغان بىرلەشمە ئاكتىپلار تەرەپتىن كونترول قىلىپ كەلگەن بولۇپ، پارتىيە «سولچىل»لىشىشقا قاراپ ماڭغان. بۇ تەرەپ ئۇلارنىڭ ھۆكۈمىتىنى سولچىل قاناتلاشتۇرۇشنىڭ ئېنىق ئىسپاتى بولۇپ قالغان. بۇ خىل سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزگۈرۈش نەتىجىسىدە نۇرغۇنلىغان پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئىشچىلار پارتىيىسى ئاستىدىكى ئاۋام پالاتا ئەزالىرى 1981-يىلى ئىشچىلار پارتىيىسىدىن ئايرىلىپ چىقىپ كېتىپ،  دېموكراتىك جەمئىيەت پارتىيىسىنى قۇرغان. نەتىجىدە 1983-يىلدىكى چوڭ سايلامدا، گەرچە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يادرو قوراللىرى تەھدىتىگە ئۇچراپ تۇرسىمۇ، ئىشچىلار پارتىيىسى دۆلەتنى يادرو قوراللىرىدىن توساش تەشەببۇسىدا چىڭ تۇرغان ھەمدە ياۋروپا ئورتاق گەۋدىسىدىن چىقىپ كېتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ساچىر خانىمنىڭ ئىقتىسادى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىسلاھاتىغا توسقۇنلۇق قىلغان. ئىشچىلار پارتىيىسى پالاتا ئەزاسى گېرالىد كافمەن بۇنىڭغا نىسبەتەن، ئىشچىلار پارتىيىسى 1983-يىلدىكى چوڭ سايلامنىڭ سايلام نۇتىقىدا تارىختىكى ئەڭ ئۇزۇن ۋەسىياتنامىنى ئوقۇيدۇ، دېگەن.

يېڭى قۇرۇلغان دېموكراتىك جەمئىيەت پارتىيىسى بىلەن ئەركىنلىك پارتىيىسى بىرلىشىپ ئىتتىپاق تۈزۈپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدىكى يوچۇقتىن پايدىلىنىش ئارقىلىق، سايلامدىكى چوڭ قوللاشقا ئىگە بولماقچى بولغان. ئەمما ئىتتىپاقلىقنىڭ كەم بولغانلىقىدىن كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى %42.4 بېلەتكە ئېرىشكەن، گەرچە بۇ سان 1979-يىلدىكى سايلامدىن تۆۋەن بولسىمۇ، ئەمما سايلام كۆپ بېلەتلىك ئاددىي تۈزۈمنى قوللانغاچقا، ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ تارقىلىپ كېتىشى كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنىڭ غەلبە قىلىش ئىمكانىيىتىنى ئاشۇرغان، ھەمدە شۇنىڭلىق بىلەن كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى غەلبە قىلىپ، پارلامېتتىكى 144 ئورۇننى ئىگىلىگەن.

ساچىر خانىمساچىر خانىمنىڭ سىياسىي پەلسەپىسى بىلەن سىياسىي تەشەببۇسى «ساچىرىزم »دەپ ئاتالغان بولۇپ، بۇ مالىيە جەھەتتىن پۇل سىياسىتى، ئاممىۋى خىراجەتنى قىسقارتىش، باجنى تۆۋەنلىتىش، ئىقتىسادى جەھەتتە كەڭ كۆلەمدە خۇسۇسىيلاشتۇرۇش، ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادى پائالىيەتلىرىگە قارىتا نازارەت قىلىشىنى ئازايتىشنى، ئىجتىمائىي سىياسەت ساھەسىدە تىرىشىپ «پاراۋان دۆلەت»لىك خۇسۇسىيىتىدىن قۇتۇلۇپ چىقىش، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق تۈزۈمنى ئازايتىش ۋە كونترول قىلىشتەك مەزمۇنلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ يەنە باش ۋەزىرلىك ۋەزىپىسى ئۆتىمەستىن بۇرۇن كوممۇنىزمغا قارشى تۇرغانلىقتىن سوۋېت ئىتتىپاقى ئاخبارات ۋاستىلىرى تەرىپىدىن «تۆمۈر ئايال» دەپ ئاتالغان. ئاخىرىدا بۇ لەقەم ئۇنىڭ ئاساسلىق بەلگىسىگىمۇ ئايلىنىپ قالغان.

ساچىر خانىم باش ۋەزىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن مەزگىلدە، ئەنگىلىيىنىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت قىياپەتلىرىدە چوڭقۇر ۋە زور ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەن. ئۇ مۇۋەپىقىيەتلىك ھالدا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ كۈچىنى ئاجىزلىتىپ، سىياسىي ۋەزىيەتلەرنىڭ ئېنىرگىيە مەنبەسىنى يوقاتقان. ئەنگىلىيە دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قىيىن ئەھۋالىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن «ئورتاق تونوشتىكى سىياسەت» ۋە كېينېسىسىئانىزمدىن ۋاز كېچىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادى پائالىيەتلەرگە قول تىقىشىنى ئازلاتقان، كۆپ قىسىم دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كەسىپلەرنى خۇسۇسىيلاشتۇرۇش، ئەمگەك كۈچى بازىرىنى يەنىمۇ ئېلاستىكىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرىدا ئەنگىلىيە ئىقتىسادىنى ئۇزاق مۇددەتلىك «پۇل پاخاللىقى ۋە ئىستېمال تەلىپىنىڭ ئاشماسلىقى»دەك ۋەزىيەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالغان. 1981-يىلىدىن كېيىن ئەنگىلىيە ئىقتىسادىنىڭ يىللىق ئەمەلىي ئېشىش نىسبىتى %3 دىن يۇقىرى بولۇپ، ياپونىيە قاتارلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان. ئىجتىمائىي مەدەنىيەت ساھەسىدە، پاراۋانلىق تۈزۈلمىسدىكى «ئەمگەك قىلماي تۇرۇپ نەپكە ئېرىشىش» ئىدىيىسىگە كۈچىنىڭ يېتىشىچە زەربە بەرگەن. ئۇ ئەنئەنىۋى ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە ئەدەپ-ئەخلاقىنى مەدھىيلەپ، تىرىشىپ ئىشلەش ئارقىلىق بايلىق يارىتىشنى تەشەببۇس قىلغان بولسىمۇ بايلىقنىڭ قايتا تەقسىملىنىشىنى تەشەببۇس قىلمىغان.

«ساچىرىزم»نىڭ يولغا قويۇلۇشى، ئەنگىلىيە جەمئىيتىدە چوڭقۇر بۆلۈنۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بولۇپمۇ مالىيىنى قىسقارتىش بىلەن كەسىپنى ئۆزگەرتىش ئەنگىلىيىنىڭ ئەنئەنىۋىي ئىگىلىكىگە (مەسىلەن: كۆمۈركان ساھەسى) زور زەربە ئېلىپ كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن ساچىر خانىم شوتلاندىيە، جەنۇبىي ۋىلىشلار، شىمالىي ئەنگىلىيىدىكى يوركىشىر، كېنتىر، دورھام قاتارلىق ئەنئەنىۋى كان ئاچىدىغان رايونلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەن. ھازىرغا قەدەر كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى يۇقىردا دېيىلگەن جايلاردىكى سايلامدا ئاز بېلەتكە ئېرىشكەن.

ئەنگىلىيەدە ساچىر خانىمغا بېرىلگەن باھامۇ ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنگەن بولۇپ، بەزىلەر ساچىر خانىم  ئەنگىلىيەنىڭ ئىقتىسادىنى قۇتقۇزۇۋالدى دەپ قارىسا، يەنە بەزىلەر رەدىيە بېرىپ، ئۇ دۆلەت ئىچىدىكى ئەنئەنىۋى ئىگىلىكنىڭ ئاجىزلىشىشى، باي-نامراتلىق پەرقىنىڭ چوڭىيىپ كېتىشىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك دەپ قارىغان. كۆپ سانلىق كىشىلەر گەرچە ساچىر خانىمنىڭ سىياسىتىدە ئەنگىلىيە ئىقتىسادى بىر مەزگىل قالايمىقان ھەم قىيىن مەزگىلگە چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ، بىراق بۇ ئەنگىلىيە ئىقتىسادى شۇنداقلا زامانىۋى ئىقتىساد بېسىپ ئۆتمىسە بولمايدىغان باسقۇچ دەپ قارىغان. قانداقلا بولىشىدىن قەتئىينەزەر، 1990-يىلى ساچىر خانىم تەختتىن چۈشكەندىن كېيىن ۋەزىپىنى ئۆتكۈزۈۋالغان كونسېرۋاتىۋلار پارتىيەسىدىن بولغان مېيجى ھۆكۈمىتى بىلەن ئىشچىلار پارتىيەسىدىن بولغان بولەيئېر ھۆكۈمىتى تاكى 2008-يىلى دۇنيا ئىقتىسادى بوھرىنى پارتلىغانغا قەدەر، ئۇ يەنىلا كېڭەيتكەن (ئومۇملاشتۇرغان) ئىقتىسادى ئۆزگەرتىشنى بويلاپ ماڭغان.

تاشقى ئىشلار جەھەتتە-ئىجتىمائىي ئاڭ شەكلى يېقىن كېلىدىغان ئامېرىكا پىرىزدېنتى رونارد ۋېرسون رېگان بىلەن ئىتتىپاقداش بولۇپ «ئەنگىلىيە-ئامېرىكا ئالاھىدە مۇناسىۋىتى»نى چوڭقۇرلاشتۇرغان. رېگاننىڭ مالىيە سىياسىتى يەنە «رېگان ئىقتىسادشۇناسلىقى»دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ ساچىرخانىمنىڭ مالىيە سىياسىتى بىلەن بۇ سىياسەت ئوتتۇرىسىدا يۇقىرى دەرىجىدە ئوخشاشلىق بار بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا 1982-يىلىدىكى مالىۋېناس تاقىم ئاراللىرى ئۇرۇشى ئەنگىلىيەنى ئاسان قولغا كەلمەيدىغان پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. ساچىر خانىم ئارگنتېنانى قايتا قۇرۇش ئارمىيەسى ئارقىلىق مالىۋېناس تاقىم ئاراللىرىنى قايتۇرۋېلىپ، ئەنگىلىيەنىڭ چوڭ دۆلەتلىك ئوبرازىنى مەلۇم دەرىجىدە قايتا تىكلەپ، ئەنگىلىيە خەلقىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. ساچىر خانىم يەنە رېگاننىڭ مۇھىم شېرىكلىرىدىن بىرى. ئۇ غەرب دۆلەتلەرنىڭ سوۋىت ئىتتىپاقى ئۇرۇشىدا غەلبە قازانغان رەھبىرى ھەم سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى غەلبىسىنىڭ داھىيلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ.

ساچىر خانىم ھوقۇق تۇتقان كېيىنكى مەزگىلدە، خامچوت تەڭپۇڭلۇقى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن يەرلىك باجنى ئىجتىمائىي رايونلاردا ئادەمنى بىرلىك قىلىپ يىغىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ «كىشى بېشى باج» دەپ ئاتىغان. بۇ سىياسەت ساچىر خانىمنىڭ كىشىلەر قەلبىدىكى ئوبرازىنى ئېغىر دەرىجىدە چۈشۈرۋەتكەن. كۆپ قىسىم يەرلىك ھۆكۈمەت مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ  باج نىسبىتى يۇقىرى كۆتۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن دۆلەت ئىچىدە كۈچلۈك قارشىلىق كۆتۈرۈلگەن. مۇشۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ساچىر خانىم ياۋروپا–فورماتسىيەسىنى چۇڭقۇرلاشتۇرۇشقا قارشى مەيداندا بولغاچقا كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى ئىچىدە بۆلۈنۈش پەيدا بولغان. شۇ سەۋەبتىن ئاساسلىق مالىيە باش ۋەزىر ياردەمچىسى كەيجىر لاۋىس بىلەن مۇئاۋىن باش ۋەزىر جىفىرلى خاۋسىر ئايرىم-ئايرىم 1989-يىلى 10-ئاي ۋە 1990-يىلى 11-ئايدا بۆلۈنۈپ چىقىپ كەتكەن. بۇ ئۇنىڭ سىياسىي باشقۇرۇش جەھەتتىكى ئىناۋىتى ۋە پارتىيە ئىچىدىكى ئىشەنچىسىگە ئېغىر زىيان ئېلىپ كەلگەن. ئۇزۇن ئۆتمەي پارتىيە ئىچىدىكى ئاساسلىق قارشى تۇرغۇچى مايكىل جىسىرتىڭ ئۇنىڭغا رىقابەت ئېلان قىلىپ، بىر قېتىملىق پارتىيە رەھبەرلىرى سايلىمى قوزغىغان. بىخەستىلىك تۈپەيلى بىرىنچى قېتىملىق سايلامدا قارشى تەرەپ %15 يۇقىرى ئاۋاز بىلەن غەلبىگە ئېرىشكەن. كۆپ قىسىم كابېنت ئەزالىرى ئىككىنچى قېتىملىق سايلامغا قىزغىن مۇئامىلىدە بولمىغاچقا، ساچىر خانىم باش ۋەزىرلىكتىن ۋە پارتىيە رەھبىرلىكتىن ئىستىپا بېرىشنى تاللاپ ئارقا سەپ پارلامېنت ئەزاسى بولۇشقا مەجبۇر بولغان. ساچىر خانىمنىڭ بۇ قېتىملىق  مەغلۇبىيتىنى پايدىلىق نەسىھەتلەرنى ئاڭلىماسلىقى ۋە پاسسىپ سىياسىي تەشۋىقاتتىن كېلىپ چىققان دېيىشكە بولىدۇ. 1992-يىلى ئۇ سىر ئايال ساچىر نامى بىلەن ئاقسۆڭەكلەر قاتارىدىن مەڭگۈ ئورۇن ئالغان. 1991-يىلى «ساچىر خانىم» فوندىنى قۇرۇپ ئۆزى بۇ فوندنىڭ باشلىقى بولغان.

ساچىر خانىمساچىر خانىم 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى مېڭىگە قان چۈشۈپ 87 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن، جەسەت كۈلى چېلسى خان جەمەتى دوختۇرخانىسىنىڭ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان.

[0]

 



 



ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#