بەيزۇ مىللىتى

بەيزۇ مىللىتى

بەيزۇلار ئۆزلىرىنى «بەيزى» ، «بەينى» لار دەپ ئاتايدۇ، بۇنىڭ مەنىسى «ئاق تەنلىكلەر» دېگەنلىك بولىدۇ. ئۇلار ئاساسلىقى يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ دالى بەيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى بەيزۇ مىللىتى
نوپۇسى 193.351 تۈمەن (2010)
خەنزۇچە نامى 白族
چەتئەلچە نامى The Bai People

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بەيزۇ مىللىتىھەر يىلى يازلىق كالېندار بويىچە 3-ئاينىڭ 15-كۈنى، بەيزۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى يىغىلىش كوچا سەيلىسى باشلىنىدۇ. يۈننەن ئۆلكىسى دالى شەھىرىنىڭ غەربىدىكى ديەنساڭ تېغى ئېتىكى بىردىنلا ئاۋات «بازار» ئەرشىدىن پەرىشكە چۈشكەن ئاۋاز «بازار» دەكلا قىزىپ كېتىدۇ. كىشىلەر بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىشىپ، بەيگە، شىر ئويۇنى قاتارلىق ئەنئەنىۋى پائالىيەتلەرنى تاماشا قىلىدۇ ھەمدە ماددىي ئەشيا ئالماشتۇرىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، شۇ كۈنى شەپقەتچى مەبۇدە راكساسنى بويسۇندۇرۇپ، دالى توسمىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەنىكەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بەيزۇ خەلقى ھەر يىلى يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ كۈجە كۆيدۈرۈپ، نەزىر-چىراغ قىلىپ كەلگەن، بۇنىڭ بىلەن بۈگۈنكى شەپقەتچى مەبۇد بايرىمى بولۇپ قالغان.

بەيزۇلار ئۆزلىرىنى «بەيزى» ، «بەينى» لار دەپ ئاتايدۇ، بۇنىڭ مەنىسى «ئاق تەنلىكلەر» دېگەنلىك بولىدۇ. ئۇلار ئاساسلىقى يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ دالى بەيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. سىچۇەننىڭ شىچاڭ ۋە گۇيجۇنىڭ بىجىي قاتارلىق جايلىرىدىمۇ ئاز ساندىكى بەيزۇلار تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان. بەيزۇلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون يۈننەن-گۈيجۇ ئېگىزلىكىگە جايلاشقان بولۇپ، كىلىماتى مۆتىدىل بولغاچقا دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدۇ، شۇڭا بۇ يەرلەر «ئاشلىق، پاختا ماكانى» دەپ ئاتالغان. ئېرخەي كۆلى جايلاشقان ديەنساڭشەن تېغىدىن مەرمەر تاش كۆپ چىقىدۇ، بۇ جۇڭگو-چەت ئەلگە داڭلىق بىناكارلىق ماتېرىيالى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 

بەيزۇ مىللىتىبەيزۇلارنىڭ كىيىم-كېچىكى كۆك، ئاق ۋە قارا رەڭنى ئاساس قىلىدۇ. ئەر-ئاياللار بېشىغا رەخت ئورىۋالىدۇ. ياتلىق بولغان ئاياللار چېچىنى تۈرمەكلىۋالىدۇ، توي قىلمىغانلىرى چېچىنى قويۇپ بېرىدۇ ياكى چېچىنى ئۆرۈپ تۈگۈۋالىدۇ. ئۇلار چۈچۈمەل، سوغۇق ۋە ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ۋە كاۋر چېيى ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ.

بەيزۇلار سۈنشې ئىلاھى «بېنجۇ» غا چوقۇنىدۇ، بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئېرخەي كۆلى رايونىدا ئىبادەتخانىلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، «ئېسىل، قەدىمىي زېمىن» دېگەن نامى بار.بەيزۇلار خەنزۇلار بىلەن بۇرۇندىنلا ئالاقە قىلىپ كەلگەچكە، خەنزۇ يېزىقىنى ئىشلىتىپ ئادەتلەنگەن، بەيزۇلارنىڭ تىلىدا نۇرغۇن خەنزۇچە سۆزلۈك بار.

بەيزۇ مىللىتى بەيزۇلار ئۇزاق مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە بولۇپ، ئەدەبىيات، ھۈنەر-سەنئەت ۋە بىناكارلىق قاتارلىق جەھەتلەردە زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. «بەيزۇ قوشاقلىرى» ناھايىتى كەڭ تارالغان ۋەزىنلىك شېئىر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. داڭلىق «شىر ئۇسسۇلى» تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىلا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە كىرگەن. بەيزۇلارنىڭ قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى زور شۆھرەتكە ئىگە، بولۇپمۇ سىرلانغان بۇيۇملىرى تېخىمۇ داڭلىق. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە مەرمەر تاش بىلەن ياسالغان چۇڭشېن ئىبادەتخانىسىدىكى ئۈچ مۇنارنىڭ ئىچىدىكى ئاساسىي مۇنارنىڭ ئېگىزلىكى 60 مېتىر، 16 پەلەمپەيلىك بولۇپ، ئىنتايىن ھەيۋەتلىك. «جەنۇبىي جاۋ جۇڭشىڭ بەگلىكى رەسىملىرى» جانلىق، گۈزەل ۋە نەپىس بولۇپ، قىممەتلىك تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقىدۇر.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#