تېمزا دەرياسى

تېمزا دەرياسى

ئەنگلىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ئەڭ چوڭ دەريا. ئەنگلىيىنىڭ غەربىي جەنۇبى قىسمىدىكى كوتسۋولد تاغلىرىدىن باشلىنىپ، ئوكسفورد، لوندون قاتارلىق شەھەرلەرنى بېسىپ ئۆتۈپ، شەرقتىكى شىمالىي دېڭىزغا قۇيۇلىدۇ.

نامى تېمزا دەرياسى
جۇغراپىيىلىك ئورنى ئەنگلىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان
كۆلىمى 11 مىڭ 400 كۋادرات كىلومېتر
خەنزۇچە نامى 泰晤土河
ئۇزۇنلۇقى 336 كىلومېتر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تېمزا دەرياسىئەنگلىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ئەڭ چوڭ دەريا. ئەنگلىيىنىڭ غەربىي جەنۇبى قىسمىدىكى كوتسۋولد تاغلىرىدىن باشلىنىپ، ئوكسفورد، لوندون قاتارلىق شەھەرلەرنى بېسىپ ئۆتۈپ، شەرقتىكى شىمالىي دېڭىزغا قۇيۇلىدۇ. باش مەنبەسىدىن لوندون كۆۋرۈكىگىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 259 كىلومېترغا يېتىدۇ، لوندون كۆۋرۈكىدىن نور ئارىلىقىغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 77 كىلومېتر، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 336 كىلومېتر كېلىدۇ. كۆلىمى 11 مىڭ 400 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ .

تېمزا دەرياسى دەريا قىنىنىڭ يانتۇلۇقى چوڭ ئەمەس، سۇ ئورنى مۇقىم، قىش پەسلىدىكى سۈيى كۆپرەك، ناھايىتى ئاز ھاللاردا سۈيى مۇزلايدۇ. ئوكسفوردتىن تۆۋەن ئېقىمىنىڭ دەريا قىنى كېڭىيىپ بارىدۇ، ئوكسفوردتا دەريانىڭ كەڭلىكى 46 مېتر، لوندون كۆۋرۈكىدە 229 مېتر، گراۋسېندتا 640 مېترغا يېتىدۇ. قاتناش مۇساپىسى 280 كىلومېترغا يېتىدۇ. لوندوندىن تۆۋەن قىسمىدا ئوكيان پاراخوتلىرى سۇ كۆتۈرۈلگەن ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ لوندونغا كېلەلەيدۇ، لوندون مۇنارا كۆۋرۈكىدىن دەريا ئاغزىغا قەدەر بولغان ئارىلىقتا 4 تارماق ئاپتوموبىل تۇنېلى بار. مۇنارا كۆۋرۈكىنىڭ يۇقىرى ئېقىم دەريا بويىدا نۇرغۇنلىغان تاشيول، تۆمۈريول كۆۋرۈكلىرى ھەم باشقا دەريالار بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان قاناللار بار. تېمزا دەريا سۈيى لوندون شەھىرى پايدىلىنىدىغان مۇھىم سۇ مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#