كۆزگە سۇ چۈشۈش
بۇ كېسەللىك، كۆز گۆھىرىنىڭ تۇغما ناچارلىقى، ئىرسىيەت ئامىلى، تۇغۇلۇشىدىلا كېسەل تۇغۇلۇش، قېرىغاندا كۆز ئىچىدىكى ماددا ئالمىشىشنىڭ ناچارلىشىشى، كۆزنىڭ زەخىملىنىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان كۆزنىڭ شەكلى ئۆزگەرمىسىمۇ، كۆرۈش قۇۋۋىتى تەدرىجىي ئاجىزلىشىش، شۇنىڭ بىلەن كۆرۈش كۈچى زور دەرىجىدە ئاجىزلاپ، كۆرۈش تامامەن يوقىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىغان كېسەللىكتۇر.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
كۆزگە سۇ چۈشۈشسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، كۆز گۆھىرىنىڭ تۇغما ناچارلىقى، ئىرسىيەت ئامىلى، تۇغۇلۇشىدىلا كېسەل تۇغۇلۇش، قېرىغاندا كۆز ئىچىدىكى ماددا ئالمىشىشنىڭ ناچارلىشىشى، كۆزنىڭ زەخىملىنىشى، كۆز ئىچىنىڭ ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىنىشىنىڭ ناچارلىشىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى: كۆزنىڭ شەكلى ئۆزگەرمىسىمۇ، كۆرۈش قۇۋۋىتى تەدرىجىي ئاجىزلىشىش، تەرەققىي قىلىش باسقۇچىدا كۆز قارىچۇقىنىڭ ئىچى ئاقۇش كۈل رەڭگە كىرىپ قېلىش، شۇنىڭ بىلەن كۆرۈش كۈچى زور دەرىجىدە ئاجىزلاپ، كۆرۈش تامامەن يوقىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1-رېتسېپ
تەركىبى : ئېگىر، ئايارەج پەيقىرا، سەئتەر، ھىڭ، زەنجىۋىل 30 گىرامدىن، ھەسەل 500 گىرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى : دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەسەلنى بەدىيان سۈيى بىلەن قىيام، قىلىپ سوۋۇغاندىن كېيىن سوقۇلغان دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى : كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
2-رېتسېپ
كۆزگە سۇ چۈشۈشتەركىبى : تاجىگۈل ئۇرۇقى، ئاق ئۈجمە يوپۇرمىقى، جۇخار گۈلى 10 گىرامدىن، جېنتىيانا ئۈچ گىرام، سۇ 600 مىللىلىتىر.
تەييارلاش ئۇسۇلى : دورىلارنى سۇدا قاينىتىپ، سۈيىنىڭ يېرىمى قالغاندا ئېلىپ تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى : كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا دورىنىڭ تۆتتىن بىرى ئىستېمال قىلىنىدۇ.
3-رېتسېپ
تەركىبى : كابۇل ھېلىلىسى پوستى، سېرىق ھېلىلە پوستى، قارا ھېلىلە، بەلىلە پوستى، ئامىلە پوستى 40 گىرامدىن، ئاقلىغان بادام مېغىزى 100 گىرام، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى 200 گىرام، شېكەر بىر كىلوگرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى : دورىلار يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، تالقان تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى : كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.