بولغۇسى ئانىلار

بولغۇسى ئانىلار

بولغۇسى ئانىلار بىر نۇقتىنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇشى كېرەككى، ئۇ بولسىمۇ ھەرىكەتلىنىپ تۇرۇش. ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن، نېرۋا رېفلېكسى ئاستىلاپ، پەيمۇ بوشاپ كېتىدۇ. شۇڭا، كۈندىلىك ھەرىكەتلەردە دىققەت قىلىش كېرەك.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بولغۇسى ئانىلاربولغۇسى ئانىلار بىر نۇقتىنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇشى كېرەككى، ئۇ بولسىمۇ ھەرىكەتلىنىپ تۇرۇش. ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن، نېرۋا رېفلېكسى ئاستىلاپ، پەيمۇ بوشاپ كېتىدۇ. شۇڭا، كۈندىلىك ھەرىكەتلەردە دىققەت قىلىش كېرەك. مەسىلەن، پۇتنىڭ ئۇچىدا دەسسەش، ئېگىز يەرلەردىن نەرسە ئېلىش قاتارلىقلاردا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىيالماي يىقىلىپ كېتىدۇ. يىقىلىپ كېتىپ ئوڭايلا يارىلىنىدۇ، پەلەمپەيگە چىققاندا ياكى پەلەمپەيدىن چۈشكەندە ئۆزىنى مەجبۇرلىماي، ئىختىيارىي ھالدا پەلەمپەي تۇتقۇچىنى تۇتۇپ مېڭىش؛ ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئاياللار بىرقانچە ئاي بەرداشلىق بېرىش؛ ئاياغنىڭ پاشنىسى ئۈچ سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولۇشى، يۇمشاق ھەم تېيىلمايدىغان پەس پاشنىلىق ئاياغنى تاللاش؛ ئۇزۇن مۇددەت ئۆرە تۇرۇپ ئىشلەيدىغان خىزمەتچىلەر مەسىلەن، ئوقۇتقۇچى ياكى كۈتكۈچى قاتارلىقلار چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىن ئازراق يېتىپ دەم ئېلىۋېلىپ، بالا ھەمراھى قان ئايلىنىشنىڭ يېتىشمەسلىكىدىن ساقلىنىش؛ ھامىلىدارلىقنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدىن كېيىن، ئەڭ ياخشىسى دائىم ئولتۇرۇش، ئىككى پۇتىنى باشقا ئورۇندۇق ئۈستىگە ئېلىۋېلىشى كېرەك. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئۆي كۆچمەسلىك، قەتئىي كۆچمىسە بولمايدىغان ئەھۋالدا بەش ئايدىن سەككىز ئايلىق بولغۇچە جەرياننى تاللاش ياكى ئۆي كۆچۈش شىركەتلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، ئۆزى ھەرىكەتلىنىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش. ئەلۋەتتە، ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتۈرۈشكە تېخىمۇ بولمايدۇ. نەرسە يۆتكىگەندە قاتتىق ئېھتىيات قىلىش، چوقۇم زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ ئېلىش. ھورۇنلۇق قىلىپ، بەلنى ئېگىپ تۇرۇپ يۆتكەشكە بولمايدۇ بولمىسا بەل قىسمى يارىلىنىپ قالىدۇ. شۇڭا، ئەڭ ياخشىسى بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك.

بولغۇسى ئانىلارئاي قورساق كۆتۈرۈپ، ساق-سالامەت تۇغۇۋېلىش ھەربىر بولغۇسى ئانىلارنىڭ ئارزۇسى ھەم شۇنداقلا بارلىق ئاياللار بۆلۈمىدىكى دوختۇرلارنىڭ ئۈمىدى. چۈنكى كۆپلىگەن بولغۇسى ئانىلار كەسپىي ئاياللار بولۇپ، ۋاقتى چەكلىك بولغاچقا، چوقۇم ھەپتە ئارىلىق قالدۇرۇپ ئاندىن بىر قېتىملىق تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلالايدۇ. شۇڭا، بولغۇسى ئانىلار ئادەتتە ھامىلىنىڭ ئەھۋالىغا ئۆزلۈكىدىن ھۆكۈم قىلالىشى، مەسىلە بايقالغان ھامان دوختۇرخانىغا بېرىپ، ھامىلىنىڭ قورساقتا ئۆلۈپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى لازىم. ئۇنداقتا، قايسى خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ھامىلىدە مەسىلىنىڭ بارلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ؟ جاۋابى ناھايىتى ئاددىي، ئۇ بولسىمۇ بولغۇسى ئانىلار ھەر كۈنى «ھامىلىنىڭ ھەرىكىتىنى» ساناپ تۇرۇشى كېرەك. ھامىلە ھەرىكىتى بولسا ھامىلىنىڭ زاپاس ئىقتىدارى بولۇپ، ئەگەر ئوكسىگېن كەم بولسا ھامىلە ھەرىكىتى كۆپىيىپ كېتىدۇ ياكى ئازلاپ قالىدۇ، ھەتتا ھەرىكەتلەنمەيدۇ.

بولغۇسى ئانىلاربولغۇسى ئانىلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ھامىلىدار بولۇپ 15 ھەپتىدىن 28 ھەپتىگىچە بولغاندا كۆرۈنەرلىك ھالدا ئاشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئېغىرلىقى ئاساسلىق ئاشىدىغىنى ئانا بەدىنىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئەزالىرىنىڭ ئۆزگىرىشى بولۇپ، مەسىلەن، بالىياتقۇ بوينى، ئەمچەكنىڭ چوڭىيىشى، قاننىڭ كۆپىيىشى ۋە مايلارنىڭ توپلىنىشى قاتارلىقلار. 92 ھەپتىدىن 40 ھەپتىگىچە بولغاندا بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ھامىلىگە يۈزلىنىدۇ. بۇ ھامىلە ۋە بالىياتقۇنىڭ چوڭىيىشىنى، باش سۈيىنىڭ سىغىمچانلىقىنىڭ كۆپىيىشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاي-كۈنى تولۇق توشقاندا، بەدەن ئېغىرلىقى ئەڭ ئاخىرقى دەرىجىگە بارىدۇ. ھامىلە، بالىياتقۇ ۋە باش سۈيى قاتارلىقلار بەش كىلوگرام كېلىدۇ. بولغۇسى ئانىلارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئەزالىرى تۆت كىلوگرام ئېغىرلىشىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە بەدەن ئېغىرلىقى، ماي قوشۇلىدۇ. شۇڭا، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى توققۇز كىلوگرامدىن ئارتۇق ئېشىپ كەتسە، قالغان ئېغىرلىق بەدەندىكى ماي بولىدۇ.

بەدەن ئېغىرلىقى ھېسابلاش ئۇسۇلى 

ئادەتتە، ئەسلىدىكى بولغۇسى سېمىز ئانىلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكىدىن بەك ئېشىپ كەتمەيدۇ، ئەكسىچە ئەسلىدىكى ئورۇق ئانىلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن ئوزۇقلۇقلارنى تولۇقلىشى ئارقىلىق بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلالايدۇ. ئامېرىكىنىڭ ھامىلىدارلىق ۋە بالا ئېمىتىش مەزگىلىدىكى ئوزۇقلۇقلىنىش ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ پىكرىگە ئاساسەن، ھامىلىدار ئاياللار ئۆزىنىڭ بوي ئېگىزلىكى ۋە ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرىكى بەدەن ئېغىرلىقىدىن پايدىلىنىپ، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە قانچىلىك ئاشقانلىقىنى ھېسابلىيالايدۇ. ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە: ئاۋۋال «بەدەن ئېغىرلىقى كۆرسەتمىسى» (قىسقارتىلىپ BMI دېيىلىدۇ) نى ھېسابلاش. ئۇسۇلى: ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرىلىكى بەدەن ئېغىرلىق(بىرلىكى كىلوگرام) نى بوي ئېگىزلىكىنى(بىرلىكى مېتىر) نىڭ كۋادراتىغا بۆلۈپ ئېرىشكەن قىممەت BMI. مەسىلەن، ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرىكى بەدەن ئېغىرلىقى 64 كىلوگرام، بويى بىر مېتىر 60 سانتىمېتىر بولغان ھامىلىدار ئاياللار BMI=64÷(1.6) 2=25، بەدەن ئېغىرلىق كۆرسەتمىسى 25، بەدەن ئېغىرلىق كۆرسەتمىسى بويىچە: ھامىلىدار ئاياللارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى يېنىك، نورمال ۋە ئېغىر دەپ ئۈچ تۈرگە ئايرىلىدۇ.

1. كۆرسەتمىدە 8.19 دىن تۆۋەن بولسا بەدەن ئېغىرلىقى يېنىك ھامىلىدار ئايال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، 5.12 دىن 81 كىلوگرامغىچە سەمرىش كېرەك.

2. كۆرسەتمىدىكى 8.19 دىن 26 كىلوگرامغىچە بولغان ئارىلىقتا بولسا، نورمال بەدەن ئېغىرلىقى بولۇپ، 5.11 كىلوگرامدىن 16 كىلوگرامغىچە ئاشسا بولىدۇ.

3. كۆرسەتمىدە 26 بولغانلار بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەنلەر قاتارىغا كىرىدۇ، يەتتە كىلوگرامدىن 5.11 كىلوگرامغىچە ئاشسا بولىدۇ. ھەربىر ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئېغىرلىقى قانچىلىك ئاشقان بولسا، بۇنى ئەڭ ياخشىسى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بەلگىلەش كېرەك.

بولغۇسى ئانىلارئادەتتە كىتابلاردا ھامىلىدار ئاياللار سول تەرەپنى بېسىپ ئۇخلىشى كېرەك دېيىلىدۇ، يەنى بەدەننىڭ سول تەرىپىنى ئاستىغا، ئوڭ تەرىپىنى ئۈستىگە قىلىپ يېتىش. ئاساسلىق سەۋەب، كۈندىن-كۈنگە چوڭىيىۋاتقان بالىياتقۇ بوينى چوڭ قان تومۇرلىرىنى بېسىپ، قاننىڭ راۋان ئايلىنىشىغا تەسىر قىلىدۇ. شۇڭا ئوڭدىسىغا ياتماسلىق، ۋېنا بولسا ئارتېرىيىگە قارىغاندا ناھايىتى ئوڭاي تەسىرگە ئۇچراپلا قالماستىن، ئەكسىچە چوڭ، ئەڭ مۇھىم ۋېنا، تۆۋەندىكى بوشلۇق ۋېناسى بولۇپ، بەدەننىڭ ئوڭ-سول تەرىپىدىكى قورساق قىسمىدا بولۇپ، ئومۇرتقىنىڭ سول تەرىپىگە يېقىن بولىدۇ. شۇڭا، كىتابتا كۆپىنچە ھاللاردا 20 ھەپتىدىن ئاشقان ھامىلىدار ئاياللار سول تەرەپنى بېسىپ يېتىپ، تۆۋەنكى بوشلۇق ۋېناسىنىڭ بېسىلىپ قېلىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك دېيىلىدۇ. بىراق، نۇرغۇنلىغان بولغۇسى ئانىلار ئۇخلىشى بىلەنلا ئاڭسىز ھالدا ئوڭدىسىغا يېتىپ قالىدۇ. نۇرغۇنلىغان بولغۇسى ئانىلار سول تەرەپنى بېسىپ يېتىشقا ئادەتلەنمىگەچكە، ياخشى ئۇخلىيالمايدۇ. بەزىلىرى چوقۇم ئۆزلىرىنى مەجبۇرلاپ، سول تەرەپنى بېسىپ ياتىدۇ. ئاقىۋەتتە بەللىرى قاتتىق ئاغرىپ كېتىدۇ، شۇڭا سول تەرەپنى بېسىپ يېتىش پرىنسىپىنى شۇ شەخسنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن تەڭشەش. ئەگەر قورساق بەك يوغان بولسا (قوشكېزەكلەردىن يۇقىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئىككى تەرەپكە ياستۇق قويۇپ ياتسا، بەدەننى ئۆرۈش بىر ئاز ئوڭاي بولىدۇ.

پەلەمپەيگە چىقىپ-چۈشۈشنىڭ قانداق ئارتۇقچىلىقى بار؟ ئۇ ھەرىكەتنىڭ ئۈنۈمىنى پەيدا قىلىپ، بولغۇسى ئانىلارنىڭ يۈرەك ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپلا قالماستىن، يەنە داس سۆڭەكنى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ. ئۇنداقتا پەلەمپەيگە چىقىپ-چۈشۈشنىڭ زىيىنى بارمۇ-يوق؟ پەلەمپەيگە چىققاندا ئومۇرتقا تۈۋرۈكىنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۇپ، تىز بوغۇملىرىنىڭ سۈركۈلۈشىنى كۆپەيتىدۇ. شۇڭا، بۇ خىل ھەرىكەت چەكتىن ئېشىپ كەتسە، بەل ئاغرىقى ياكى تىزنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنداق بولغانىكەن پەلەمپەيگە چىقماي پەلەمپەيدىن چۈشسە بولىدىغاندۇ. ئادەم بەدىنى ئاناتومىيە تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، ھەربىر پەلەمپەيدىن چۈشكەندە، تىز بوغۇملىرى بىر قېتىم ئورۇلىدۇ. شۇڭا تىزنىڭ يارىلىنىشى نىسبەتەن ئېغىر. شۇڭا پەلەمپەيگە چىقىش مۇۋاپىق (مەسىلەن، بىر كۈندە تۆت قەۋەتتىن ئارتۇق قەۋەتكە چىقماسلىق كېرەك)، يەنى پەلەمپەيگە پىيادە چىقىپ، چۈشۈشتە لېفىتتىن چۈشۈش كېرەك.

ياشتا چوڭ، بولغۇسى ئانىلار باش سۈيى قېپىنى تېشىش ئوپېراتسىيىسىنى ئويلىشىپ باقسا بولىدۇ. بىراق نۆۋەتتە ئانا قېنىنى سۈزۈپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، دوۋن سندرومى كېسەللىكىنى تەكشۈرۈش ئۇسۇلى بولغاچقا، ئاۋۋال ئانا قېنىنى ئېلىشنى ئويلىشىپ بېقىشى كېرەك. ئەگەر خەتەرلىك نىسبىتى چوڭ بولسا (قانداق ھامىلىدارلار باش سۈيى قېپىنى تېشىشئوپېراتسىيىسىنى ئويلىشىپ باقسا بولىدۇ؟ 1/270 دىن يۇقىرى بولسا) قايتا باش سۈيىنى ئالسا بولىدۇ. ئەگەر بولغۇسى ئانىلارنىڭ يېشى بىر ئاز چوڭ، مەسىلەن 38 ياشتىن يۇقىرى بولسا، ئانا قېنىنى سۈزۈپ تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنىڭ توغرىلىق نىسبىتى 70% ئەتراپىدا بولغاندا، يەنىلا باش سۈيىنى ئېلىشنىڭ بىخەتەرلىكىنى بىر ئاز ئويلاش كېرەك. تۆۋەندىكىدەك باشقىچە ئەھۋال ئاستىدا، يەنى ئىلگىرى دوۋن سندرومى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بالا تۇغۇپ باققان بولسا، يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئارىسىدا دوۋن سندرومى كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىرى بولسا، نورمالسىز بولغان بالا تۇغقان بولسا، ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق تەكشۈرگەندە، نورمالسىزلىق بايقالسا، ئانا قېنىنى سۈزۈپ تەكشۈرگەندە خەتەرلىك نىسبىتى يۇقىرى بولسا، ئاتا-ئانىنىڭ بىرسىنىڭ خروموزومى نورمالسىز بولسا، ئاتا-ئانا ئىككى تەرەپنىڭ بىرسىنىڭ كۆرۈنەرلىك ھالدا بىرەر ئېلېمېنتى ياكى گېنىدا مەلۇم بىرخىل نورمالسىزلىق بايقالسا. . . قاتارلىق ئەھۋاللاردىمۇ، باش سۈيىنى ئېلىشنى ئويلىشىپ بېقىشى كېرەك.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#