جامېس. روسمان
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئۇ يەنە ماسساچۇسېتىس تېخنىلوگىيە ئىنىستىتۇتىدا ھارۋېي لودىش (Harvey Lodish) بىلەن بىرلىكتە پەردە ئاقسىلىنىڭ گلىكوزىلىشىشى ئۈستىدىكى تەتقىقاتى بىلەن دوكتور ئاشتىلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.
روسمان 1978-يىلىدىن باشلاپ سىتانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىئو-خىمىيە فاكۇلتېتىدە ئوقۇدى، ئۇ نيۇيوركقا كېلىپ مېمورىيال سىلوۋىن-كېتتىرىڭ (Memorial Sloan-Kettering) راك كېسەللىرى مەركىزىنىڭ ھۈجەيرە بىئو-خىمىيە ۋە بىئو-فىزىكا فاكۇلتېتىنى قۇرۇشتىن ئىلگىرى، پرىنسىتون ئۇنۋېرسىتېتىدا، بىرلا ۋاقىتتا مېمورىيال سلون-كېتتىرىڭ راك تەتقىقاتى مەركىزىنىڭ باش رەئىسى بولغان. ئۇ 2003-يىلى سىلوۋىن-كېتتىرىڭ مەركىزىدىن ئايرىلىپ، كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرلۇقى ئىنىستىتۇتىنىڭ فىزىئولوگىيە پروفېسسورى ھەم كولۇمبىيە بىئو-خىمىيە مەركىزىنىڭ باشقۇرغۇچىسى بولغان. روسمان دۆلەتلىك تەبئىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى ۋە داۋالاش ۋە دورىگەرلىك ئىنىستىتۇتىنىڭ بىر ئەزاسى.
1995-يىلى، روسمان ئامىرشام (Amersham) دورىگەرلىك شىركىتىنىڭ ئىلمىي دوكلاتى يىغىنىغا قاتناشقان. 2003-يىلى ئۇنىۋېرسال ئېلىكترون ساغلاملىققا كۆڭۈل بۆلۈش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ھەم ئۇ ئۇنىۋېرسال ئېلىكترون ساغلاملىققا كۆڭۈل بۆلۈش مەركىزىنىڭ باش ئىلمىي مەسلىھەتچىلىكىگە تەيىنلەنگەن.
روسمان چېچەككە قارشى تۇرۇش تەتقىقاتىدا (راندىي ۋ.شېكمان ۋە توماس س. سۈدخوف بىلەن بىرلىكتە)، 2013-يىللىق نوبىل فىزىئولوگىيە ياكى مېدىتسىنا مۇكاپاتى بىلەن مۇكاپاتلانغان. ئۇ يەنە 1996-يىلى پادىشاھ فەيسال خەلقئارالىق مۇكاپاتقا، 2002-يىلى كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لوئۇسا گروس ھورۋىتىز (Louisa Gross Horwitz Prize) مۇكاپاتىغا ھەم ئاساسلىق مېدىتسىنا تەتقىقاتى ئۈچۈن بېرىلىدىغان ئالبېرىت لاسكېر (Albert Lasker Award) مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. روسمان يالې ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆزىنىڭ فىزىكا باكلاۋۇرلىق ئۇنۋانىغا، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىئو-خىمىيە تەتقىقاتىدا دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.