لۇساكا

زامبىيىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى، زامبىيىنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى. لۇساكا دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئېگىزلىككە جايلاشقان .

نامى لۇساكا
دۆلىتى زامبىيە
مەمۇرىي رايون تۈرى پايتەخت
خەنزۇچە نامى 卢萨卡
نوپۇسى 680 مىڭدىن ئاشىدۇ(1981)
چەتئەلچە نامى Lusaka

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

لۇساكازامبىيىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى، زامبىيىنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى. لۇساكا دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئېگىزلىككە جايلاشقان، ئۇنىڭ جايلاشقان ئورنى دېڭىز يۈزىدىن 1265 مېتىر ئېگىز كېلىدۇ، شەھەر ئاھالىسى 680 مىڭدىن ئاشىدۇ(1981) . بۇ شەھەر 1905-يىلى قۇرۇلغان. 1935-يىلدىن كېيىن مۇستەملىكىچىلەرنىڭ مۇھىم ھۆكۈمرانلىق مەركىزىگە ئايلانغان. زامبىيە مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن دۆلەتنىڭ پايتەختى قىلىپ بېكىتىلگەن.

 لۇساكا زامبىيىنىڭ مۇھىم سانائەت مەركىزى. بۇ جايدا توقۇمىچىلىق، مېتالچىلىق، سېمونت، كاۋچۇك، ماشىنىسازلىق، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار.

 شەھەرنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى زەمبېزى دەرياسىغا چوڭ تىپتىكى سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى سېلىنغان. شەھەردە ئاتاقلىق ئۆسۈملۈك باغچىسى بار، بۇ ئۆسۈملۈك باغچىسىدا 3000 خىلدىن ئارتۇق ئۆسۈملۈك ئۆستۈرۈلىدۇ. لۇساكا شەھىرىدە خەلقئارا ئايرودرومى، ئالىي مەكتەپلەر، ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىرى، ساياھەت ئورۇنلىرى بار. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#