زەپە

زەپە ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، بۆرەك ۋە دوۋسۇننى تازىلاش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە. 

ئۇيغۇرچە نامى زەپە
ئەرەبچە نامى زەئىپران،كۇركۇم
ئىنگلىزچە saFfron Groci Styleand shigma
شەكلى يوپۇرمىقى تال چىۋىقسىمان كېلىدۇ.
ۋاقتى كۈز
خەنزۇچە ئاتىلىشى 西红花xi hung hua
پارسچە نامى زەئىپران
ئوردۇچە نامى كىسىر
تەمى تەمى بىرئاز ئاچچىق، پۇراقلىق
تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 ئۆسۈملۈك زەپە (Crocus Sativus.L) نىڭ ئانىلىق بوينىنىڭ يۇقىرى قىسمى ۋە ئانىلىق تۇمشۇقىدىن ئىبارەت بولۇپ،، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئانىلىق تۇمشۇقى «زەپە» نامىدا دورىغا ئىشلىتلىدۇ.  

ئانىلىق بوينىنىڭ يۇقىرى قىسمى ۋە ئانىلىق تۇمشۇقى.

ئۈنۈملۈك تەركىبى

ئانىلىق تۇمشىقىدا %2 كروتسىن (Crocin) بولۇپ، ئۇنىڭ سۇيۇقلۇقىغا تۇز كىسلاتاسى قوشۇپ قاينىتىلسا سۇدا ئېرىپ گلۇكوزىد يەنى زەپەر كىسلاتاسى كىروتسېتىن (Crocetin) ۋە ئىككى مولىكۇلالىق زەپەر قەنتى، كىروكوزا (Crocose) ھاسىل بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا %2 پىكروسىن (Pisrocin)، %1.3– 50.4 ئۇچۇچان ماي تەركىبى بار. يەنە كاروتىن قاتارلىق زەك تەركىبى بار.  ئۇنىڭدىن باشقا %72– 10 سۇ تەركىبى. %7– 5 مېنېرال ماددىلار، %8 – 5 ماي، %13–12 ئاقسىل، ھەمدە گىلوكوزا تەركىبلىك ماددىلار بار.

گۈل ياپرىقىدا سېرىق كىتون قاتارلىق تەركىب بار. شارسىمان غۇلىدا گىلوكوزا، ئامىنۇ كىسلاتاسى، ئولئانولىك كىسلاتا (oleanolic acid)، بىر خىل يۇقىرى مولېكۇلىلىق ئاقىسل بار.

زەپەئىران، ھىندىستان،ئىتالىيە مىسىر، ياپونىيە، فرانسىيە، گىرمانىيە، گىرتسىيە، رۇسىيە قاتارلىق ئەللەردىن چىقىدۇ. مەملىكىتىمىزنىڭ بېيجىڭ، شەندۇڭ، جياڭسۇ، جېجياڭ، سىچۈەن، شاڭخەي قاتارلىق جايلىرىدىنمۇ چىقىدۇ.

يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش، نېرۋىنى تىنىچلاندۇرۇپ ئۇيقۇ كەلتۈرۈش، قان تولۇقلاش ھارارەتنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، قاننى جانلاندۇرۇپ توسالغۇلارنى ئېچىش، نېرۋىنى قۇۋۋەتلەپ ھېس تۇيغۇنى كۈچەيتىش، تۇتۇش قابىىيىتىنى ئاشۇرۇش، جىگەرنى قۇۋۋەتلەپ كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش، باھ ۋە باشقا ئىچكى ئەزالارنى قۇۋۋەتلەش، رەڭ پەيدا قىلىش، ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، بۆرەك ۋە دوۋسۇننى تازىلاش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە. 

يۈرەك كېسەللىكلىرى، بەدەن ئاجىزلىق، باھ ئاجىزلىقى، بوغۇم ئاغرىقى، ھەر خىل ئىششىق، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلىقى، باش ئاغرىق، ئۇيقۇسىزلىق، ھەيز كەلمەسلىك، جىگەر، تال، مېڭە توسۇلۇش، بۇرۇن شىللىق پەردە ياللۇغى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

1. بالىياتقۇغا بولغان تەسىرى: قايناتمىسى چاشقان، توشقان، ئىت، مۈشۈكلەرنىڭ ئورگانىزمىدىن ئايرىلغان بالىياتقۇنى قوزغىتىدۇ. ئاز مىقداردا بولسا بالىياتقۇنى قىسقارتىدۇ؛ كۆپ مىقداردا بولسا بالىياتقۇنىڭ جىددىيلىشىش ۋە قوزغىلىشىنى ئاشۇرىدۇ. ھامىلىدار ، بالياتقۇنىڭ سەزگۈرلۈكىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ.

2. قان ئايلىنىش سىستېمىسىغا بولغان تەسىرى، قايناتمىسى ناركوز قىلىنغان ئىت، مۈشۈكنىڭ قان بېسىمىنى تۆۋەتلىتىدۇ. بەلكى خېلى ۋاقىت ساقلىنىدۇ؛ ئۇنىڭ ئاجرىتىۋېلىنغان ماددىسى نەپەسلىنىشكە نىسبەتەن قوزغىتىش تەسىرگە ئىگە. ئىسسىق سۇدا ئاجرىتىۋېلىنغان قىسمى قاننىڭ قېتىۋېلىشىغا نىسبەتەن روشەن تورمۇزلاش رولى بار. ئۇنىڭدىن باشقا قاندىكى ماي ماددىنى تۆۋەنلىتىش، ئارتېرىيىلىك بوتقىسىمان قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەسىرى بار.

3. جىگەرنى قوغداپ ئۆتنى راۋانلاشتۇرۇش تەسىرى بار.

4. ئۆسمىگە قارشى تۇرۇش تەسىرى بار.

5. ئىممۇنىتې كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ياللۇغ قايتۇرۇش تەسىرى بار.

6. باشقا تەسىرى: زەپەرنىڭ ئۆسۈملۈك تەركىبى كىروتسىن ئەركىن رادىكالنىڭ ئاكتىپلىقىنى ئۆسۈملۈك تىزگىنلەش تەسىرىگە ئىگە.

خاس تەسىرى

مېڭىنىڭ ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش، مىڭىنى ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش.

ئورۇنباسارى

قۇستە، قەلەمپۇر، ئۇترۇچ ئۇرۇقى.

ئەكىس تەسىرى

قان بېسىمىنى ئۆرلىتىدۇ، بۆرەككە زىيىنى بار، ئىشتىھانى تۇتىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى

رۇم بەدىيان، سىركەنجىۋىل، زىرشىك.

1. 30 گرام كۈنجۈت، 30 گرام زەپەرنى سوقۇپ، 5 گرام سۈت بىلەن كۈندە بىر قېتىم ئىچسە، تۇغۇتنى ئاسانلاشتۇرىدۇ.

2. 5 گرام قەلەمپۇر، 5 گرام سۇنبۇل، بىر گرام زەپەرنى سوقۇپ، بالىياتقۇغا قويسا، ئاق خۇننى توختىتىدۇ.

3. زەپەرنى چاي بىلەن دەملەپ ئىچسە، باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ.

4. بەدىيان 10 گرام، سۆرۈنجان 20 گرام، زەپەر 3 گرام قاتارلىقلارنى سۇپۇپ قىلىپ يېسە، بوغۇم ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

5. زەپەر 3 گرام تۇتىيا 1 گرام، مەرۋايىت ئۈچ گرام، زەپەر ئۈچ گرام قاتارلىقلارنى سۇپۇپ قىلىپ، كۈندە بىر قېتىم كۈزگە تارتسا، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ.

مىقدارى

1 – 2 گرامغىچە.

يىغىش 

كۈزدە گۈل تەخسىسى ئېچىلغاندا ئوچۇق بىر كۈننى تاللاپ، تۇمشۇقىدىن ئۈزۈپ يىغۋىلىنىدۇ .

ساقلاش 

ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان جايدا قويۇپ سايىدا قۇرۇتۇلۇپ، سالقىن نۇر چۈشمەيدىغان جايدا ساقلىنىدۇ.

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار 

قان بېسىمى يۇقىرىلار ئېھتىيات بىلەن ئىشلىتىش لازىم.[0]


رۇم بەدىيان، سىركەنجىۋىل، زىرشىك.

ئانىلىق بوينىنىڭ يۇقىرى قىسمى ۋە ئانىلىق تۇمشۇقى

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=270

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

2 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    100%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#