شاتلىق ئىچىگە يوشۇرۇنغان قايغۇ
«شاتلىق ئىچىگە يوشۇرۇنغان قايغۇ» فىلىمى كاران جوخار(Karan Johar) رېژىسسورلىق قىلغان ، شارۇلخان ، ئامىتاب باچچان ، رانى،كاجول، ھىرتىك روشەن ، كارىنا كاپور قاتارلىق ھىندىستاندىكى داڭلىق چولپانلار ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن فىلىم .
بۇ فىلىمدە بېقىۋېلىنغان بايۋەتچە راخۇل ۋە ئاددىي پۇقرا قىزى ئانجىلىنىڭ مۇھەببەت ھېكايىسى سۆزلەنگەن .
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
پۇلدار سودىگەر ياش راچىدات (ئامىتاب باچچان رولدا) ۋە ئۇنىڭ ئايالى نادانى(جايا باچچان)ئاددىي ھەم چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن ئوغلى راخۇل(شارۇلخان رولدا ) ھەم روخان(ھىرتىك روشەن رولدا)نى تەربىيلىدى .ياش راچىدات ئوغلىنىڭ ئائىلە قىممەت قارىشى بىلەن ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدى. دوستىنىڭ قىزى نەينا(رانى رولدا)نى راخولغا ئېلىپ بېرىشنى توغرا كۆردى .لېكىن نادانا ئوغۇللىرىنىڭ بەخىتلىك مۇھەببەتنى باشتىن كەچۈرىشىنى ئۈمىد قىلاتتى . لېكىن بۇ ئىناق ، بەختلىك ئائىلىدە چوڭ ئوغلى راخۇلنىڭ بېقىۋېلىنغانلىقى تىلغا ئېلىش چەكلىنىدىغان مەخپىيەتلىك ئىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قانداشلىق مېھرىدىنمۇ ئۆزگىچە بىر مۇھەببەت بار بولۇپ ئۇلارنى باغلاپ تۇراتتى. سەككىز يىلدىن كېيىن راخۇل بۇ ئىشنى بىلىپ قالدى ھەمدە ئاتا-ئانىسىغا مىننەتدارلىق نەزىرىدە باقتى . بولۇپمۇ ئۆزىگە زور ئۈمىدلەرنى باغلىغان دادىسىنى تولىمۇ ھۆرمەتلىدى . دادىسىنىڭ ھەربىر ئارزۇسىنى بۇيرۇق دەپ ئىجرا قىلدى تاكى ئۇ شوخ ، ئوماق قىز ئەنجىلى(كاجول رولدا)نى ياخشى كۆرۈپ قالغۇچە دادىسىغا بىر ئېغىز« ياق»دەپ باقمىغانىدى . راخۇل ئەنجىلىنى ئەمرىگە ئالدى ، ئەمما ئەنئەنىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان ياش راچىدات زامانىۋى مودىغا ئەھمىيەت بېرىدىغان كېلىننى ياقتۇرمايدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ نىكاھىنى ئېتىراپ قىلمىدى. ئازابلانغان راخۇل ئۆيدىن چىقىپ كەتتى . ئانىسى ئىنتايىن قايغۇردى ، ھەر ۋاقىت ئوغلىنىڭ قايتىپ كېلىشىنى كۈتتى . ئىنىسى روخان ئائىلنىڭ قايتىدىن ئىتتىپاقلىشىشىغا ۋەدە بېرىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ بەختىنى تاپتى. ئەنجىلىنىڭ سىڭلىسى پۇجا(كارىنا كاپور رولدا)نى ياخشى كۆرۈپ قالدى .
ئارتىس تىزىملىكى
Amitabh Bachchan ....Yash Raichand
Shahrukh Khan ....Rahul Raichand
Hrithik Roshan ....Rohan Raichand
Kajol ....Anjali Sharma Raichand
Kareena Kapoor ....Pooja Sharma Raichand
Rani Mukherjee ....Naina
Jaya Bachchan ....Nandini Raichand
Farida Jalal ....SayeedaHimani Shivpuri
Alok Nath ....BaujiJohnny Lever
ياش راچىدات
ئەنئەنىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان ياش راچىدات زامانىۋى مودىغا ئەھمىيەت بېرىدىغان كېلىننى ياقتۇرمايدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ نىكاھىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ .
راخۇل
شارۇلخان رولدا[0]
ياش راچىداتنىڭ بېقىۋالغان ئوغلى ، دادىسىنىڭ ھەربىر ئارزۇسىنى بۇيرۇق دەپ ئىجرا قىلاتتى ، ئۇ شوخ ، ئوماق قىزلار ئەنجىلىنى ياخشى كۆرۈپ قالدى ، دادىسى قوشۇلمىغانلىق سەۋەبلىك ئۆيدىن چىقىپ كەتتى .
روخان
ئائىلنىڭ قايتىدىن ئىتتىپاقلىشىشىغا ۋەدە بېرىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ بەختىنى تاپتى. ئەنجىلىنىڭ سىڭلىسى پۇجانى ياخشى كۆرۈپ قالدى .
ئەنجىلى
شوخ ، ئوماق قىز ، راخۇلنى ياخشى كۆرىدۇ .
پۇجا
ئەنجىلىنىڭ سىڭلىسى ، روخاننى ياخشى كۆرۈپ قالدى .
نەينا
ياش راچىداتنىڭ ئارزۇسىدىكى كېلىن .
نادانى
ئوغۇللىرىنىڭ بەخىتلىك مۇھەببەتنى باشتىن كەچۈرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ .
ھىندىستان 2001-12-14
ئەنگىلىيە 2001-12-14
ئامرىكا 2001-12-14
كانادا 2001-12-14
科威特 2001-12-15
ياپونىيە 2002-10-26
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.