ئۆتكۈر كانايچە ياللۇغى
ئۆتكۈر كانايچە ياللۇغى - ۋىرۇس ياكى باكتېرىيە قاتارلىق كېسەل يۇقۇشتىن پەيدا بولغان كانايچە شىللىق پەردە ياللۇغى . بوۋاق بالىلار مەزگىلىدە كۆپ كۆرۈلىدۇ ، كۆپىنچە ئۈستۈنكى نەپەس يولى يۇقۇملانغاندىن كېيىن كۆرۈلىدۇ ،دائىم ئۆپكە ياللۇغىنىڭ دەسلەپكى ۋاقتىدا ئىپادىلىنىدۇ .
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئۆتكۈر كانايچە ياللۇغىئۆتكۈر كانايچە ياللۇغى — ۋىرۇس ياكى باكتېرىيە قاتارلىق كېسەل يۇقۇشتىن پەيدا بولغان كانايچە شىللىق پەردە ياللۇغى . بوۋاق بالىلار مەزگىلىدە كۆپ كۆرۈلىدۇ ، كۆپىنچە ئۈستۈنكى نەپەس يولى يۇقۇملانغاندىن كېيىن كۆرۈلىدۇ ،دائىم ئۆپكە ياللۇغىنىڭ دەسلەپكى ۋاقتىدا ئىپادىلىنىدۇ . بۇ كېسەللىك كۆپىنچە كاناي - كېكىردەك ، شاخچە كاناي بىلەن بىر ۋاقىتتا بىللە بىرىكىپ كېلىدۇ، شۇڭا ئۆتكۈر كانايچە ياللۇغى دەپ نام قويۇلغان . كىلىنىكىدا يۆتىلىش بىرگە كېلىش ، كانايچە ئاجرالمىلار كۆپىيىش ئالاھىدىلىك بار .[0]
ئالامەتلىرى
ئۆتكۈر كانايچە ياللۇغى كانايچىنىڭ ئۆتكۈر ياللۇغى بولۇپ، دائىم كانايمۇ تەڭ ئاغرىيدۇ. شۇڭا ئەمەلىيەتتە ئۆتكۈر كاناي، كانايچە ياللۇغى دېيىلىدۇ. ئۆتكۈر كانايچە ياللۇغىنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى ئۈستۈنكى نەپەس يولى يۇقۇملىنىش(زۇكام) تىن كېيىن ئەگىشىپ كەلگەن بولۇپ، ئۈستۈنكى نەپەس يولى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەل قوزغاتقۇچىلار بولسا ئۆتكۈر كانايچە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كېسەل قوزغاتقۇچىلار ھەرخىل باكتېرىيە ياكى ۋىرۇس بولسىمۇ يەنە ئارىلاشما يۇقۇملىنىش بولىدۇ. كېسەللەنگۈچىدە دائىم ئالدى بىلەن پوتلا ئېقىش، بۇرۇنى توسۇلۇش قاتارلىق زۇكامنىڭ ئالامەتلىرى بولىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە يۆتەل ئەڭ ئاساسلىق ئىپادىسى، باشلىنىشتىلا قۇرۇق يۆتەل بولۇپ كېيىن بەلغەم بولىدۇ.
بوۋاق بالىلاردىكى ئىپادىسى
بوۋاق بالىلار ئۆتكۈر كانايچە ياللۇغى بولغاندا ئىپادىلىرى ئېغىرراق، دائىم قىزىش، تامىقى ئازلاش، قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ئىپادىلەر بولىدۇ. ئەگەر بوۋاقتا يۇقىرىقىدەك ئىپادىلەر كۆرۈلسە ياكى زۇكامدىن كېيىن يۆتەل ئېغىرلاپ كەتسە، بۇ كېسەلنىڭ يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكىگە ھوشيار بولۇپ، ۋاقىتتا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرۈپ داۋالاش كېرەك .
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
ئۆتكۈر كانايچە ياللۇغى
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.