يەر باشقۇرۇش قانۇنى

يەر باشقۇرۇش قانۇنى

1986–يىل 6–ئاينىڭ 25–كۈنى 6–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16–سانلىق يىغىنىدا ماقۇللانغان، 1988–يىل 12–ئاينىڭ 29–كۈنى 7–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 5–سانلىق يىغىنىنىڭ « «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەر باشقۇرۇش قانۇنى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن 1–قېتىم تۈزىتىلگەن .

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەر باشقۇرۇش قانۇنى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 1986–يىل 6–ئاينىڭ 25–كۈنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国土地管理法
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 1999–يىل 1–ئاينىڭ 1–كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يەر باشقۇرۇش قانۇنى( 1986–يىل 6–ئاينىڭ 25–كۈنى 6–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16–سانلىق يىغىنىدا ماقۇللانغان، 1988–يىل 12–ئاينىڭ 29–كۈنى 7–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 5–سانلىق يىغىنىنىڭ « «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەر باشقۇرۇش قانۇنى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن 1–قېتىم تۈزىتىلگەن، 1998–يىل 8–ئاينىڭ 29–كۈنى 9–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4–سانلىق يىغىنىدا تۈزىتىلگەن، 2004–يىل 8–ئاينىڭ 28–كۈنى 10–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 11–سانلىق يىغىنىنىڭ « «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەر باشقۇرۇش قانۇنى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن 2–قېتىم تۈزىتىلگەن) 

1–باب ئومۇمىي پرىنسىپ 

1–ماددا بۇ قانۇن يەر باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشنى، يەرگە بولغان سوتسىيالىستىك ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنى قوغداش، يەر بايلىقىنى ئاسراش ۋە ئېچىش، يەردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش، تېرىلغۇ يەرنى ھەقىقىي ئاسراش، جەمئىيەت ئىقتىسادىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن تۈزىتىلدى. 

2–ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە يەرگە نىسبەتەن سوتسىيالىستىك ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىك يەنى ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكى ۋە ئەمگەكچى ئاممىنىڭ كوللېكتىپ مۈلۈكچىلىكى يولغا قويۇلىدۇ. 

ئومۇمىي خەلق ئىگىدارلىقىدىكى يەنى دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى يەر ئىگىدارلىقىدىكى ھوقۇقىنى گوۋۇيۈەن دۆلەتكە ۋاكالىتەن يۈرگۈزىدۇ. 

ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ يەرنى ئىگىلىۋېلىشىغا، سېتىۋېلىش-سېتىشىغا ياكى باشقا شەكىللەر بىلەن قانۇنسىز ئۆتۈنۈپ بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ. يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولىدۇ. 

دۆلەت جامائەت مەنپەئىتىنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن، يەرنى قانۇن بويىچە سېتىۋالسا ياكى ئېلىپ ئىشلەتسە بولىدۇ ھەمدە تۆلەم بېرىدۇ. 

دۆلەت ئىلكىدىكى يەرنى قانۇن بويىچە ھەقلىق ئىشلىتىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. بىراق، دۆلەت ئىشلىتىش ھوقۇقىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن دائىرە ئىچىدە ئايرىپ بەرگەن دۆلەت يېرى بۇنىڭ سىرتىدا. 

3–ماددا يەرنى ئىنتايىن قەدىرلەش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش، تېرىلغۇ يەرنى ھەقىقىي ئاسراش–دۆلىتىمىزنىڭ تۈپ سىياسىتى. ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، ئوموميۈزلۈك پىلانلاپ، قاتتىق باشقۇرۇپ، يەر بايلىقىنى ئاسرىشى، ئېچىشى، يەرنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش قىلمىشلىرىنى چەكلىشى كېرەك. 

4–ماددا دۆلەت يەرنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. 

دۆلەت يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىنى تۈزۈپ، يەرنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى بەلگىلەيدۇ، يەرنى يېزا ئىگىلىك يېرى، قۇرۇلۇش يېرى ۋە پايدىلىنىلمىغان يەر دەپ ئايرىيدۇ. يېزا ئىگىلىكى يېرىنى قۇرۇلۇش يېرىگە ئۆزگەرتىۋېتىشكە قاتتىق چەك قويۇپ، قۇرۇلۇش يېرىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمىنى تىزگىنلەپ، تېرىلغۇ يەرنى ئالاھىدە ئاسرايدۇ. 

ئالدىنقى تارماقتا دېيىلگەن يېزا ئىگىلىك يېرى–تېرىلغۇ يەر، ئورمان يېرى، چۆپلۈك، ئېتىز–ئېرىق سۇ ئىنشائاتىغا ئىشلىتىلىدىغان يەر، باقمىچىلىققا ئىشلىتىلىدىغان سۇ يۈزى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا بىۋاستە ئىشلىتىلىدىغان يەرنى كۆرسىتىدۇ؛ قۇرۇلۇش يېرى–شەھەر يېزىلاردىكى تۇرالغۇ ۋە ئاممىۋى مۇئەسسەسىلەرگە، زاۋۇت–كانلارغا، قاتناش–سۇ ئىنشائاتى مۇئەسسەسىلىرىگە، ساياھەتچىلىككە، ھەربىي ئەسلىھەلەرگە ئىشلىتىلىدىغان يەر قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇرۇلۇش، قۇرۇلمىلارنى سېلىشقا ئىشلىتىلىدىغان يەرنى كۆزسىتىدۇ؛ پايدىلىنىلمىغان يەر–يېزا ئىگىلىك يېرى ۋە قۇرۇلۇش يېرىدىن باشقا يەرلەرنى كۆرسىتىدۇ. 

يەر ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە شەخس يەر ئىشلىتىشتە يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىدا بەلگىلەنگەن ئىشلىتىش ئورنىغا قاتتىق ئەمەل قىلىشى شەرت. 

5–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ يەر باشقۇرىشىغا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى پۈتۈن مەملىكەت يېرىنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش خىزمىتىگە بىر تۇتاش مەسئۇل بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەر باشقۇرۇشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ۋە ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن بەلگىلەيدۇ. 

6–ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ يەر باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن، نىزاملارغا رىئايە قىلىش مەجبۇرىيىتى بار ھەمدە يەر باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن، نىزاملارغا خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىشقا ھوقۇقلۇق. 

7–ماددا خەلق ھۆكۈمەتلىرى يەر بايلىقىنى ئاسراش ۋە ئېچىش، يەردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش شۇنىڭدەك ئۇنىڭغا ئالاقىدار ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى مۇكاپاتلايدۇ. 

2–باب يەر ئىگىدارلىق ھوقۇقى ۋە يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى 

8–ماددا شەھەر رايونىدىكى يەر دۆلەت ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ.

يېزا يەرلىرى ۋە شەھەر ئەتراپى رايونىدىكى يەرلەردىن قانۇندا دۆلەت ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ دەپ بەلگىلەنگەنلىرىدىن باشقىلىرى دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ؛ تۇرالغۇ ئۆي يېرى، قالدۇرۇق يەر، قالدۇرۇق تاغلار دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ. 

9–ماددا دۆلەت ئىلكىدىكى يەرنى ۋە دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرنى ئورۇنلار ياكى شەخسلەرنىڭ ئىشلىتىشىگە قانۇن بويىچە بەلگىلەپ بېرىشكە بولىدۇ. يەر ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە شەخسنىڭ يەرنى ئاسراش، باشقۇرۇش ۋە يەردىن پايدىلىنىش مەجبۇرىيىتى بار. 

10–ماددا دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرلەردىن قانۇن بويىچە كەنت دېھقانلىرىنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدا بولىدىغانلىرىنى كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىك تەشكىلاتلىرى ياكى كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى ئىشلىتىدۇ ۋە باشقۇرىدۇ؛ ئايرىم–ئايرىم ھالدا كەنتتىكى ئىككىدىن ئارتۇق يېزا كوللېكتىپ ئىگىلىك تەشكىلاتىدىكى دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىغا ئۆتۈپ كەتكەنلىرىنى كەنتتىكى شۇ يېزا كوللېكتىپ ئىگىلىك تەشكىلاتلىرى ياكى كەنت ئاھالە گۇرۇپپىلىرى ئىشلىتىدۇ ۋە باشقۇرىدۇ؛ يېزا(بازار) دېھقانلىرىنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىغا ئۆتۈپ كەتكەنلىرىنى شۇ يېزا(بازار) دىكى يېزا كوللېكتىپ ئىگىلىك تەشكىلاتلىرى ئىشلىتىدۇ ۋە باشقۇرىدۇ. 

11–ماددا دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرلەرنى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تىزىملاپ رويخەتكە ئېلىپ، گۇۋاھنامە بېرىپ، شۇ يەرلەرگە بولغان ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. 

دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرلەردىن قانۇن بويىچە يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىدىغانلىرىنى، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تىزىملاپ رويخەتكە ئېلىپ گۇۋاھنامە بېرىپ، قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. 

ئورۇنلار ۋە شەخسلەر قانۇن بويىچە ئىشلىتىدىغان دۆلەت ئىلكىدىكى يەرلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى تىزىملاپ رويخەتكە ئېلىپ، گۇۋاھنامە بېرىپ، ئىشلىتىش ھوقۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ؛ بۇنىڭ ئىچىدە مەركەزدىكى دۆلەت ئورگانلىرى ئىشلىتىدىغان دۆلەت ئىلكىدىكى يەرلەرنى تىزىملاپ گۇۋاھنامە بېرىدىغان كونكرېت ئورگاننى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ. 

ئورمان يېرى ۋە ئوتلاققا بولغان ئىگىدارلىق ھوقۇقى ياكى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش، سۇ يۈزى، ساھىللارنى باقمىچىلىققا ئىشلىتىش ھوقۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئايرىم–ئايرىم ھالدا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئورمان قانۇنى» ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوتلاق قانۇنى» ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بېلىقچىلىق قانۇنى» دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە بېجىرىلىدۇ. 

12–ماددا يەرنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكى ۋە ئىشلىتىلىش ئورنىنى قانۇن بويىچە ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، يەرنىڭ ئۆزگىرىشىنى تىزىملىتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش لازىم.

13–ماددا قانۇن بويىچە تىزىملانغان يەر ئىگىدارلىق ھوقۇقى ۋە ئىشلىتىش ھوقۇقى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ دەخلى–تەرۇز قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 

14–ماددا دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرلەرنى شۇ كوللېكتىپ ئىگىلىك تەشكىلاتىدىكى ئەزالار ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇپ، تېرىقچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ. يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش مۇددىتى 30 يىل بولىدۇ. يەرنى ھۆددىگە بەرگۈچى تەرەپ بىلەن ھۆددىگە ئالغۇچى تەرەپ ھۆددىگەرلىك توختامى تۈزۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى توغرىسىدا پۈتۈشۈشى كېرەك. يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرغان دېھقانلارنىڭ يەرنى قوغداش ۋە يەردىن ھۆددىگەرلىك توختامىدا پۈتۈشكەن ئىشلىتىلىش ئورنى بويىچە مۇۋاپىق پايدىلىنىش مەجبۇرىيىتى بار. دېھقانلارنىڭ يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقى قانۇن بىلەن قوغدىلىدۇ. 

يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش مۇددىتى ئىچىدە، ھۆددىگە ئالغان يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرغۇچى ئايرىم كىشىلەر ئارىسىدا مۇۋاپىق تەڭشەشكە توغرا كەلسە، كەنت ئاھالىلەر يىغىنىغا قاتناشقان ئۈچتىن ئىككى قىسىمدىن ئارتۇق ئەزانىڭ ياكى ئۈچتىن ئىككى قىسىمدىن ئارتۇق كەنت ئاھالە ۋەكىلىنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكۈزۈش ھەمدە يېزا(بازار) لىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقىغا يوللاپ تەستىقلىتىش كېرەك. 

15–ماددا دۆلەت ئىلكىدىكى يەرلەرنى ئورۇنلار ياكى شەخسلەر ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇپ، تېرىقچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ. دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرلەرنى شۇ كوللېكتىپ ئىگىلىك تەشكىلاتىدىن باشقا ئورۇن ياكى شەخس ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇپ، تېرىقچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ. ھۆددىگە بەرگۈچى تەرەپ بىلەن ھۆددىگەئالغۇچى تەرەپ ھۆددىگەرلىك توختامى تۈزۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى توغرىسىدا پۈتۈشىشى كېرەك. يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش مۇددىتىنى ھۆددىگەرلىك توختامىدا پۈتۈشىشى كېرەك. 

يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرغان ئورۇن ۋە شەخسنىڭ يەرنى قوغداش ۋە يەردىن ھۆددىگەرلىك توختامىدا پۈتۈشكەن ئىشلىتىش ئورنى بويىچە مۇۋاپىق پايدىلىنىش مەجبۇرىيىتى بار. 

دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرلەرنى شۇ كوللېكتىپ ئىگىلىك تەشكىلاتىدىن باشقا ئورۇن ياكى شەخس ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرماقچى بولسا، كەنت ئاھالە يىغىنىغا قاتناشقان ئۈچتىن ئىككى قىسىمدىن ئارتۇق ئەزانىڭ ياكى ئۈچتىن ئىككى قىسىمدىن ئارتۇق كەنت ئاھالە ۋەكىلىنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكۈزۇش ھەمدە يېزا(بازار) لىق خەلق ھۆكۈمىتىگە يوللاپ تەستىقلىتىش كېرەك. 

16–ماددا يەر ئىگىدارلىق ھوقۇقى ۋە يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دائىر تالاش-تارتىشلارنى ئالاقىدار تەرەپلەر كېڭىشىپ ھەل قىلىدۇ؛ كېڭىشىپ ھەل قىلالمىسا، خەلق ھۆكۈمىتى بىر تەرەپ قىلىدۇ. 

ئورۇنلار ئوتتۇرسىدىكى تالاش–تارتىشنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى بىر تەرەپ قىلىدۇ؛ شەخسلەر ئوتتۇرسىدىكى، شەخسلەر بىلەن ئورۇنلار ئوتتۇرسىدىكى تالاش–تارتىشنى يېزا دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى بىر تەرەپ قىلىدۇ. 

ئالاقىدار تەرەپلەر ئالاقىدار خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تەرەپ قىلىش قارارىغا قايىل بولمىسا، بىر تەرەپ قىلىش قارارى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلسا بولىدۇ. 

يەر ئىگىدارلىق ھوقۇقى ۋە يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى توغرىسىدىكى تالاش–تارتىش ھەل قىلىنغىچە، ھەر قانداق بىر تەرەپنىڭ يەرنىڭ شۇ چاغدىكى پايدىلىنىش ھالىتىنى ئۆزگەرتىۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

17–ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا، دۆلەت زېمىنىنى رەتلەش ۋە بايلىق مۇھىتىنى قوغداش تەلىپىگە، يەر بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى ۋە تۈرلۈك قۇرۇلۇشلارنىڭ يەر ئېھتىياجىغا ئاساسەن، يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىنى تۈزۈشكە تەشكىلاتچىلىق قىلىشى كېرەك. 

يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىنىڭ مۇددىتىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ. 

18–ماددا تۆۋەن دەرىجىلىك ئورۇننىڭ يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانى بىر دەرىجە يۇقىرى ئورۇننىڭ يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىغا ئاساسەن تۈزۈلۈشى كېرەك. 

يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تۈزگەن يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىدىكى قۇرۇلۇش يېرىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىدا بەلگىلەنگەن تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، تېرىلغۇ يەر كاپالەت كۆلىمى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىدا بەلگىلەنگەن تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچىدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك. 

ئۆلكىلىك، ئاتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تۈزگەن يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىدا شۇ مەمۇرىي رايوندىكى تېرىلغۇ يەر ئومۇمىي مىقدارىنىڭ كېمىيىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىشى كېرەك. 

19–ماددا يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانى تۆۋەندىكى پرىنسىپ بويىچە تۈزۈلىدۇ:

(1) ئاساسىي ئېتىز–ئېرىقنى قاتتىق قوغداش، يېزا ئىگىلىك يېرىنى يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىشنى تىزگىنلەش؛

(2) يەردىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش؛ 

(3) ھەرخىل يەرلەرنى، ھەرقايسى رايونلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان يەرلەرنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش؛ 

(4) ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ئاسراش ۋە ياخشىلاش، يەردىن سىجىل پايدىلىنىشقا كاپالەتلىك قىلىش؛

(5) ئىگىلەپ ئىشلىتىلگەن تېرىلغۇ يەر بىلەن ئېچىپ ئۆزلەشتۈرۈلگەن، ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن تېرىلغۇ يەرلەرنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش.

20–ماددا ناھىيە دەرىجىلىك يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىدا يەردىن پايدىلىنىش رايونى ئايرىلىشى، يەرنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى ئايدىڭلاشتۇرۇلىشى كېرەك.

يېزا(بازار) لارنىڭ يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىدا يەردىن پايدىلىنىش رايونى ئايرىلىشى، يەر ئىشلىتىش شارائىتىغا قاراپ، ھەر بىر پارچە يەرنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى بەلگىلىنىشى ھەمدە ئېلان قىلىنىشى كېرەك. 

21–ماددا يەردىن پايدىلىنش ئومۇمىي پىلانىنى دەرىجە بويىچە تەستىقلاش يولغا قويۇلىدۇ. 

ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانى گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشىغا يوللىنىدۇ. 

ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمەتلىرى تۇرۇشلۇق شەھەرلەر، ئاھالىسى بىر مىليوندىن ئاشىدىغان شەھەرلەر ۋە گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن شەھەرلەرنىڭ يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەكشۈرۈپ قوشۇلغاندىن كېيىن گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشىغا يوللايدۇ. 

مۇشۇ ماددىنىڭ 2-، 3-، تارمىقىدا بەلگىلەنگەن باشقا يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانى دەرىجىمۇ دەرىجە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەستىقلىشىغا يوللىنىدۇ؛ بۇنىڭ ئىچىدە يېزا(بازار) لارنىڭ يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىنى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ھوقۇق بەرگەن رايون بار شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى تەستىقلىسا بولىدۇ. 

يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانى تەستىقلانغاندىن كېيىن ئۇنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى شەرت. 

22–ماددا شەھەر قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان يەر كۆلىمى دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەمگە ئۇيغۇن بولۇش، دەل قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلۋاتقان يەردىن تولۇق پايدىلىنىش، يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان يەرنى ئىگىلىۋالماسلىق ياكى ئىمكانقەدەر ئاز ئىگىلەش كېرەك.

شەھەرلەرنىڭ ئومۇمىي پىلانى، كەنت ۋە بازارلارنىڭ پىلانى يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشى كېرەك. شەھەرلەرنىڭ ئومۇمىي پىلانىدىكى، كەنت ۋە بازارلارنىڭ پىلانىدىكى قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلىدىغان يەر كۆلىمى يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىدا بەلگىلەنگەن شەھەر ۋە كەنت–بازارلارنىڭ قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلىدىغان يەر كۆلىمىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

شەھەر پىلانلانغان رايون، كەنت ۋە بازار پىلانلانغان رايوندا شەھەر ۋە كەنت–بازار قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان يەر شەھەر پىلانىغا ۋە كەنت–بازار پىلانىغا ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك. 

23–ماددا دەريا–كۆللەرنى ھەر تەرەپلىمە تىزگىنلەش، ئېچىپ پايدىلىنىش پىلانى يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇلۇشى كېرەك. دەريا، كۆل، سۇ ئامبارلىرىنى باشقۇرۇش ۋە قوغداش دائىرىسى ئىچىدە شۇنىڭدەك كەلكۈن قاچىلاش رايونلىرىدا يەردىن پايدىلىنىش دەريا، كۆللەرنى ھەر تەرەپلىمە تىزگىنلەش، ئېچىپ پايدىلىنىش پىلانىغا ئۇيغۇن كېلىشى، دەريا–كۆللەرنىڭ كەلكۈن ئاققۇزۇش، قاچىلاش، سۇ چىقىرىش تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.

24–ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يەردىن پايدىلىنىش پىلانىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى، قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلىدىغان يەرلەرنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلىشى كېرەك. 

يەردىن پايدىلىنىش يىللىق پىلانى خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى، دۆلەتنىڭ كەسپ سىياسىتى، يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانى شۇنىڭدەك قۇرۇلۇشقا يەر ئىشلىتىش ۋە يەردىن پايدىلىنىش ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن تۈزۈلىدۇ. يەردىن پايدىلىنىش يىللىق پىلانىنى تۈزۈش ۋە تەستىقلاش تەرتىپى يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىنى تۈزۈش ۋە تەستىقلاش تەرتىپى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. پىلان تەستىقلىنىپ چۈشۈرۈلگەن ھامان قاتتىق ئىجرا قىلىش شەرت.

25–ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يەردىن پايدىلىنىش يىللىق پىلانىنىڭ ئىجراسىنى خەلق ھۆكۈمەتلىرى يەردىن پايدىلىنىش يىللىق پىلانىنىڭ ئىجراسىنى خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى ئىجراسىنىڭ مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ، تەڭ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا دوكلات قىلىشى كېرەك. 

26–ماددا تەستىقلانغان يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىنى ئۆزگەرتىشتە، ئەسلىي تەستىقلانغان ئورگاننىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈش كېرەك؛ تەستىقلاتماي تۇرۇپ، يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىدا بەلگىلەنگەن يەرنىڭ ئىشلىتىش ئورنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان چوڭ تىپتىكى ئېنېرگىيە، قاتناش، سۇچىلىق ئەسلىھەلىرى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلىشىغا ئىشلىتىدىغان يەرلەر ئۈچۈن يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، ئۇنى گوۋۇيۈەننىڭ تەستىق ھۆججىتىگە ئاساسەن ئۆزگەرتىشى كېرەك.

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەستىقلىغان ئېنېرگىيە، قاتناش، سۇچىلىق ئەسلىھەلىرى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلىشىغا ئىشلىتىدىغان يەرلەر ئۈچۈن يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلىپ، بۇ ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىنى تەستىقلاش ھوقۇق دائىرىسىدە بولسا، يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىق ھۆججىتىگە ئاساسەن ئۆزگەرتىلىدۇ. 

27–ماددا دۆلەت يەر تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ. 

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەر باشقۇرۇشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارماقلىرى شۇ دەرىجىلىك ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە يەر تەكشۈرىدۇ. يەرگە ئىگىدارلىق قىلغۇچى ياكى يەر ئىشلەتكۈچى تەكشۈرۈشكە ماسلىشىشى ھەمدە ئالاقىدار ماتېرىياللارنى بېرىشى كېرەك. 

28–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەر باشقۇرۇشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارماقلىرى شۇ دەرىجىلىك ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، يەر تەكشۈرۈش نەتىجىسى، پىلانلانغان يەرنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى ۋە دۆلەت بەلگىلىگەن بىر تۇتاش ئۆلچەمگە ئاساسەن يەرنىڭ دەرىجىسىنى باھالاپ بېكىتىدۇ. 

29–ماددا دۆلەت يەر ستاتىستىكىلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى يەر باشقۇرۇشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارماقلىرى ۋە شۇ دەرىجلىك ستاتىستىكا تارماقلىرى بىلەن ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش لاھىيىسىنى بىرلىكتە تۈزۈپ چىقىپ، يەرنى قانۇن بويىچە ستاتىستىكا قىلىدۇ، يەر ستاتىستىكا ماتېرىياللىرىنى قەرەللىك ئېلان قىلىپ تۇرىدۇ، يەرگە ئىگىدارلىق قىلغۇچى ياكى يەر ئىشلەتكۈچى ئالاقىدار ماتېرىياللارنى بېرىشى كېرەك. يالغان مەلۇم قىلىشقا، يوشۇرۇشقا، مەلۇم قىلىشنى رەت قىلىشقا، كېچىكتۈرۈپ مەلۇم قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ. 

يەرنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارماقلار بىلەن ستاتىستىكا تارماقلىرى بىرلىكتە ئېلان قىلغان يەر كۆلىمى ستاتىستىكا ماتېرىياللىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىنى تۈزۈشتە ئاساس قىلىنىدۇ. 

30–ماددا دۆلەت مەملىكەتلىك يەر باشقۇرۇش ئۇچۇر سىستېمىسى قۇرۇپ، يەردىن پايدىلىنىش ئەھۋالىنى ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىدۇ.

4–باب تېرىلغۇ يەرلەرنى ئاسراش 

31–ماددا دۆلەت تېرىلغۇ يەرلەرنى ئاسرايدۇ، تېرىلغۇ يەرلەرنى باشقا يەرگە ئۆزگەرتىشنى قاتتىق تىزگىنلەيدۇ.

دۆلەت تېرىلغۇ يەرلەرنى ئىگىلەشتە تولۇقلىما بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا قۇرۇلۇشقا تېرىلغۇ يەرلەرنى تەستىق ئارقىلىق ئىگىلىگەنلەر «قانچىلىك ئىگىلىسە، شۇنچىلىك ئېچىپ ئۆزلەشتۈرۈش» پرىنسىپىغا ئاساسەن، تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلىگەن ئورۇن ئىگىلىگەن يېرى بىلەن ئوخشاش سان ۋە سۈپەتكە توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەرنى ئېچىپ ئۆزلەشتۈرۈشكە مەسئۇل بولىدۇ؛ تېرىلغۇ يەر ئۆزلەشتۈرۈش شارائىتى يوقلار ياكى ئۆزلەشتۈرگەن تېرىلغۇ يېرى تەلەپكە ئۇيغۇن بولمىغانلار ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تېرىلغۇ يەر ئۆزلەشتۈرۈش ھەققى تاپشۇرىدۇ، بۇ پۇل يېڭى تېرىلغۇ يەر ئۆزلەشتۈرۈشكە ئشلىتىلىدۇ. 

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تېرىلغۇ يەر ئۆزلەشتۈرۈش پىلانى تۈزۈشى، تېرىلغۇ يەرلەرنى ئىگىلىگەن ئورۇنلارنىڭ پىلان بويىچە تېرىلغۇ يەر ئۆزلەشتۈرۈش ياكى پىلان بويىچە يەر ئۆزلەشتۈرۈشكە تەشكىلاتچىلىق قىلىشىغا نازارەتچىلىك قىلىشى ھەمدە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشى لازىم.

32–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تېرىلغۇ يەرلەرنى ئىگىلىگەن ئورۇندىن ئىگىلىگەن تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ تېرىلغۇ قەۋىتىدىكى تۇپراقنى يېڭى ئۆزلەشتۈرۈلگەن تېرىلغۇ يەر، ناچار يەر ياكى باشقا تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ تۇپرىقىنى ياخشىلاشقا ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

33–ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى، تەدبىر قوللىنىپ، ئۆز مەمۇرىي رايونىدا تېرىلغۇ يەر ئومۇمىي مىقدارىنىڭ ئازىيىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك؛ تېرىلغۇ يەر ئومۇمىي مىقدارى ئازىيىپ كەتكەنلەرنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە ئازىيىپ كەتكەن تېرىلغۇ يەرنىڭ سان ۋە سۈپىتىگە باراۋەر كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر ئۆزلەشتۈرۈشكە تەشكىلاتچىلىق قىلىشقا بويرۇيدۇ ھەمدە ئۇنى گوۋۇيۈەننىڭ يەر باشقۇرۇشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى يېزا ئىگىلىكىگە مەسئۇل مەمۇرىي تارماق بىلەن بىرلىكتە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالىدۇ. يەر زاپىسى بايلىقى ھەقىقەتەن كەم بولۇپ، قۇرۇلۇشقا يېڭىدىن يەر كۆپەيتكەندىن كېيىن، يېڭىدىن ئۆزلەشتۈرگەن تېرىلغۇ يېرىنىڭ سانى ئىگىلىگەن تېرىلغۇ يېرىنىڭ سانىنى تولدۇرۇشقا يەتمىگەن ئايرىم ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ئۆزلەشتۈرۈشكە تېگىشلىك تېرىلغۇ يېرىنىڭ سانىنى ئازايتىش، كەچۈرۈم قىلىشنى گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىپ، باشقا جايدىن يەر ئۆزلەشتۈرۈشى شەرت. 

34–ماددا دۆلەت ئاساسىي ئېتىز–ئېرىقلارنى ئاسراش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. تۆۋەندىكى تېرىلغۇ يەرلەر يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانى بويىچە ئاساسىي ئېتىز–ئېرىقلارنى ئاسراش رايونىغا ئايرىلىپ، قاتتىق باشقۇرۇلىدۇ:(1) گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارمىقى ياكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەستىقلاپ بەلگىلىگەن ئاشلىق، پاختا، ياغلىق دان ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرى ئىچىدىكى تېرىلغۇ يەرلەر؛ 

(2) سۇ ئىنشائاتلىرى ۋە سۇ–تۇپراقنى قوغداش ئەسلىھەلىرى ياخشى بولغان تېرىلغۇ يەرلەر، ياخشىلاش پىلانى يولغا قۇيۇلۇۋاتقان ھەم ياخشىلىغىلى بولىدىغان ئوتتۇرا، تۆۋەن ھوسۇللۇق ئېتىزلار؛ 

(3) كۆكتات ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرى

(4) يېزا ئىگىلىك ئىلمىي تەتقىقاتى، ئوقۇتۇشى ئېلىپ بېرىلىدىغان تەجرىبە ئېتىزلىرى؛ 

(5) گوۋۇيۈەن ئاساسىي ئېتىز–ئېرىقلارنى ئاسراش رايونىغا ئايرىش كېرەك دەپ بەلگىلىگەن باشقا تېرىلغۇ يەرلەر.

ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بېكىتكەن ئاساسىي ئېتىز–ئېرىقلار شۇ مەمۇرىي رايون ئىچىدىكى تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ 80 ىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىشى كېرەك. 

ئاساسىي ئېتىز–ئېرىقلارنى ئاسراش رايونى يېزا(بازار) نى بىرلىك قىلىپ رايونغا ئايرىلىپ چېگرىسى بېكىتىلىدۇ، ئۇنى يولغا قويۇشقا ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەر باشقۇرۇشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارماقلىرى شۇ دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكىگە مەسئۇل مەمۇرىي تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تەشكىلاتچىلىق قىلىد%ۇ. 

35–ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، سۇ چىقىرىش، سۇغىرىش قۇرۇلۇشى ئەسلىھەلىرىنى قوغداپ، تۇپراقنى ياخشىلاپ، يەرنىڭ مۇنبەتلىكىنى ئاشۇرۇپ، يەرنىڭ چۆللىشىپ، شورلىشىپ كېتىشى، سۇ–تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشى ۋە يەر بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. 

36–ماددا يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا قۇرۇلۇشقا يەرنى تېجەپ ئىشلىتىش شەرت، قاقاس يەردىن پايدىلىنشقا بولىدىغانلارنىڭ تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلىشىگە يول قويۇلمايدۇ؛ ناچار يەردىن پايدىلىنىشقا بولىدىغانلارنىڭ ياخشى يەرنى ئىگىلىشىگە يول قويۇلمايدۇ. 

تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەپ خۇمدان، قەبرە ياساش ياكى تېرىلغۇ يەرگە ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆي سېلىش، تېرىلغۇ يەردىن قۇم، شېغىل، توپا ئېلىش، رودا قېزىش قاتارلىقلار مەنئى قىلىنىدۇ. 

ئاساسىي ئېتىز–ئېرىقلارنى ئىگىلەپ ئورمانچىلىق–باغۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىش ياكى كۆل كولاپ بېلىق بېقىش مەنئى قىلىنىدۇ.

37–ماددا ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ تېرىلغۇ يەرنى ئىشلەتمەي تاشلاپ قويۇشى، ئاق قالدۇرۇشى مەنئى قىلىنىدۇ.

تەكشۈرۈپ تەستىقلاش رەسمىيىتى بېجىرىلىپ يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا قۇرۇلۇش ئۈچۈن ئىگىلەنگەن تېرىلغۇ يەر بىر يىلغىچە ئىشلىتىلمىگەن ھەم تېرىغىلى ۋە ھوسۇل ئالغىلى بولىدىغان يەر بولسا، ئۇنى ئەسلىي تېرىغان كوللېكتىپ ياكى شەخس تېرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك ياكى يەرنى ئىشلەتكۈچى ئورۇن شۇ يەرنى تېرىشقا تەشكىلاتچىلىق قىلسىمۇ بولىدۇ؛ بىر يىلدىن ئېشىپ كەتكىچىمۇ قۇرۇلۇش باشلىمىغانلار ئۆلكە، ئاپتونۇم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە يەرنى ئىشلەتمەي تاشلاپ قويغانلىق ھەققى تاپشۇرىدۇ؛ ئۇدا ئىككى يىل ئىشلەتمىگەن بولسا، شۇ يەر ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئەسلىدىكى تەستىقلىغۇچى ئورۇننىڭ تەستىقى بىلەن ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ھەقسىز قايتۇرۇۋالىدۇ؛ ئۇ يەر ئەسلىدە دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەر بولسا، ئەسلىدىكى يېزا كوللېكتىپ ئىگىلىك تەشكىلاتىنىڭ تېرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تاپشۇرۇلىدۇ.

شەھەر پىلانلانغان رايون دائىرىسىدە ھەقلىق بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشىپ، ئۆي–زېمىن تەرەققىياتى ئېلىپ بېرىلىدىغان بوش يەرلەر «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆي–زېمىن باشقۇرۇش قانۇنى» دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە باشقۇرۇلىدۇ. 

تېرىلغۇ يەرلەرنى ھۆددىگە ئالغان ئورۇن ياكى شەخس تېرىلغۇ يەرنى ئۇدا ئىككى يىل ئاق تاشلاپ قويسا، ئەسلىدىكى ھۆددىگە بەرگۈچى ئورۇن ھۆددىگەرلىك توختامىنى بىكار قىلىپ، ھۆددىگە بەرگەن تېرىلغۇ يەرنى قايتۇرۇۋېلىشى كېرەك.

38–ماددا دۆلەت ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانى بويىچە، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ئاسراش ۋە ياخشىلاش، سۇ تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشى ۋە يەرنىڭ چۆللىشىپ، قۇملىشىپ. ، كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، پايدىلانمىغان يەرلەرنى ئالدى بىلەن يېزا ئىگىلىك يېرى قىلىپ ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك.

دۆلەت يەر ئاچقۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق–مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ. 

39–ماددا پايدىلانمىغان يەرلەرنى ئۆزلەشتۈرۈش ئىلمىي دەلىللەش ۋە باھالاشتىن ئۆتكۈزۈلۈشى، يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىدا ئايرىلغان يەر ئۆزلەشتۈرۈشكە بولىدىغان رايون ئىچىدە قانۇن بويىچە تەستىقلاتقاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىشى شەرت. ئورمانلىقنى، ئوتلاقنى بۇزۇپ تېرىلغۇ يەر ئۆزلەشتۈرۈش مەنئى قىلىنىدۇ، كۆللەرنى قاشالاپ ئېتىز بەرپا قىلىش ۋە دەريا ساھىللىرىنى ئىگىلىۋېلىش مەنئى قىلىنىدۇ. 

يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىغا ئاساسەن، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى بۇزۇپ ئۆزلەشتۈرگەن، چىتلاپ ئۆزلەشتۈرۈلگەن يەرلەردە ئورمان، ئوتلاق ۋە كۆللەر پىلانلىق ۋە قەدەم–باسقۇچلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ. 

40–ماددا ئىشلىتىش ھوقۇقى بېكىتىلمىگەن دۆلەت ئىلكىدىكى قاقاس تاغ، قاقاس يەر، قاقاس ساھىللارنى ئېچىپ، تېرىقچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار بولسا، ئۇنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەستىقلىشى ئارقىلىق ئاچقۇچى ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئۇزاق مۇددەت ئىشلىتىشىگە بەلگىلەپ بېرىشكە بولىدۇ. 

41–ماددا دۆلەت يەرنى رەتلەشكە ئىلھام بېرىدۇ. ناھىيىلىك، يېزا(بازار) لىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزا كوللېكتىپ ئىگىلىك تەشكىلاتلىرىنى تەشكىللەپ، يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىغا ئاساسەن، ئېتىز، سۇ، يول، ئورمان، كەنتلەرنى ھەر تەرەپلىمە ئوڭشاپ، تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈملۈك تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنى كۆپەيتىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىنى ۋە ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ياخشىلىشى كېرەك. 

يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، ئوتتۇرا، تۆۋەن ھوسۇللۇق ئېتىزلارنى ئۆزگەرتىپ، ئىشلىتىلمىگەن پارچە–پۇرات يەرلەر ۋە تاشلاندۇق يەرلەرنى ئوڭشىشى كېرەك.

42–ماددا قېزىش، ئولتۇرۇشۇپ كېتىش، بېسىلىپ قېلىش قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن يەر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىسا، يەر ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە شەخس دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە مەسئۇل بولىدۇ. ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە شارائىتى يار بەرمەيدىغانلار ياكى ئەسلىگە كەلتۈرگىنى تەلەپكە ئۇيغۇن بولمىغانلار يەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك، بۇ پۇل يەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكىلا ئىشلىتىلىدۇ. ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن يەر ئالدى بىلەن يېزا ئىگىلىكى ئۈچۈن ئىشلىتىلىشى كېرەك. 

5–باب قۇرۇلۇشقا يەر ئىشلىتىش 

43–ماددا ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخس قۇرۇلۇشقا يەر ئىشلەتمەكچى بولسا، قانۇن بويىچە دۆلەت ئىلكىدىكى يەرنى ئىشلىتىشنى ئىلتىماس قىلىشى شەرت؛ لېكىن يېزا–بازار كارخانىلىرىنى قۇرۇشتا ۋە كەنت ئاھالە تۇرالغۇسى سېلىشتا شۇ كوللېكتىپ ئىگىلىك تەشكىلاتىدىكى دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرلەرنى قانۇن بويىچە تەستىقلىتىپ ئىشلەتكەنلەر ياكى يېزا(بازار) –كەنت جامائەت ئەسلىھەلىرى ۋە پاراۋانلىق ئىشلىرى قۇرۇلۇشىغا دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرلەرنى قانۇن بويىچە تەستىقلىتىپ ئىشلەتكەنلەر بۇنىڭ سىرتىدا. 

ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلىپ ئىشلىتىلىدىغان دۆلەت ئىلكىدىكى يەرلەر دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى يەرلەرنى ۋە دۆلەت سېتىۋالغان ئەسلىي دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

44–ماددا قۇرۇلۇشقا يەر ئىشلىتىشتە، يېزا ئىگىلىك يېرىنى قۇرۇلۇش يېرىگە ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، يېزا ئىگىلىك يېرىنى باشقا ئىشقا ئىشلىتىشنى تەستىقلىتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش كېرەك. 

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەستىقلىغان يول، تۇرۇبا لىنىيە قۇرۇلۇشى ۋە چوڭ تىپتىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە، گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە يەر ئىشلىتىشتە، يېزا ئىگىلىك يېرىنى قۇرۇلۇش يېرىگە ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، ئۇنى گوۋۇيۈەن تەستىقلايدۇ. 

يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىدا بەلگىلەنگەن شەھەر ۋە كەنت–بازار قۇرۇلۇشىغا يەر ئىشلىتىش كۆلىمى دائىرىسىدە شۇ پىلاننى يولغا قۇيۇش ئۈچۈن يېزا ئىگىلىك يېرىنى قۇرۇلۇش يېرىگە ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، ئۇنى يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىنى تەستىقلىغان ئەسلىدىكى ئورگان يەردىن پايدىلىنىش يىللىق پىلانىغا ئاساسەن تۈركۈمگە بۆلۈپ تەستىقلايدۇ. يېزا ئىگىلىك يېرىنى قۇرۇلۇش يېرىگە ئۆزگەرتىش تەستىقلىنىپ بولغان يەر دائىرىسىدىكى كونكرېت قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە ئىشلىتىلىدىغان يەرنى شەھەرلىك، ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەستىقلىسا بولىدۇ.

بۇ ماددىنىڭ 2-، 3–تارمىقىدا بەلگىلەنگەنلىرىدىن باشقا قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە يەر ئىشلىتىشتە، يېزا ئىگىلىك يېرىنى قۇرۇلۇش يېرىگە ئۆزگەرتىشتە توغرا كەلگەنلىرىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەستىقلايدۇ. 

45–ماددا تۆۋەندىكى يەرلەرنى سېتىۋېلىشنى گوۋۇيۈەن تەستىقلايدۇ:

(1) ئاساسىي ئېتىز–ئېرىق بولسا؛

(2) ئاساسىي ئېتىز–ئېرىقتىن باشقا تېرىلغۇ يېرى 35 گېكتاردىن ئاشسا؛ 

(3) باشقا يەرلىرى 70 گېكتاردىن ئاشسا.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەنلىرىدىن باشقا يەرلەرنى سېتىۋېلىشقا توغرا كەلسە، ئۇنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەستىقلايدۇ ھەمدە گوۋۇيۈەنگە ئەنگە ئالدۇرىدۇ. 

يېزا ئىگىلىك يېرىنى سېتىۋېلىشتا، مۇشۇ قانۇننىڭ 44–ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئالدى بىلەن يېزا ئىگىلىك يېرىنى باشقا ئىشقا ئىشلىتىشكە ئۆزگەرتىشنى تەستىقلىتىش كېرەك. 

ئۇنىڭ ئىچىدە يېزا ئىگىلىك يېرىنى باشقا ئىشقا ئىشلىتىشنى گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىدىغانلار يەر ئېلىپ ئىشلىتىشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلىتىش رەسمىيىتىنى ئايرىم بېجىرمەي، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بېجىرىدۇ؛ ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىگە يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا ئىشقا ئىشلىتىشكە ئۆزگەرتىشنى يەر ئېلىپ ئىشلىتىشنى تەستىقلاش ھوقۇق دائىرىسىدە تەستىقلىتىدىغانلار يەر ئېلىپ ئىشلىتىش رەسمىيىتىنى ئايرىم بېجىرمەي، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بېجىرىدۇ؛ يەر ئېلىپ ئىشلىتىشنى تەستىقلاش ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىپ كېتىدىغانلىرىنى تەستىقلىتىش رەسمىيىتىنى مۇشۇ ماددىنىڭ 1–تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئايرىم بېجىرىش كېرەك. 

46–ماددا دۆلەت يەر سېتىۋالماقچى بولسا، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە تەستىقلاتقاندىن كېيىن، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئېلان چىقىرىدۇ ھەمدە يولغا قۇيۇشقا تەشكىلاتچىلىق قىلىدۇ.

يېرى سېتىۋېلىنىدىغان ئىگىدارلىق ھوقۇقىغا ئىگە كىشى، ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە كىشى ئېلاندا بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە يەر ھوقۇق تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسىنى ئېلىپ شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يەر باشقۇرۇشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقىغا بېرىپ يەر ئېلىپ ئىشلىتىش تۆلىمىنى تىزىملىتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىدۇ. 

47–ماددا يەر سېتىۋېلىشتا، سېتىۋېلىنىدىغان يەرنىڭ ئەسلىدىكى ئىشلىتىش ئورنى بويىچە تۆلەم بېرىلىدۇ. 

سېتىۋېلىنىدىغان تېرىلغۇ يەرنىڭ تۆلەم ھەققى يەر تۆلەم پۇلى، ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇلى شۇنىڭدەك يەر ئۈستىدىكى قوشۇمچە نەرسىلەرنى ۋە مايسىلارغا بېرىلىدىغان تۆلەم پۇلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سېتىۋېلىنىدىغان تېرىلغۇ يەرنىڭ تۆلەم پۇلى شۇ تېرىلغۇ يەر سېتىۋېلىنىشتىن ئىلگىرىكى ئۈچ يىلنىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق مەھسۇلات قىممىتىنىڭ ئالتە ھەسسىسىدىن ئون ھەسسىسىگىچە بولىدۇ. سېتىۋېلىنىدىغان تېرىلغۇ يەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇش ياردەم پۇلى ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان يېزا ئىگىلىك ئاھالىسىنىڭ سانى بويىچە ھېسابلىنىدۇ. ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان يېزا ئىگىلىك ئاھالىسىنىڭ سانى سېتىۋېلىنغان تېرىلغۇ يەر سانىنى يەر ئېلىپ ئىشلىتىشتىن ئىلگىرى يېرى ئېلىنغان ئورۇننىڭ كىشى بېشىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن توغرا كەلگەن تېرىلغۇ يەرنىڭ سانىغا بۆلۈش بويىچە ھېسابلىنىدۇ. ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان ھەر بىر يېزا ئىگىلىك ئاھالىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇلى ئۆلچىمى شۇ تېرىلغۇ يەر سېتىۋېلىنىشتىن ئىلگىرىكى ئۈچ يىلنىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق مەھسۇلات قىممىتىنىڭ تۆت ھەسسىسىدىن ئالتە ھەسسىسىگىچە بولىدۇ. لېكىن سېتىۋېلىنغان ھەر بىر گېكتار تېرىلغۇ يەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇلى ئەڭ كۆپ بولغاندا سېتىۋېلىنىشتىن ئىلگىرى ئۈچ يىللىق ئوتتۇرىچە يىللىق مەھسۇلات قىممىتىنىڭ 15 ھەسسىسىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

سېتىۋېلىنىدىغان باشقا يەرنىڭ تۆلەم پۇلى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر سېتىۋېلىنغان تېرىلغۇ يەرنىڭ تۆلەم پۇلى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش يادەم پۇلى ئۆلچىمىگە قاراپ بەلگىلەيدۇ.

سېتىۋېلىنىدىغان يەردىكى قوشۇمچە نەرسىلەرنى ۋە مايسىلارنىڭ تۆلەم ئۆلچىمىنى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بەلگىلەيدۇ.

شەھەر ئەتراپى رايونىدىكى كۆكتاتلىقنى سېتىۋېلىشتا، يەر ئىشلەتكۈچى ئورۇن دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە يېڭى كۆكتاتلىق ئېچىش قۇرۇلۇش فوندى تاپشۇرىدۇ. 

مۇشۇ ماددىنىڭ 2–تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە يەر تۆلەم پۇلى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇلى بەرگەندە، ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان دېھقانلارئەسلىدىكى تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ساقلاپ قالالمىسا، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەستىقى بىلەن، ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇلىنى كۆپەيتىشكە بولىدۇ. لېكىن، يەرگە بېرىلىدىغان تۆلەم ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇلىنىڭ ئومۇمىي سانى يەر سېتىۋېلىشتىن ئىلگىرىكى ئۈچ يىلنىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق مەھسۇلات قىممىتىنىڭ 30 ھەسسىسىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. 

گوۋۇيۈەن ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيىسىگە ئاساسەن، ئالاھىدە ئەھۋال ئاستىدا، سېتىۋېلىنىدىغان تېرىلغۇ يەرنىڭ تۆلەم پۇلى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى ئۆستۈرسە بولىدۇ.

48–ماددا سېتىۋېلىنىدىغان يەرگە تۆلەم بېرىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش لاھىيىسى بېكىتىلگەندىن كېيىن، ئالاقىدار يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئېلان چىقىرىشى ھەمدە يېرى سېتىۋېلىنىدىغان يېزا كوللېكتىپ ئىگىلىك تەشكىلاتى ۋە دېھقانلارنىڭ پىكرىنى ئېلىشى كېرەك. 

49–ماددا يېرى سېتىۋېلىنغان يېزا كوللېكتىپ ئىگىلىك تەشكىلاتى سېتىۋېلىنغان يەر تۆلەم ھەققىنىڭ كىرىم-چىقىم ئەھۋالىنى شۇ كوللېكتىپ ئىگىلىك تەشكىلاتىدىكى ئەزالارغا ئېلان قىلىشى كېرەك.

يېرى سېتىۋېلىنغان ئورۇنغا بېرىلگەن تۆلەم ھەققى ۋە باشقا ئالاقىدار ھەقلەرنى ئىگىلىۋېلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

50–ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېرى سېتىۋېلىنغان يېزا كوللېكتىپ ئىگىلىك تەشكىلاتى ۋە دېھقانلارنىڭ تىجارەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ۋە كارخانا ئېچىشىغا مەدەت بېرىشى كېرەك. 

51–ماددا چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى سۇ ئىنشائاتلىرى، سۇ ئېلېكتر قۇرۇلۇشلىرىغا سېتىۋېلىنىدىغان يەرنىڭ تۆلەم پۇلى ئۆلچىمى ۋە كۆچۈرۈلىدىغان ئاھالىنى ئورۇنلاشتۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن ئايرىم بەلگىلەيدۇ.

52–ماددا قۇرۇلۇش تۈرىنى مۈمكىنچىلىك تەتقىقاتى بويىچە دەلىللىگەندە، يەر باشقۇرۇشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارماقلار يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانى، يەردىن پايدىلىنىش يىللىق پىلانى ۋە قۇرۇلۇشقا يەر ئىشلىتىش ئۆلچىمىگە ئاساسەن قۇرۇلۇش يېرىگە دائىر ئالاقىدار ئىشلارنى تەكشۈرۈشى ھەمدە شۇ ھەقتىكى پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك.

53–ماددا تەستىقلانغان قۇرۇلۇش تۈرىگە دۆلەت ئىلكىدىكى قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىشكە توغرا كەلگەندە، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى ئېلىپ، تەستىقلاش ھوقۇقىغا ئىگە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يەر باشقۇرۇشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقىغا قۇرۇلۇشقا يەر ئىشلىتىش ئىلتىماسى سۇنۇشى، يەر باشقۇرۇشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە يوللاپ تەستىقلىشى كېرەك. 

54–ماددا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن دۆلەت ئىلكىدىكى يەرنى ئىشلەتكەندە سېتىپ بېرىش قاتارلىق ھەقلىق ئىشلىتىش شەكلى ئارقىلىق يەرگە ئېرىشىدۇ؛ لېكىن تۆۋەندىكىدەك قۇرۇلۇش يېرىگە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەستىقىنى ئالغاندىن كېيىن، ئايرىپ بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئېرىشىشكە بولىدۇ: 

(1) دۆلەت ئورگانلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان يەر ۋە جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان يەر؛

(2) شەھەر ئۇل ئەسلىھەلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان يەر ۋە جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان يەر؛

(3) دۆلەت نۇقتىلىق يۆلەيدىغان ئېنېرگىيە، قاتناش، سۇ ئىنشائاتىغا ئوخشاش ئۇل ئەسلىھەلەرگە ئىشلىتىلىدىغان يەر؛

(4) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىلىدىغان يەرلەر. 

55–ماددا سېتىپ بېرىش قاتارلىق ھەقلىق ئىشلىتىش شەكلى ئارقىلىق دۆلەت ئىلكىدىكى يەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇنلار گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن ئۆلچەم ۋە چارە بويىچە يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى سېتىپ بېرىش پۇلى قاتارلىق يەرنى ھەقلىق ئىشلىتىش پۇلى ۋە باشقا خىراجەتلەرنى تاپشۇرغاندىن كېيىن، يەرنى ئىشلەتسە بولىدۇ. 

مۇشۇ قانۇن يولغا قۇيۇلغان كۈندىن باشلاپ يېڭىدىن كۆپەيگەن قۇرۇلۇش يېرىنى ھەقلىق ئىشلىتىش ھەققىنىڭ 30 ى مەركەز مالىيىسىگە تاپشۇرۇلىدۇ، 70 ى ئالاقىدار يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە قالدۇرۇلىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى تېرىلغۇ يەر ئېچىشقىلا ئىشلىتىلىدۇ. 

56–ماددا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن دۆلەت ئىلكىدىكى يەرنى ئىشلەتكەندە، يەرنى يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى سېتىش قاتارلىق ھەقلىق ئىشلىتىش توختامىدىكى پۈتۈم بويىچە ياكى يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئاجرىتىپ بېرىش تەستىق ھۆججىتىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىشلىتىشى كېرەك؛ مەزكۇر يەرنىڭ قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلىش ئورنىنى ئۆزگەرتىش ھەقىقەتەن زۆرۈر بولسا، ئالاقىدار خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يەر باشقۇرۇشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىپ، يەر ئىشلىتىشنى ئەسلىي تەستىقلىغان خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىش كېرەك. بۇنىڭ ئىچىدە، شەھەر پىلانلانغان رايون ئىچىدىكى يەرنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، تەستىقلاشقا يوللاشتىن ئىلگىرى، ئالدى بىلەن شەھەرنى پىلانلاشقا مەسئۇل ئالاقىدار مەمۇرىي تارماقنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشى كېرەك. 

57–ماددا قۇرۇلۇشنى باشلاشتا ۋە گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشتە دۆلەت ئىلكىدىكى يەر ياكى دېھقانلارنىڭ كوللېكىتپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرنى ۋاقىتلىق ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەر باشقۇرۇشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارماقلىرى تەستىقلايدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، شەھەر پىلانلانغان رايوندىكى ۋاقىتلىق ئىشلىتىلىدىغان يەرلەرنى تەستىقلىتىشقا يوللاشتىن ئىلگىرى، شەھەر پىلانلاشقا ئالاقىدار مەسئۇل مەمۇرىي تارماقنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىش كېرەك. يەر ئىشلەتكۈچىلەر يەرنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنىڭ تەۋەلىكىگە ئاساسەن، يەر باشقۇرۇشقا مەسئۇل ئالاقىدار مەمۇرىي تارماق بىلەن، ياكى يېزا كوللېكتىپ ئىگىلىك تەشكىلاتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى بىلەن يەرنى ۋاقىتلىق ئىشلىتىش توختامى تۈزۈشى ھەمدە توختامدىكى پۈتۈن بويىچە يەرنى ۋاقىتلىق ئىشلىتىش تۆلەم ھەققى تۆلىشى كېرەك. 

يەرنى ۋاقىتلىق ئىشلەتكۈچى يەرنى ۋاقىتلىق ئىشلىتىش توختامىدا پۈتۈشكەن ئىشلىتىش ئورنى بويىچە ئىشلىتىشى ھەمدە بۇ يەرلەرگە مەڭگۈلۈك قۇرۇلۇش سالماسلىقى كېرەك. 

يەرنى ۋاقىتلىق ئىشلىتىش مۇددىتى ئادەتتە ئىككى يىلدىن ئاشمايدۇ. 

58–ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلەرنىڭ دۆلەت يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئالاقىدار خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يەر باشقۇرۇشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى ئەسلىدىكى يەر ئىشلىتىشنى تەستىقلىغان خەلق ھۆكۈمىتىگە ياكى تەستىقلاش ھوقۇقىغا ئىگە خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىپ قايتۇرۇلسابولىدۇ:

(1) جامائەت مەنپەئىتى ئۈچۈن يەر ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە؛ 

(2) شەھەر پىلانىنى يولغا قويۇپ، كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش ئۈچۈن يەر ئىشلىتىشنى تەڭشەشكە توغرا كەلسە؛ 

(3) يەرنى سېتىش قاتارلىق ھەقلىق ئىشلىتىش توختامىدا پۈتۈشكەن ئىشلىتىش مۇددىتى توشقان، يەر ئىشلەتكۈچى مۇددەتنى ئۇزارتىپ بېرىش ئىلتىماس قىلمىغان ياكى مۇددەتنى ئۇزارتىپ بېرىش ئىلتىماسى تەستىقلانمىغان بولسا؛ 

(4) ئورۇننىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى، كۆچۈپ كېتىشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئەسلىدە ئاجرىتىلىپ بېرىلگەن دۆلەت ئىلكىدىكى يەرنى ئىشلىتىش توختىتىلغان بولسا؛

(5) تاشيول، تۆمۈر يول، ئايرودروم، كان قاتارلىقلار تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئارقىلىق كېركسىز قىلىنغان بولسا. 

ئالدىنقى تارماقنىڭ(1) (2) تارچىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە دۆلەت ئىلكىدىكى يەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقى قايتۇرۇۋېلىنغاندا، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە كىشىگە مۇۋاپىق تۆلەم بېرىش كېرەك. 

59–ماددا يېزا–بازار كارخانىلىرى، يېزا(بازار) كەنت–جامائەت ئەسلىھەلىرى، جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرى، يېزا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرالغۇ ئۆيلىرى قاتارلىق يېزا(بازار) –كەنت قۇرۇلۇشلىرىنى كەنت ۋە بازار پىلانى بويىچە مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەر تەرەپلىمە تەرەققىي قىلدۇرۇش، يۈرۈشلەشتۈرۈپ سېلىش كېرەك؛ قۇرۇلۇشقا يەر ئىشلىتىشتە يېزا(بازار) لارنىڭ يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانى ۋە يەردىن پايدىلىنىش يىللىق پىلانىغا ئۇيغۇن كېلىشى ھەمدە مۇشۇ قانۇننىڭ 44-، 60-، 61-، 62–ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرۈپ تەستىقلاش رەسمىيەتلىرى بېجىرىلىشى كېرەك. 

60–ماددا يېزىلاردىكى كوللېكتىپ ئىگىلىك تەشكىلاتلىرى يېزا(بازار) لارنىڭ يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىدا بەلگىلەنگەن قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىپ، كارخانا ئاچماقچى ياكى باشقا ئورۇن، شەخسلەر بىلەن يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى پاي قىلىپ قوشۇش، بىرلىشىپ تىجارەت قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق بىرلىكتە كارخانا ئاچماقچى بولسا، ئالاقىدار تەستىق ھۆججەتلىرىنى ئېلىپ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەر باشقۇرۇشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقىغا ئىلتىماس سۇنۇشى كېرەك، ئۇنى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر بەلگىلىگەن تەستىقلاش ھوقۇق دائىرىسى بويىچە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەستىقلايدۇ؛ بۇنىڭ ئىچىدە يېزا ئىگىلىك يېرىنى ئىگىلەشكە چېتىلىدىغانلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلاش رەسمىيىتى مۇشۇ قانۇننىڭ 44–ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بېجىرىلىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە كارخانا قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان يەرنى قاتتىق تىزگىنلەش شەرت. ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر يېزا–بازار كارخانىلىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغان كەسپى ۋە تىجارەت كۆلىمىگە قاراپ يەر ئىشلىتىش ئۆلچىمىنى ئايرىم–ئايرىم بەلگىلىسە بولىدۇ. 

61–ماددا يېزا(بازار) –كەنت جامائەت ئەسلىھەلىرى، ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرى قۇرۇلۇشىغا يەر ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، يېزا(بازار) لىق خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈپ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەر باشقۇرۇشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىش كېرەك، ئۇنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر بەلگىلىگەن تەستىقلاش ھوقۇق دائىرىسى بويىچە تەستىقلايدۇ؛ بۇنىڭ ئىچىدە، يېزا ئىگىلىك يېرىنى ئىگىلەشكە چېتىلىدىغانلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلاش رەسمىيىتى مۇشۇ قانۇننىڭ 44–ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بېجىرىلىدۇ.

62–ماددا يېزا ئاھالىلىرىدىن بىر ئائىلە بىرلا جايدا تۇرالغۇ يەرگە ئىگە بولسا بولىدۇ، ئۇنىڭ تۇرالغۇ جايىنىڭ كۆلىمى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر بەلگىلىگەن ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ. 

يېزا ئاھالىلىرى سالىدىغان تۇرالغۇ جاي قۇرۇلۇشى يېزا(بازار) نىڭ يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىغا ئۇيغۇن بولۇشى ھەمدە ئۇلار ئىمكانقەدەر ئەسلىدىكى ئۆي ئورنى ۋە كەنتتىكى بىكار يەرنى ئىشلىتىشى كېرەك. 

يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تۇرالغۇ ئۆي يېرىنى يېزا(بازار) لىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەكشۈرگەندىن كېيىن، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەستىقلايدۇ؛ بۇنىڭ ئىچىدە، يېزا ئىگىلىك يېرىنى ئىگىلەشكە چېتىلىدىغانلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلاش رەسمىيىتى مۇشۇ قانۇننىڭ 44–ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بېجىرىلىدۇ.

يېزا ئاھالىلىرى ئۆيلىرىنى سېتىۋېتىپ، ئىجارىگە بېرىۋېتىپ يەنە ئۆي ئورنى بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا، تەستىقلاپ بېرىلمەيدۇ. 

63–ماددا دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا قۇرۇلۇشلارغا سېتىپ بېرىشكە، ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ؛ لېكىن، يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىغا ئۇيغۇن بولغان ھەم قانۇن بويىچە قۇرۇلۇش يېرى ئالغان كارخانىلارنىڭ ۋەيران بولۇش، قوشۇلۇپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللار تۈپەيلىدىن يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىدا قانۇن بويىچە ئۆزگىرىش بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 

64–ماددا يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانى تۈزۈلۈشتىن ئىلگىرى سېلىنغان، يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىدا بەلگىلەنگەن يەر ئىشلىتىش ئورنىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان قۇرۇلۇش، قۇرۇلمىلارنى قايتا قۇرۇشقا، كېڭەيتىشكە بولمايدۇ.

65–ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، يېزىلاردىكى كوللېكتىپ ئىگىلىك تەشكىلاتلىرى ئەسلىدە يەر ئىشلىتىشنى تەستىقلىغان خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىنى ئالغاندىن كېيىن، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى قايتۇرۇۋالسا بولىدۇ: 

(1) يېزا(بازار) كەنت–جامائەت ئەسلىھەلىرى ۋە ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن يەر ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە؛ 

(2) يەر تەستىقلانغان ئىشلىتىش ئورنى بويىچە ئىشلىتىلمىگەن بولسا؛

(3) ئەمەلدىن قېلىش، كۆچۈش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يەرنى ئىشلىتىش توختىتىپ قويۇلغان بولسا.

ئالدىنقى تارماقنىڭ(1) تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەر قايتۇرۋېلىنغان بولسا يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە كىشىگە مۇۋاپىق تۆلەم بېرىش كېرەك. 

6–باب نازارەت قىلىش–تەكشۈرۈش

66–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەر باشقۇرۇشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارماقلىرى يەر باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن–نىزاملارغا خىلاپ قىلمىشلارنى نازارەت قىلىدۇ–تەكشۈرىدۇ. 

يەر باشقۇرۇشنى نازارەت قىلغۇچى–تەكشۈرگۈچى خادىملار يەر باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن، نىزاملارنى پىششىق بىلىشى، خىزمەتتە سەمىمىي بولۇشى، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىشى شەرت.

67–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەر باشقۇرۇشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارماقلىرى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغاندا، تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا ھوقۇقلۇق: 

(1) تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇن ياكى شەخسدىن يەر ھوقۇقىغا دائىر ھۆججەت ۋە ماتېرىياللارنى بېرىشنى تەلەپ قىلىش، ئۇنى كۆرۈش ۋە كۆپەيتىۋېلىش؛ 

(2) تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇن ياكى شەخسدىن يەر ھوقۇقىغا دائىر مەسىلىلەر ئۈستىدە ئىزاھات بېرىشنى تەلەپ قىلىش؛ 

(3) تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇن ياكى شەخس قانۇنسىز ئىگىلىۋالغان يەرگە بېرىپ نەق مەيداننى تەكشۈرۈش–ئۆلچەش؛

(4) يەرنى قانۇنسىز ئىگىلەپ ئىشلەتكەن ئورۇن ياكى شەخسنى يەر باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن، نىزاملارغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى توختىتىشقا بۇيرۇش. 

68–ماددا يەر باشقۇرۇشنى نازارەت قىلغۇچى–تەكشۈرگۈچى خادىملار ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندا، نەق مەيدانغا كىرىپ تەكشۈرۈش–ئۆلچەشكە توغرا كەلگەندە، ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخستىن ھۆججەت، ماتېرىيال بېرىشنى ۋە ئىزاھات بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا، يەر باشقۇرۇشنى نازارەت قىلىش–تەكشۈرۈش گوۋاھنامىسىنى كۆرسىتىشى كېرەك. 

69–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەر باشقۇرۇشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارماقلىرى يەرگە دائىر قانۇنسىز قىلمىشلارنى نازارەت قىلغاندا ۋە تەكشۈرگەندە ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەر قوللىشى، ماسلىشىپ بېرىشى ھەمدە ئۇلارنىڭ خىزمىتىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك. يەر باشقۇرۇشنى نازارەت قىلغۇچى–تەكشۈرگۈچى خادىملارنىڭ قانۇن بويىچە ئۆتىشىنى رەت قىلىشقا ۋە ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ. 

70–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەر باشقۇرۇشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارماقلىرى نازارەت قىلىش–تەكشۈرۈش خىزمىتى داۋامىدا، دۆلەت خادىملىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى سەزسە، قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىشكە تېگىشلىكلىرىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك؛ ئۆزىنىڭ بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى بولمىسا، مەمۇرىي چارە كۆرۈش توغرىسىدا شۇ دەرىجىلىك ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنىغا تەكلىپنامە سۇنۇشى، ئۇنى ئالاقىدار مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى شەرت.

71–ماددا ناھىيە دەرىجىلتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەر باشقۇرۇشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارماقلىرى نازارەت قىلىش–تەكشۈرۈش خىزمىتى داۋامىدا، يەرگە دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنى سەزسە، ئۇلارنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈش ئۈچۈن دېلونى ئالاقىدار ئورگانغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىشى كېرەك. 

72–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن مەمۇرىي جازا بېرىشكە تېگىشلىك بولسىمۇ، يەر باشقۇرۇشقا مەسئۇل ئالاقىدار مەمۇرىي تارماق مەمۇرىي جازا بەرمىگەن بولسا، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەر باشقۇرۇشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى يەر باشقۇرۇشقا مەسئۇل ئالاقىدار مەمۇرىي تارماقنى مەمۇرىي جازا قارارى چىقىرىشقا بۇيرۇشقا ياكى بىۋاسىتە مەمۇرىي جازا بېرىشكە ھەمدە يەر باشقۇرۇشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارماقنىڭ مەسئۇللىرىغا مەمۇرىي چارە كۆرۈشكە ھوقۇقلۇق. 

7–باب قانۇن جاۋابكارلىقى

73–ماددا يەرنى ئېلىپ–ساتقان ياكى باشقا شەكىللەر بىلەن قانۇنسىز ئۆتۈنۈپ بەرگەنلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەر باشقۇرۇشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛ يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ يېزا ئىگىلىك يېرىنى قۇرۇلۇش يېرىگە ئۆزگەرتىۋالغانلار قانۇنسىز ئۆتۈنۈپ بەرگەن يەرگە يېڭىدىن سېلىنغان قۇرۇلۇش ۋە باشقا ئەسلىھەلەرنى سۈرۈك ئىچىدە چۇۋۇپ تاشلاپ، يەرنى ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرىدۇ، يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىغا ئۇيغۇن كېلىدىغانلارنىڭ قانۇنسىز ئۆتۈنۈپ بەرگەن يەرگە يېڭىدىن سېلىۋالغان قۇرۇلۇش ۋە باشقا ئەسلىھەلىرى مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛ قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 

74–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، تېرىلغۇ يەرلەرنى ئىگىلىۋېلىپ خۇمدان، قەبرە ياساش ياكى تېرىلغۇ يەرگە ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆي سېلىش، قۇم شېغىل ۋە توپا ئېلىش، رودا قېزىش قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن تېرىقچىلىق شارائىتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار ياكى يەر ئېچىش سەۋەبىدىن يەرلەرنى چۆللەشتۈرۈۋەتكەن، شورلاشتۇرۇۋەتكەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەر باشقۇرۇشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارماقلىرى سۈرۈك ئىچىدە تۈزۈتىشكە ياكى ئوڭشاشقا بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

75–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، بۇزۇلغان يەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەر باشقۇرۇشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارماقلىرى سۈرك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ سۈرۈك ئۆتۈپ كەتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرنى يەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققى تاپشۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ؛ بۇ پۇل يەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكىلا ئىشلىتىلىدۇ. 

ئۇلارغا جەرىمانە قويسا بولىدۇ. 

76–ماددا تەستىقلاتمىغان ياكى ئالدامچىلىق قىلىپ تەستىقلىتىپ، يەرنى قانۇنسىز ئىگىلىۋالغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يەر باشقۇرۇشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارماقلىرى قانۇنسىز ئىگىلىۋالغان يەرلەرنى قايتۇرۇپ بېرىشكە، يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن يېزا ئىگىلىك يېرىنى قۇرۇلۇش يېرىگە ئۆزگەرتىۋالغانلارنى قانۇنسىز ئىگىلىۋالغان يەرگە يېڭىدىن سېلىنغان قۇرۇلۇش ۋە باشقا ئەسلىھەلەرنى سۈرۈك ئىچىدە چۇۋۇپ تاشلاپ، يەرنى ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ، يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىغا ئۇيغۇن كېلىدىغانلارنىڭ قانۇنسىز ئىگىلىۋالغان يەرگە يېڭىدىن سېلىۋالغان قۇرۇلۇش ۋە باشقا ئەسلىھەلىرىنى مۇسادىرە قىلىدۇ. قوشۇمچە جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ قانۇنسىز يەر ئىگىلىۋالغان ئورۇننىڭ بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرىلىدۇ. 

يەرنى تەستىقلانغان ساندىن ئاشۇرۇپ ئىگىلىۋالغانلارنىڭ ئارتۇق ئىگىلىۋالغان يېرى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىنغان يەر قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

77–ماددا يېزا ئاھالىلىرىدىن تەستىقلاتماي ياكى ئالدامچىلىق قىلىپ تەستىقلىتىپ، يەرنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىپ تۇرالغۇ ئۆي سالغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەر باشقۇرۇشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارماقلىرى قانۇنسىز ئىگىلىۋالغان يەرلەرنى قايتۇرۇپ بېرىشكە، قانۇنسىز ئىگىلىۋالغان يەرگە يېڭىدىن سېلىۋالغان ئۆيلەرنى سۈرۈك ئىچىدە چۇۋۇپ تاشلاشقا بۇيرۇيدۇ. 

ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر بەلگىلىگەن ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ كۆپ ئىگىلىۋېلىنغان يەر قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. 

78–ماددا يەر سېتىۋېلىشنى، يەر ئىشلىتىشنى تەستىقلاش ھوقۇقى بولمىغان ئورۇن ياكى شەخس يەر ئىگىلەشنى قانۇنسىز تەستىقلىغان، يەر تەستىقلاش ھوقۇقى دائىرىسىدىن ھالقىپ يەر ئىگىلەشنى قانۇنسىز تەستىقلىغان، ئىشلىتىدىغان يەرنى يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىدا بەلگىلەنگەن ئىشلىتىلىش ئورنى بويىچە تەستىقلىمىغان ياكى يەر ئىگىلەش، يەر سېتىۋېلىشنى قانۇندا بەلگىلەنگەن رەسمىيەت بويىچە تەستىقلىمىغانلارنىڭ تەستىق ھۆججىتى ئىناۋەتسىز قىلىنىدۇ، يەر سېتىۋېلىش، يەر ئىشلىتىشنى قانۇنسىز تەستىقلىغان بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە بىۋاسىتە جاۋابكار باشقا خادىملارغا قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. قانۇنسىز تەستىقلانغان، ئىشلىتىلگەن يەر قايتۇرۇۋېلىنىدۇ، ئالاقىدار تەرەپلەر قايتۇرۇشنى رەت قىلسا، يەرنى قانۇنسىز ئىگىلىۋالغانلار قاتارىدا قىلىنىدۇ. 

يەر سېتىۋېلىشىنى، يەر ئىشلىتىشنى قانۇنسىز تەستىقلاپ، ئالاقىدار تەرەپكە زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 

79–ماددا يېرى سېتىۋېلىنغان ئورۇننىڭ يېرىگە بېرىلگەن تۆلەم ھەققى ۋە باشقا ئالاقىدار ھەقلەرنى ئىگىلىۋالغان، ئىشلىتىلىۋالغانلاردىن جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلەرگە قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.

80–ماددا دۆلەت ئىلكىدىكى يەرلەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقى قانۇن بويىچە قايتۇرۇۋېلىنغان ئالاقىدار تەرەپ يەرنى قايتۇرمىغان، يەردىن ۋاقىتلىق پايدىلىنىش مۇددىتى توشقان بولسىمۇ قايتۇرمىغان ياكى دۆلەت ئىلكىدىكى يەرلەرنى تەستىقلانغان ئىشلىتىش ئورنى بويىچە ئىشلەتمىگەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەر باشقۇرۇشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارماقلىرى يەرنى قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ، ئۇلارغا جەرىمانە قويىدۇ. 

81–ماددا دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىش ئۈچۈن سېتىپ بەرگەن، ئۆتۈنۈپ بەرگەن ياكى ئىجارىگە بەرگەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەر باشقۇرۇشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارماقلىرى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئۇلارنىڭ قانۇنسىز تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، ئۇلارغا قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ. 

82–ماددا يەر ئۆزگىرىشىنى تىزىملىتىش رەسمىيىتىنى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە بېجىرمىگەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەر باشقۇرۇشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارماقلىرى سۈرۈك ئىچىدە بېجىرىشكە بۇيرۇيدۇ.

83–ماددا قانۇنسىز ئىگىلىۋالغان يەرگە يېڭىدىن سېلىۋالغان قۇرۇلۇش ۋە باشقا ئەسلىھەلەرنى سۈرۈك ئىچىدە چۇۋۇپ تاشلاشقا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە بۇيرۇلغان قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ياكى شەخس قۇرۇلۇشنى دەرھال توختىتىپ، ئۆزى چۇۋۇپ تاشلىشى شەرت؛ قۇرۇلۇشنى داۋاملاشتۇرۇلغانلارنى جازا قارارى چىقارغان ئورگان توسۇشقا ھوقۇقلۇق. قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ياكى شەخسلەردىن سۈرۈك ئىچىدە چۇۋۇپ تاشلاشقا بۇيرۇش توغرىسىدىكى مەمۇرىي جازا قارارىغا قايىل بولمىغانلار، سۈرۈك ئىچىدە چۇۋۇپ تاشلاشقا بۇيرۇش قارارىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلسا بولىدۇ؛ سۈرۈك توشۇپ كەتكۈچىمۇ ئەرز قىلمىغان ھەم ئۆزلىكىدىن چۇۋۇپ تاشلىمىغان بولسا، جازا قارارىنى چىقارغان ئورگان قانۇن بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، ئۇنىڭغا كېتىدىغان خىراجەتنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ. 

84–ماددا يەر باشقۇرۇشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارماقلارنىڭ خادىملىرى خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە–كەلمەس پايدىلىنىپ، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلەرگە قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىلىدۇ.

8–باب قوشۇمچە پرىنسىپ 

85–ماددا جۇڭگو–چەت ئەل شېرىكچىلىكىدىكى كارخانىلار، جۇڭگو–چەت ئەل ھەمكارلىقىدىكى كارخانىلار، چەت ئەل مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان كارخانىلارنىڭ يەر ئىشلىتىشىگە مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ؛ قانۇندا باشقىچە بەلگىلەنگەنلىرى، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. 

86–ماددا بۇ قانۇن 1999–يىل 1–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#