خۇدىياريۈزى بازىرى
خۇدىياريۈزى بازىرى شىنجاڭ ئىلى ئوبلاستىدىكى غۇلجا شەھىرىنىڭ شەرقىگە 6000 مېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
خۇدىياريۈزى بازىرى شىنجاڭ ئىلى ئوبلاستىدىكى غۇلجا شەھىرىنىڭ شەرقىگە 6000 مېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. غۇلجا ناھىيەسى بىلەن بولغان ئارىلىقى 11 كىلومېتىر، شەرقتە سادىقيۈزى يېزىسى ۋە ئۈچئون خۇيزۇ يېزىسى، جەنۇبتا غۇلجا شەھىرى، شىمالدا خەلق ئۆستىڭىنى پاسىل قىلىپ تۇرپانيۈزى يېزىسى بىلەن تۇتاشقان، غەربتە غۇلجا شەھەرلىك كېپەكيۈزى بىلەن چېگرالانغان.
خۇدىياريۈزى بازىرى ئىلگىرى «ئىلگىرىلەش» خەلق گۇڭشېسى بولغان، 1975-يىلى 6-ئايدا، ئەسلىدىكى «قىزىل يۇلتۇز» گۇڭشېدىكى خۇدىياريۈزى، ئورمان، بوستان قاتارلىق 6 چوڭ ئەترەتتىن تەشكىل تاپقان، 1978-يىلى تۇرۇشلۇق جاي نامى بويىنچە خۇدىياريۈزى گۇڭشېسى قىلىپ ئۆزگەرتكەن، 1984-يىلى يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان، تۇرۇشلۇق جايىنىڭ نامىنى ئىشلىتىلىپ كەلگەن.
2015-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق يېزا ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ بازار قىلىپ قۇرۇلغان.
يەر شەكلى
خۇدىياريۈزى بازىرىنىڭ جەنۇپتىن شىمالغا بولغان ئۇزۇنلۇقى 11 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا بولغان كەڭلىكى 6.5 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 55.97 كۋادرات كىلومېتىر. تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 42600 مو، ئوتلاق كۆلىمى 51 مىڭ مو.
بۇ بازارنىڭ يەر شەكلى تۈزلەڭلىك، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 667~720 مېتىرغىچە بولۇپ، يەر شەكلى شەرقىي شىمالدىن سەل غەربىي جەنۇبقا ئاغقان. تۇپرىقىنىڭ كۆپىنچىسى قارا تۇپراق.
خۇدىياريۈزى بازىرى بويىچە 5429 ئائىلىلىك بار، ئومۇمىي نوپۇسى 19674 ئادەم، ئۇيغۇر، خەنزۇ، خۇيزۇ، قازاق، توگو، ئۆزبېك، قىرغىز، مانجۇ قاتارلىق سەككىز مىللەت ئولتۇراقلاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ئاھالىسى پۈتۈن يېزا ئومۇمىي ئاھالىسىنىڭ % 85 نى ئىگەللىگەن. يەنە داڭلىق شائىر، شىنجاڭ ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بولغان، ئەركىن، ئەختەم قاتارلىقلارنىڭ يۇرتى.
خۇدىياريۈزى بازىرى قارمىقىدا خۇدىياريۈزى كەنتى، تۆۋەنكى خۇدىياريۈزى كەنتى، قوتانتام كەنتى، قاغىلىق كەنتى، يۇقارقى تاجئون كەنتى، تۆۋەنكى تاجىئون كەنتى، بوستان كەنتى، ئورمان كەنتى، گەمە كەنتى قاتارلىق توققۇز مەمۇرىي كەنت بار.
يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاي ئورمان كەنتى، يەنە تۆت بازاردا تۇرۇشلۇق ئورۇنلار بار : غۇلجا ناھىيەلىك قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى، غۇلجا ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ساقچىخانىسى، توك بىلەن تەمىنلەش ئورنى، يەر باشقۇرۇش پونكىتى قاتارلىقلار بار.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.