ساپايى
ساپايى 12 مۇقام ئورۇنلايدىغان قەدىمىي چالغۇ ، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر، ئۆزبىك مىللىتىنىڭ ئەل ئىچى سەنئىتى بولۇپ، كۆپ ھاللاردا ناخشا- ئۇسسۇلغا جۆر بولىدۇ. ساپايى مۇھىم رىتىم چالغۇسى، شۇنداقلا ئەر ئۇسسۇلچىلارنىڭ سەھنە جابدۇقى.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ساپايى 12 مۇقام ئورۇنلايدىغان قەدىمىي چالغۇ ، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر، ئۆزبىك مىللىتىنىڭ ئەل ئىچى سەنئىتى بولۇپ، كۆپ ھاللاردا ناخشا- ئۇسسۇلغا جۆر بولىدۇ. ساپايى مۇھىم رىتىم چالغۇسى، شۇنداقلا ئەر ئۇسسۇلچىلارنىڭ سەھنە جابدۇقى. ئەل ئارىسىدا، ساپايى كۆپ ھاللاردا مەشرەپلەردە چېلىنىپ، سورۇننىڭ كەيپىياتىغا جۇشقۇنلۇق ۋە قىزىقچىلىق ئاتا قىلىدۇ.
ساپايى چالغاندا ئوڭ قولدا ساپايى ئاستىنقى قىسمىدىن تۇتۇپ سىلكىپ ياكى سول قولغا، مۈرە قاتارلىق جايلارغا ئۇرۇپ، چوڭ تۆمۈر ھالقا بىلەن ساپايى سېپىنى تېگىشتۈرۈپ ئاۋاز چىقىرىمىز، كىچىك تۆمۈر ھالقىمۇ بۇنىڭغا ئەگىشىپ رېتىملىق ئاۋاز چىقىرىدۇ.
ساپايى ئۇسسۇلى (تۆمۈر ھالقا ئۇسسۇلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) سازەندىلەر ساپايى تۇتۇپ ئورۇندىغان ئۇيغۇر خەلق ئۇسسۇلى ھېسابلىنىدۇ.
يەكەن ناھىيەسى ئۇيغۇر 12 مۇقامى ماكانى بولۇپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى كۆپ ھەمدە سەر خىل. يەكەن ناھىيەسى ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى تۈركۈملۈك مەدەنىيەت ئېكولوگىيەسىنى قوغداش تەجرىبە رايونىنىڭ بىرسى بولغان ئۇيغۇر مۇقام مەدەنىيىتى ئېكولوگىيەلىك قوغداش تەجرىبە رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 12 مۇقام مەدەنىيەت ماركىسىنى مەدەنىيەت ئېكولوگىيەسىنى قوغداش تەجرىبە رايونىنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم تۇتقىسى قىلىپ، ناھىيەنىڭ مەدەنىيەت ئىستراتېگىيەسىنى كېڭەيتتى. يەكەن ناھىيەسىدە 10 غا يېقىن ئەلئارا ساپايى سەنئەتكارى بار، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ساپايى سەنئەتكارلىرى ئەڭ كۆپ ناھىيە ھېسابلىنىدۇ. بۇ قەدىمىي چالغۇنى تېخىمۇ كۆپ ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە بۇ قەدىمىي چالغۇنى تونۇتۇش ئۈچۈن، يەكەن ناھىيەسى ئەل ئارىسىدا چوڭقۇر قازدى، ھەمدە ساپايى سەنئەتكارلىرىنى تۈرلۈك پائالىيەتلەردە ئاشكارا ماھارەت كۆرسىتىشكە تەشكىللەپ، ساپايىنىڭ داڭقىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.