لوندون

ئەنگلىيىنىڭ پايتەختى، ئەڭ چوڭ شەھىرى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى، دۆلەت بويىچە بىرىنچى چوڭ پورت. دۇنيا بويىچە ئاتاقلىق چوڭ شەھەرلەرنىڭ بىرى.

نامى لوندون
دۆلىتى ئەنگىلىيە
تەۋە رايون ئەنگىلىيە
چەتئەلچە نامى London
خەنزۇچە نامى 伦敦
مەمۇرىي رايون شەكلى پايتەخت
كىلىماتى مۆتىدىل بەلۋاغ دېڭىز ئوكيان كىلىماتى
باشقا نامى 雾都

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

لوندونئەنگلىيىنىڭ پايتەختى، ئەڭ چوڭ شەھىرى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى، دۆلەت بويىچە بىرىنچى چوڭ پورت. دۇنيا بويىچە ئاتاقلىق چوڭ شەھەرلەرنىڭ بىرى. لوندون تېمىزا دەرسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىنىڭ ئىككى ياقىسىغا، دېڭىزدىن 88 كىلومېتىر ئىچكى قۇرۇقلۇقتا ئورۇن ئالغان. تېمىزا دەرياسىنى بويلاپ شەھەر ئىچىگە ئوكيان پاراخوتلىرى كىرەلەيدۇ، دەريانىڭ 50 كىلومېتىر لىنىيىسىدە پاراخوت توختاش ئورۇنلىرى بار، «چوڭ لوندون» شەھەر ئىچى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى 32 شەھەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاھالىسى 10 مىليون 200 مىڭدىن ئاشىدۇ، ئومۇمىي يەر مەيدانى 1605 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. شەھەر ئىچى ئاھالىسى 6 مىليون 765 مىڭدىن ئاشىدۇ(1984) .

لوندون مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 43-يىلى قۇرۇلغان. 16-ئەسىرگە كەلگەندە دېڭىز سودىسى تەرەققىي قىلغان، 18-ئەسىردە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ پورت بولۇپ شەكىللەنگەن. 19-ئەسىردە ئەنگلىيىنىڭ مۇھىم سودا، پۇل مۇئامىلە مەركىزىگە ئايلانغان.

لوندون ھازىرقى لوندون شەھىرى ئەنگلىيىنىڭ سودا-سانائەت، پۇل مۇئامىلە، قاتناش-ترانسىپورت جەھەتلەردە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ھازىر ئەنگلىيىنىڭ تاشقى سودىسىنىڭ 1/4 قىسمى(50 مىليون توننا) لوندون پورتى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، ئۇ جايدا دۇنيا بويىچە ئاتاقلىق ئالتۇن سودا بازىرى، ئەڭ چوڭ بىانكىلار، ستراخوۋنىيە شىركەتلىرى بار. لوندون شەھىرى ئىككى چوڭ قىسمىغا بۆلۈنىدۇ. شەھەرنىڭ غەربىي قىسمىغا خان سارايلىرى، پارلامېت بىناسى، تىياتىرخانىلار، يۇقىرى دەرىجىلىك ئولتۇراق جايلار، نۇرغۇن گېزىتخانىلارنىڭ باش تەھرىر بۆلۈملىرى قاتارلىق ئورۇنلار جايلاشقان؛ شەرقىي قىسمىدا پورت، سانائەت رايونى ۋە ئىشچىلار ئولتۇراق جايلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان. لوندوننىڭ سانائىتى ئۈچ خىلغا ئايرىلىدۇ، بىرى ىستېمال بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلغان شەھەر ئىچى سانائەت تارماقلىرى، بۇ نەشرىياتچىلىق، كىيىم-كېچەك، ئۆي جاھازىلىرىنى ياساش، يېمەك-ئىچمەك ۋە باشقىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەنە بىرى پورت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان سانائەت تارماقلىرى، بۇ سىرتتىن ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلارنى پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىدىغان ئۇن زاۋۇتى، شېكەر زاۋۇتى، تاماكا زاۋۇتى، قەغەز زاۋۇتى، نېفىت ئايرىش سانائىتى بىلەن رەڭلىك مېتالچىلىق، خىمىيە، كېمىسازلىق قاتارلىق سانائەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ ئۈچىنچىسى، يېڭى سانائەت تارماقلىرى، بۇ نازۇك ماشىنىلارنى ئىشلەپچىقىرىش، دوختۇرلۇق ئەسۋابلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشى، ئېلېكتر ئەسۋابلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، ھەرخىل ئەسۋاب-ئۈسكۈنە، ئايروپىلان، ئاپتوموبىل قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلىدۇ. بۇ خىل سانائەتلەرنىڭ كۆپى شەھەر ئەتراپىدىكى كىچىك شەھەرچىلەرگە مەركەزلەشكەن.

 لوندون ئەنگلىيىنىڭ ئەڭ چوڭ ئومۇملاشقان سانائەت مەركىزى. ئۇنىڭ سانائىتى ئەنگلىيىدە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ .

 لوندون ئەنگلىيىنىڭ ئەڭ چوڭ مەدەنىيەت مەركىزى، ئۇ جايدا پادىشاھ ئىلمىي جەمئىيىتى، لوندون داشۆسى قاتارلىق نۇرغۇن ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، بىرىتان مۇزېيى، يەتتە مىليون كىتابى بار بىرىتان كۇتۇپىانىسى قاتارلىق مەدەنىيەت ئورۇنلىرى بار. لوندون مۇھىم تارىخىي شەھەر. بىرىنچى ئىنتىرناتسىئونال 1864-يىلى شۇ جايدا قۇرۇلغان، پرولېتارىياتنىڭ ئۇلۇغ ئۇستازلىرى ماركس، ئېنگېلس ۋە لېنىنلار مۇشۇ جايدا ئىشچىلار ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغان. ماركسنىڭ قەبرىسىمۇ لوندونغا قويۇلغان. بۇنىڭدىن باشقا مەشھۇر قەدىمىي قۇرۇلۇشلار 110 مېتىر ئېگىزلىكتىكى سان پاۋلو چېركاۋسى، گېرىنىۋىچ رەسەتخانىسى، 40 مىڭ خىل ئۆسۈملۈكى بار ئاتاقلىق پادىشاھ ئۆسۈملۈك باغچىسى بار. 

لوندونلوندون ئەنگلىيىنىڭ مۇھىم قاتناش تۈگۈنى، بۇ جايدىن دۆلەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان بىر قانچە تارماق تۆمۈر يول، تاشيوللار، ھەرقايسى دەريالارنى تۇتاشتۇرىدىغان قاناللار بار. دۇنيا بويىچە بىرىنچى قېتىم 1863-يىلى لوندون شەھىرىد يەر ئاستى تۆمۈر يولى سېلىنغان. ھازىر بۇ جايدىكى يەر ئاستى تۆمۈر يوللىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 385.9 كىلومېتىر بولۇپ، كۈنىگە بىر مىليون 742 مىڭ ئادەم قېتىم كىشى يۆتكىلىدۇ. لوندون دۇنيادىكى مۇھىم ئاۋىئاتسىيە تۈگۈنى، بۇ جايدىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى چوڭ شەھەرلىرىگە بارىدىغان نۇرغۇن تارماق ئاۋىئاتسىيە لىنىيىلىرى بار.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#