كولومبۇ
كولومبۇ سىرىلانكىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى، سرىلانكا بويىچە ئەڭ چوڭ شەھەر، دۇنيا بويىچە مەشھۇر سۈنئىي پورت.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
كولومبو شەھىرى 17-ئەسىرگە كەلگەندە تەرەققىي قىلىپ، مۇھىم سودا مەركىزىگە ئايلاندى. ھازىر ئۇ سىرىلانكىنىڭ ئەڭ چوڭ پورتى، بۇ پورت ئارقىلىق پۈتۈن دۆلەتتىكى ئېكسپورت، ئىمپورت قىلىدىغام ماللارنىڭ % 90 ى بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. كولومبو شەھىرىدە توقۇمىچىلىق، نېفىت ئايرىش، خىمىيىۋى ئوغۇت، بالون، ماشىنىسازلىق، پولات-تۆمۈر قاتارلىق چوڭ ۋە ئوتتۇرا تىپتىكى سانائەت ئورۇنلىرى بار. شەھەردە يەنە دۆلەتنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدىغان تۆمۈر يول، تاشيوللار، خەلقئارا ئايرودرومى، مەشھۇر خەلقئارا يىغىن بىناسى، سىرىلانكا داشۆسىنىڭ شۆبىسى، دۆلەتلىك مۇزېي قاتارلىق ئورۇنلار بار. كىلانې دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا سېلىنغان تۆت سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى پۈتۈن شەھەرنى توك بىلەن تەمىنلەيدۇ. شەھەرنىڭ ئەتراپىدا دېشىۋالا، مانت لايۋىنيە، راتمالانا، كېلانىيە قاتارلىق كىچىك شەھەرچىلەر بار.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.