يەر ئوتتۇرا دېڭىزى

ياۋروپا، ئاسىيا، ئافرىقىدىن ئىبارەت ئۈچ قىئەتنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان. 

نامى يەر ئوتتۇرا دېڭىزى
تەۋە رايۇن ئاتلانتىك ئوكيان
كېلىماتى يەر ئوتتۇرا دېڭىزى كىلىماتى
ئەڭ چوڭقۇرلۇقى 5267 مىتىر
خەنزۇچە نامى 地中海
كۆلىمى 2512000㎞²
تىپى قۇرۇقلۇق ئوتتۇرىسىدىكى دېڭىز

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يەر ئوتتۇرا دېڭىزىياۋروپا، ئاسىيا، ئافرىقىدىن ئىبارەت ئۈچ قىئەتنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان. شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 4000 كىلومېتىر، شىمالدىن جەنۇبقا كەڭلىكى 1800 كىلومېتىرغا يېتىدۇ، يەر مەيدانى 2 مىليون 505 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. يەر ئوتتۇرا دېڭىز ئاپىنىن يېرىم ئارىلى سىتيىسىلە بىلەن تۇنىس ئوتتۇرىسىدىكى تۇنىس بوغۇزىنى چېگرا قىلغان ھالدا شەرق، غەرب دەپ ئىككى قىسىمغا ئايرىلىدۇ. يېرىم ئارال، ئاراللار تەرىپىدىن لىگورىيە دېڭىزى، تىررېن دېڭىزى، ئادىرىياتىك دېڭىزى، ئىئون دېڭىزى، ئېگەي دېڭىزى قاتارلىق دېڭىزلارغا بۆلۈنىدۇ. ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى 1500 مېتىر، ئەڭ چوڭقۇر جايى 5092 مېتىر كېلىدۇ. تۇز تەركىبى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، ئەڭ يۇقىرىسى %39.5 گە يېتىدۇ. يەر ئوتتۇرا دېڭىزى غەربتە جەبىلتارىق بوغۇزى ئارقىلىق ئاتلانتىك ئوكيان بىلەن، شەرقىي شىمالىدا داردانىل بوغۇزى، مەرمەر دېڭىزى، بوسفور بوغۇزى ئارقىلىق قارا دېڭىز بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقىي جەنۇبتا سۈۋەيش قانىلى ئارقىلىق قىزىل دېڭىزغا چىققىلى بولىدۇ. ئۇ ئاتلانتىك ئوكيان بىلەن ھىندى ئوكياننى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان مۇھىم سۇ يولى ھېسابلىنىدۇ. يەر ئوتتۇرا دېڭىز ئەتراپىدا جەبىلتارىق پورتى(ئەنگلىيە) ، مارسېل(گرانسىيە) ، گېنويا، نېئاپول(ئىتالىيە) ، بارسېلونا(ئىسپانىيە) ، سىپلىت، ريېكا(يۇگوسلاۋىيە) ، دۇررېس(ئالبانىيە) قاتارلىق مۇھىم پورتلار بار.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

بەيدۇ تورى قامۇسى 

http://baike.baidu.com/

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#