لۇڭۋاڭمياۋ سۇ ئامبىرى
لۇڭۋاڭمياۋ سۇ ئامبىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى مورى ناھىيە بازىرىنىڭ جەنۇبىنى 2 كىلومېتىر كېلدىغان جايغا جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
لۇڭۋاڭمياۋ سۇ ئامبىرى مورى ناھىيە بازىرىنىڭ جەنۇبىنى 2 كىلومېتىر كېلدىغان جايغا جايلاشقان. دەريا سۈيىنى توسۇيدىغان سۇ ئامبىرىغا تەۋە بۇلۇپ، تۆت قىسىمدىن تەركىب تاپقان، دەريا توسمىسى بولغان ئاساسىي توسما قۇم قاپلىق سېغىز توپا ئۆزەك تاملىق توسما، توسما ئىگىزلىكى 42 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 1100 مېتىر، ئۈستىنىڭ كەڭلىكى 5 مېتىر، ئومۇمىي سىغىمچانلىقى 14مىليون كۇب مېتىر.
بۇ سۇ ئامبىرى مورى 1958-يىلى قۇرۇلۇشقا باشلىغان، 1998-يىلى 4-قېتىملىق داۋاملىق قۇرۇش ۋە ئۆزگەرتىپ قۇرۇش يولى بىلەن ھازىرقى كۆلىمىگە يەتكەن، بۇ سۇ ئامبىرى شىنخۇ يېزىسى، جاۋبىسەن يېزىسى، سورتلۇق ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش مەيدانى ۋە مورى بازىرىنىڭ سانائەت، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقتا غايەت زور رول ئوينايدۇ.
لۇڭۋاڭمياۋ سۇ ئامبىرى ناھىيە بازىرىغا يېقىن، قاتنىشى ئىنتايىن قۇلايلىق. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ناھىيەدىكى ئاھالىلەرنىڭ كۆكەرتىش-ئورمان بىنا قىلىش پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، سۇ ئامبىرى ئەتراپىنى كۆكەرتىش كۆلىمى %125 مو بولغان.
1958-يىلى لۇڭۋاڭمياۋ سۇ ئامبىرى پۈتۈن ناھىيە خەلقىنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن بۇ سۇ ئامبىرى پۈتكەندىن كېيىن، مورى دەرياسى رايونىغا توپلانغان سۇ ئېقىنى، تۆۋەن ئېقىنىدىكى رايونلار ئون نەچچە مىڭ مو ئېتىز سۇغىرىلغان. 1987-يىلىدىن باشلاپ، ناھىيە بازىرىدىكى ئورگان كادىرلىرى ۋە ياش-ئۆسمۈر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۇ ئامبىرىنىڭ ئىككى قىرغاق كۆچەت تىكىش، ئوت-چۆپ تېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغان. بۈگۈنكى كۈندە نەچچە ئون مىڭ تۈپ تېرەك ۋە قارىغاي ياپيېشىل بولۇپ، سۇ ئامبىرى ئەتراپىنى يېشىللىققا تولدۇرغان. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.