خوتەن قاشتېشى

خوتەن قاشتېشىنىڭ رەسىملىرى

قاشتېشى شىنجاڭنىڭ دۇنياغا داڭلىق كان مەھسۇلاتى بولۇپ، خوتەن ھەممە ئېتراپ قىلغان قاشتېشى ماكانى ھېسابلىنىدۇ. خوتەن قاشتېشى كوئىنلۇن(قۇرۇم) تاغلىرىدىن ئالتۇن تاغقىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئەگرى-بۈگرى تاغ جىلغىلىرى ۋە ئىككى دەريا(يۇرۇڭقاش، قارىقاش دەريالىرى) ۋادىلىرىغا تارقالغان بولۇپ، يەكەن دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى مىرداي تېغى، يۇرۇڭقاش ۋە قارىقاش دەريا ۋادىلىرى، چىرا رايونى قاتارلىق ئۈچ ئورۇنغا مەركەزلەشكەن.

ئۇيغۇرچە نامى خوتەن قاشتېشى
خەنزۇچە نامى 和田玉

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

خوتەن قاشتېشىنىڭ رەسىملىرىقاشتېشى شىنجاڭنىڭ دۇنياغا داڭلىق كان مەھسۇلاتى بولۇپ، خوتەن ھەممە ئېتراپ قىلغان قاشتېشى ماكانى ھېسابلىنىدۇ. خوتەن قاشتېشى كوئىنلۇن(قۇرۇم) تاغلىرىدىن ئالتۇن تاغقىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئەگرى-بۈگرى تاغ جىلغىلىرى ۋە ئىككى دەريا(يۇرۇڭقاش، قارىقاش دەريالىرى) ۋادىلىرىغا تارقالغان بولۇپ، يەكەن دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى مىرداي تېغى، يۇرۇڭقاش ۋە قارىقاش دەريا ۋادىلىرى، چىرا رايونى قاتارلىق ئۈچ ئورۇنغا مەركەزلەشكەن.

 ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرىنىڭ قاشتېشىدىن پايدىلىنىش تارىخى يېڭى تاش قورال دەۋرىدىن بۇرۇن باشلانغانلىقى مەلۇم. بۇنى ئېلىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن قېزىۋېلىنغان خوتەن قاشتېشىدىن ياسالغان بۇيۇملارنىڭ تارىخىي دەۋرى ھەققىدىكى تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

مەملىكىتىمىزدە يېزىق بارلىققا كەلگەندىن بۇيانقى تارىخىي خاتىرىلەردىمۇ خوتەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ قەدىمكى قاشتېشى ھۈنەر-سەنئىتى ھەققدە نۇرغۇن رىۋايەتلەر ئۇچرايدۇ. شاڭ سۇلالىسى دەۋرى(تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى Ⅵ-، Ⅹ -ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرىكىⅪ - ئەسىرگىچە) گە كەلگەندە، خوتەننىڭ قاشتېشى ھۈنەر-سەنئىتى يۇقىرى سەۋيىگە يەتكەن. بۇ دەۋردە قۇلدارلار، مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، قاشتېشىدىن ئىشلەنگەن زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقايتتى. بىر-بىرىگە قاشتېشىدىن ياسالغان ھەر خىل بۇيۇملارنى سوۋغات قىلىشاتتى. ئۇ دەۋردە مىستىن ياسالغان بۇيۇملارغا قاشتېشىدىن كۆز قويۇلاتتى( «شىنجاڭنىڭ ئېسىل تاشلىرى ۋە قاشتاشلىرى» دېگەن خەنزۇچە كىتابنىڭ 16-بېتىگە قارالسۇن) ، خوتەننىڭ قاشتېشى سودىسى چىن(مىلادىدىن بۇرۇنقى 221-207-يىللار) ، خەن(مىلادىدىن بۇرۇنقى 022-يىلىدىن مىلادى 206 يىلىغىچە) سۇلالىلىرى دەۋرىدىن كېيىن تېخىمۇ ئەۋج ئالغان. شۇڭا مۇشۇ دەۋرلەردە ئىچكى ئۆلكىلەرگە قاشتېشى توشۇلىدىغان ئېغىزلار «قاشتوسمىسى» ، «قاشقوۋۇق» ، «قاشتېشى ئۆتكىلى» دېگەن ناملار بىلەن ئاتالغان. قاشتېشى ھەققىدىكى بۇنداق تارىخىي خاتىرىلەر ناھايىتى كۆپ.

قاشتېشى رەسىملىرى قەدىمكى دەۋرلەردىن باشلاپ خوتەندىكى ئۇيغۇر ئەمگەكچىلىرى خوتەننىڭ سىمۋولى بولغان ئىككى دەريا ۋادىسىدىن قاشتېشى سۈزۈپ، ئۇنىڭدىن نەپىس سەنئەت بۇيۇملىرىنى ياسىغان ھەمدە خەلقئارالىق قاشتېشى سودا بازىرىنى شەكىللەندۈرگەن. قاشتېشى ئارقىلىق ئېلىمىزنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونلىرى بىلەن بولغان دوستلۇق، ھەمكارلىق ئالاقىلىرىنى كۈچەيتكەن. دۇنيىاغا مەشھۇر «يىپەك يولى» نى ئېچىپ، خەلقئارالىق «قاشتېشى سودىسى» نى قانات يايدۇرغان. شۇنىڭدىن باشلاپ، خوتەن «ئېسىل تاشلار ماكانى» ، «قاشتېشى ماكانى» دېگەن نام بىلەن مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىغا تونۇلغان.

نەپىس خوتەن قاشتېشىخوتەن قاشتېشىنىڭ تۈرلىرى كۆپ، رەڭدار ۋە جۇلالىق، سۈپىتى ئېسىل، پارقىراق ۋە پۇختا بولغانلىقى ئۈچۈن قەدىمدىن تارتىپ «ئېسىل گۆھەر» دەپ قارىلىپ كەلگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، خوتەن خەلقى ئارىسىدا قاشتېشىنى ئۇلۇغلاش ۋە مۇقەددەس بىلىش ئەقىدىسى بارلىققا كەلگەن. ئىككى دەريانىڭ نامىنىمۇ قاشتېشى شەرىپى بىلەن ئاتىغان.

دەريا ۋادىلىرىدىن سۈزۈۋېلىنىدىغان قاشتېشى كىچىك، ئەمما ئىنتايىن سۈزۈك بولۇپ، ئۇنى خالىغان كىشى دەريادىن سۈزۈۋالىدۇ. دەريادىن قېزىۋالىدىغان قاشتېشى چوڭ ھەم ئۇيۇل بولۇپ، ئېلاستىكلىقى ياخشى ئاسانلىقچە چېقىلمايدۇ. خوتەن قاشتېشىنىڭ رەڭگى ئاق، سېرىق، كۆك، قارا ۋە كۆكۈچ بولۇپ، ئاق قاشتېشى بىلەن سېرىق قاشتېشى ئەڭ ئەتىۋار ھېسابلىنىدۇ. قەدىمكى رىۋايەتلەردە خوتەن قاشتېشى ئارخاتنىڭ تاش قاتمىسىدىن پەيدا بولغان، دەپ قارىلىدۇ.

ئومۇمەن، قاشتېشى خوتەن خەلقىنىڭ قىممەتلىك بايلىقى بولۇپ، قاشتېشىدىن نەپس بۇيۇملارنى ياساش ئۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى ھۈنەر-كەسىپ ئادەتلىرىدىن بىرى. ھازىرمۇ يۇرۇڭقاش دەرياسى بويىغا بارسىڭىز، مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ دەريادىن قاشتېشى سۈزۈۋاتقانلىقىنى ئۇچرىتىسىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە قاشتېشى ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان خەلقنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى تۇرمۇشىدا مۇھىم رول ئويناپ كەلگەن. «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا، تۈركلەردە، كىمنىڭ يېنىدا قاشتېشى بولسا، ئۇنىڭغا چاقماق تەگمەيدۇ، دېگەن ھېكمەتلىك سۆز بار. قاشتېشى ئاق، سۈزۈك بولۇپ، كىشىلەر ئۇنى ئۈزۈك قىلىپ سالىدۇ. بۇ ئۈزۈكنى سېلىۋالغان كىشىگە چاقماق تەگمەيدۇ، ئۇسسۇغان ئادەم بۇنى ئاغزىغا سالسا، ئۇسسۇزلۇقنى باسىدۇ، دەپ خاتىرىلەنگەن. بۇنىڭدىن ئۇيغۇرلاردا قاشتېشى سەنئىتىنىڭ ناھايىتى قەدىمكى زامانلاردىلا ر اۋاجلانغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#