كەھرىۋا
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
كەھرىۋا ئۇۋاقچىلىرىدەرەخنىڭ يېلىمى بولۇپ، بۇ دەرەخ ئەرەبچىدە«خۇز» دېيىلىدۇ، ناھايىتى سوغۇق جايلاردا ئۆسىدۇ، مۇشۇ دەرختىن سىزىپ چىققاندىن كېيىنكى يېلىمىنى يەرگە بىر يىلىدىن ئارتۇق كۆمۈپ قويغاندا، بۇ دەرەخنىڭ يېلىمى تاشقا ئوخشاش قاتىدۇ، بەزىدە تامغان بۇ يېلىمغا سامان، ئۇششاق تاش ۋە ھاشاراتلار ئارىلىشپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. مۇشۇ قېتىشما «كەھرىۋا» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
دەرەخ يېلىمى
كەھرىۋاكەھرىۋانىڭ دەرىخى ئىككى خىل بولىدۇ، بىرى رۇمى يەنى (ياۋروپانىڭكى)، يەنە بىرى «يەرلىك» دۇر، بۇنىڭ ياخشىراقى «رومى» بولۇپ، قاتتىق، سۈزۈك، پارقىرىما، تىللا رەڭدە سېرىق بولىدۇ، ئوتقا سالسا ئۇزۇندا ئېرىدۇ، ئەگەر بۇنى قولغا سۈركىسە قىزىپ، ئۇنىڭدىن لىمون سۈيىنىڭ پۇرىقى كېلىدۇ، ئۇششاق سامانلارنى ئۆزىگە تارتىدۇ، پاختا ۋە يىپنىمۇ تارتىدۇ، بۇ يېلىمنى كەھرىۋا يەنى ساماننى تارتقۇچى دەپ ئاتاشنىڭ سەۋەبىمۇ شۇ ئەمما يەرلىكتە يۇقىرىقى خۇسۇسىيەتلەر بولمايدۇ، ئۇ قۇۋۋەتتە «رۇمې» دىن ئاجىزراق.
كېسەللىك مىسالى
قان تۈكۈرۈش، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلىقى، بۇرۇن، قاناش، بوۋاسىر قاناش، ئاشقازان 12 بارماق ئۈچەي يارىسى، ئىچى سۈرۈش، قان تولغاق، يۈرەك چالاڭغۇراش، قۇسۇش ۋە باشقا قاناشلىق كېسەللىكلەر، ئاشقازان ئاجىزلىقى، بۆرەك ئاجىزلىقى، سۇنۇق، ھەر خىل زەخمىلىنىش، ھەر خىل جاراھەت قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
1. باكتىرىيەلەرگە قارشى تەسىرى: ئالتۇن رەڭلىك شارسىمان باكتېرىيە، كىزىك تاياقچە باكتېرىيسى، تولغاق تاياقچە باكتېرىيلەرنى تورمۇزلاش تەسىرىگە ئىگە.
2. مەركىزى نىرۋا سېستىمىسىنى تورمۇزلاش رولىغا ئىگە.
3. يارا پەيدا قىلىشقا قارشى تۇرۇش تەسىرىگە ئىگە.
4. ئىلان زەھىرىنى قايتۇرۇش تەسىرىگە ئىگە.
1. كەھرىۋانى يۇمشاق سوقۇپ سالايە قىلپ، تۇخۇمنىڭ ئېقىغا چىلانغان پاختىغا مىلاپ بۇرۇنغا تىقىپ قويسا، بۇرۇندىن كېلىدىغان قاننى توختىتىدۇ.
2. كەھرىۋادىن 1.5 گرام، تاباشىردىن 2 گرام ئېلىپ، سوقۇپ تالقان قىلىپ ئىچسە، كۆكرەك ۋە ئۆپكىدىن كېلىدىغان قاننى توختىتىدۇ.
3. كەھرىۋا 2 گرام، مەرۋايىت 5 گرام، ئاق سەندەل 3 گرام، قائىدە بويىچە سوقۇپ، ئەرقى گۈل بىلەن ئىچسە، ئىسسىقتىن بولغان يۈرەك چالاڭغۇراشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
4. كەھرىۋا 1.5 گرام، مەستىكى 3 گرام، داچىن 5 گرام، دورىلارنى سوقۇپ سۇپۇپ قىلىپ ئىچسە، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەپ، ھەزىمنى ياخشىلايدۇ.
5. 1.5 گرام كەھرىۋانى سوقۇپ، سەبرى يوپۇرمىقىنىڭ سۈيىدە زىماد تەييارلاپ، بوۋاسىرغا چاپسا، بوۋاسىر تۈگۈنچىلىرىنى يوقىتىدۇ.
6. 2 گرام كەھرىۋانى سوقۇپ سۇ بىلەن ئارىلاشتۇرپ، سۇنۇققا چاپسا، سۇنۇقنىڭ تۇتۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.