- جىگدە (ئۆسۈملۈك)
- جىگدە (خام دورا)
جىگدە
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
جىگدەئاپتونۇم رايۇنىمىزدا جىگدە تۇرلىرى كۆپ ئەمەس . ئاساسلىق يېمىش جىگدە ، تار يوپۇرماقلىق جىگدە ،سوقىچاق جىگدە ، خوتەن جىگدىسى ، ئاق جىگدە ، شەربەت جىگدە ، قۇرۇق جىگدە ، ئاخۇن جىگدىسى ، قىزىل شاخلىق جىگدە ، قاغا جىگدە ، ئاققۇ شاخ جىگدە ، ئۇششاق جىگدە ، تەسۋى جىگدە ، دۈگىلەك جىگدە قاتارلىق ئون نەچچە خىلى بار ، بۇلارنىڭ ئىچىدە يېمىش جىگدە ، تار يوپۇرماقلىق جىگدە ، قاغا جىگدە قاتارلىقلار كۆپىرەك تارقالغان . [1]
جۇڭگو : جىگدە جۇڭگونىڭ ئاساسلىقى غەربىي شىمالدىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلار ۋە ئىچكى موڭغۇلنىڭ غەربىي قىسملىرىغا تارقالغان. ئاز بىر قىسىمى، شىمالىي جۇڭگونىڭ شىمالىي قىسمى، شەرقىي شىمالنىڭ غەربىي قىسم رايونلىرىغا تارقالغان.
دۇنيا : جىگدە دۇنيا ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرىغا تارقالغان بولۇپ، ئاسىيانىڭ غەربىي قىسمى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ھىندىستان.
لياۋنىڭ، خېبېي، سەنشى، خۇنەن، شەنشى، گەنسۇ، ئىچكى مۇڭغۇل، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ، چىڭخەي رايونلىرىدا ئۆستۈرىلىدۇ.
ئۇ ئاپتونۇم رايۇنىمىزغا كەڭ تارقالغان بولۇپ ، ئاساسەن ئۇرۇقىنى تېرىش ۋە قەلەمچە قىلىپ تىكىش ئارقىلىق يىتىشتۇرۇلىدۇ . جىگدە دەرىخىنى خەلىقىمىز باغ ، ھويلا - ئارام ئەتراپىغا چىتلاق ئورنىدا تىكىپ ئۆستۈرۈپ ، قۇم - بوراننىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتلەردە پايدىلىنىدۇ . جىگدە ياغىچى قاتتىق بولۇپ ، ئۇنىڭدىن بوياقچىلار گۇل سىزىش قېپى ياسايدۇ ، يەنە غولىدىكى ئۇششاق تۆشۈكچىلەردىن قايناپ چىققان جىگدە يىلىمىنى ئۇيغۇر خانىم قىزلىرى چاچ ئاسرىغۇچى ئورنىدا ئىشلىتىدۇ .
يېمەكلىك قىممىتى
جىگدىدە يەم - خەشەك تەييارلاش جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىدا ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. ئۇنىڭ يوپۇرمىقى ۋە مېۋىسى بولسا قوينىڭ ئەلا سۈپەتلىك يەم - خەشىكى، قوي تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىدۇ. جىگدە مېۋىسىنى يېگەنسىرى قويلار سېمىز، قاۋۇل، كۈيلىگەندە قوشقار نەسىللىنىش نىسبىتى ئۆستۈرۈپ كۆپىيىشكە پايدىلىق. غەربىي شىمالدىكى قىش پەسىللىك بوران چاپقۇن ھاۋا رايىدا بولسا قوي پادىسىنى ئاپەتتىن ساقلاپ، چارۋىلارنى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ.
مېۋە ئىتى تەركىبىدە قەنت ماددىسى، كراخمال، يەنى ئاقسىل، ماي ۋە ۋىتامىن تەركىبى مول، خام ياكى پىششىق يېمەكلىك قىلىشقا بولىدۇ، شىنجاڭ رايونلىرىدا مېۋىسى ئاساسلىق ھاراق ئېچىتىش، ئاچچىقسۇ قىيامى، پىچىنە - پىرەنىك قاتارلىق يېمەكلىكلەر قىلىنىدۇ، مېۋىسى ۋە يوپۇرمىقىنى چارۋىلارغا يەم - خەشەك قىلىنىدۇ.
ئىستېمال قىممىتى
گۈلى خۇش پۇراق مايلىق بولىدۇ، گۈلىدىن خۇش پۇراق خام ئەشياسى، گىرىم قىلىش، سوپۇن ئىشلىتىدىغان مۇئەتتەر ياسىلىدۇ. ھەم زىچ مەنبەلىك ئۆسۈملۈك. ياغاچ ماتېرىيالى قاتتىق، زىچ، ئۆي جاھازىلىرى، تېرىلغۇ سايمانلىرى، يېقىلغۇ بولىدۇ، قۇملۇق رايونلاردا يېزىلاردىكى يېقىلغۇنىڭ ئاساسلىق مەنبەلىرىدىن بىرى.
دورىلىق قىممىتى
تىبابەتتە جىگدە ئاشقازان ئاغرىقى ۋە ئىچ سۈرۈشنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ . گۇلىدىن جىگدە ھەسىلى يىغىۋالغىلى بولىدۇ . مېۋىسى، يۇپۇرمىقى، يىلتىزى دورا قىلىنىدۇ، مېۋە شەربىتى سۈرگە دورىسى قىلىشقا بولىدۇ، مېۋىسى بىلەن بىللە ئېلىپ چىقىشتىن ئارىلاشتۇرۇلسا ئۆتكۈر بوۋاسىر، يىلتىز قاينىتىپ شىرنىسىنى قىچىشقاق ۋە قوتۇر بولۇپ قالغان يەرلەرگە مەنپەئەت قىلىنىدۇ. يوپۇرمىقى ئۆپكە ياللۇغى، دەم سىقىلىشقا پايدىلىق.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.