قوناق ئۇنى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
قوناق ئۇنى قوناق ئۇنى ــ ئەجدادلىرىمىز قەدىمدىن تارتىپ ئىستېمال قىلىپ كەلگەن ئاساسلىق تەبىئىي ئوزۇقلارنىڭ بىرى، قوناق ئۇنىنىڭ تەركىبىدە زور مىقداردا لېنزىن بار، ئۇ راك كېسەللىكىنى پەيدا قىلغۇچى ماددىلارنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان زەھەرلەش رولىنى تورمۇزلايدۇ ھەم يېنىكلىتىدۇ، ئۆسمىنى تىزگىنلەيدۇ. ئۇ يەنە بەدەندىكى پىروكسوزىنىڭ پارچىلىنىشىنى تېزلىتىپ، راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ كۆپىيىشىنى تىزگىنلەيدۇ. بۇلاردىن باشقا ، قوناق ئۇنىنىڭ تەركىبىدە سېللۇلوزىنىڭ مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى. سېللولۇزا ئاشقازان-ئۈچەي يوللىرىنى غىدىقلايدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاشقازان-ئۈچەينىڭ لۆمۈلدەش ھەرىكىتى ئېشىپ، چوڭ تەرەت راۋانلىشىدۇ. سېللولۇزا ئۈچەي يوللىرىنىڭ راك پەيدا قىلىدىغان ماددىلارنى سۈمۈرۈشىنى ئازايتىپ، ئۈچەي راكى پەيدا بولۇش ئېھتىماللىقىنى تۆۋەنلىتىدۇ.[0]
قوناق ئۇنى يەنە سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرىدۇ . ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، قۇيۇقلۇق دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىدۇ . بۇنىڭ بىلەن قۇمسىمان ئۆت تېشىنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىشى تېزلىشىدۇ . شۇڭا قوناق ئۇنى ساغلاملىقىڭىز ، ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشىڭىزگە پايدىلىق .
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
شىنجاڭ رادىيو تورى
http://uygur.chinabroadcast.cn/7600/2012/02/08/1350@434242.htm
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.