ئوتقا چىداملىق سېغىز توپا

ئوتقا چىدامچان سېغىز توپا

 ئوتقا چىداملىق سېغىز ئاساسەن يۇرا سىستېمىسىنىڭ كۆمۈر سىستېمىسى يەر قاتلاملىرىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۈرۈمچى، غۇلجا، قۇمۇل قاتارلىق ئۈچ جايدىكى كان ئورنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان.

ئۇيغۇرچە نامى ئوتقا چىداملىق سېغىز توپا
ئىنگىلىسچە نامى refractory clays
خەنزۇچە نامى 耐火粘土
تەكىبى Al2O3

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

رۇدا تىپى يۇمشاق سېغىز تىپلىق ۋە قاتتىق سېغىز تىپلىق بولۇپ، ئاساسلىق مىنېراللاردىن گاۋلىڭ تېشى،ئاللوفان، كۋارتىس، سۇلۇق چىرىمتال قاتارلىقلار بار. رۇدىلىرىنىڭ خىمىيىلىك تەركىبىدە مىقدارى Al2O3 نىڭ مىقدارى ئومۇمىيۈزلۈك تۆۋەنرەك، تۆمۈر مىقدارى يۇقۇرى بولۇپ، كۆپىنچىسىنىڭ چىداملىق دەرىجىسى ℃1650–1770 غىچە بارىدۇ. 

ئوتقا چىداملىق سېغىز توپايىمىرىلگەن قالدۇق چۆكۈندە تىپلىق ۋە قەدىمكى يالانما يۈزدىكى چۆكۈندى تىپلىقلىرىمۇ بار، ئوتقا چىداملىق سېغىز كان ياتمىلىرى ئادەتتە كۆپ قاتلاملىق ھالەتتە كۆمۈر قاتلاملىرىنىڭ يېنىدا ئۇچرايدۇ. ئۇلارنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىر قانچە يۈز مېتىردىن بىر قانچە مىڭ مېتىرغىچە بارىدۇ، يەككە قاتلاملىرىنىڭ قېلىنلىقى 0.5–5مېتىرغىچە،ئومۇمىي قېلىنلىقى 5–12مېتىرغىچە كېلىدۇ.

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى چيەنشۈيخې ئوتقا چىداملىق سېغىز كان ياتمىسى ئەڭ تىپىك بولۇپ، ئۈرۈمچى تاغ ئالدى ئولتۇرۇشمىسىنىڭ ئوتتۇرا يۇرا دەۋرى شىسەنياۋ گۇرۇپپىسى قاتلاملىرىدا ھاسىل بولغان. ئوتقا چىداملىق سېغىز بۇ گۇرۇپپىنىڭ ئاستىقى قىسمىدىكى ئاساسىي كۆمۈر ئوقۇرى بۆلىكىدە ھاسىل بولغان. ئۇنىڭ ئۈستى كۆمۈرلۈك قاتلام بولۇپ، ئەتراپى قۇمتاش، گىلتاش قاتارلىق تاغ جىنىسلىرى بىلەن ئورالغان. كان رايونىنىڭ كۆلىمى 10كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، تۇدۇڭخابا ئوڭدا پۇرمىسىنىڭ جەنۇبىي قانىتىغا جايلاشقان. 

 ئوتقا چىداملىق سېغىز ئاساسەن يۇرا سىستېمىسىنىڭ كۆمۈر سىستېمىسى يەر قاتلاملىرىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۈرۈمچى،غۇلجا،قۇمۇل قاتارلىق ئۈچ جايدىكى كان ئورنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاندى، كان ياتمىسىنىڭ تىپى ئاساسەن كۆمۈرقاتلاملىرى بىلەن بىرگە پەيدا بولغان چۆكۈندە تىپىدىكى كان ياتمىلىرىدىن ئىبارەت. كان قاتلىمى 10كىلومېتىرغا قەدەر سوزۇلغان، ئوتتۇرىچە قېلىنلىقى 2~3مېتىر، ئەڭ قېلىن جايى5 مېتىر، ئەڭ چوڭ يېرى 150مېتىرغا سوزۇلغان.  تەپسىلىي چارلاش ئارقىلىق ئېنىقلانغان B+C+D دەرىجىلىك زاپىسى 5مىليون 334مىڭ توننا بولغاچقا، بۇ بىر ئوتتۇرا تىپلىق كان ياتمىسى ھېساپلىنىدۇ.

رۇدا تىپلىرىدىن قاتتىق سېغىز، يۇمشاق سېغىز، يېرىم كرىمنىيلىك سېغىز قاتارلىق 7 دەرىجىگەبۆلىنىدۇ. تەجىرىبىلەردىن قاتتىق سېغىزنىڭ 1–دەرىجىلىك سورتى دومناپېچنىڭ خىش تەلىپىنى قاندۇرالايدۇ، قاتتىق سېغىزنىڭ 2–دەرىجىلىك سورتى قۇيمىچىلىقنىڭ خىش تەلىپىنى قاندۇرالايدۇ. بۇ كان ياتمىسىنىڭ رۇدا تۈرلىرى كۆپ، سۈپىتى ياخشى، ئېچىش شارائىتى ياخشى بولۇپ، كان مەھسۇلاتلىرى ئاساسەن شىنجاڭ پولات تۆمۈر شىركىتىدە ۋە ساپالچىلىق سانائىتىدە ئىشلىتىلىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى 

http://uyghur.news.cn/20120427/c_131556514.htm

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/131982.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#