كۇئېنلۇن قۇمكۆل قۇملۇقى
كۇئېنلۇن قۇمكۆل قۇملۇقى — كۇئېنلۇن قۇمكۆل ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىغا جايلاشقان بولۇپ ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3900 ~ 5000 مېتىر كېلىدۇ . ئۇ جۇڭگودىكى دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز قۇملۇق بولۇپ ، دۇنيا بويىچىمۇ دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز قۇملۇق ھېسابلىنىدىكەن .
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
كۇئېنلۇن قۇمكۆل قۇملۇقى — كۇئېنلۇن قۇمكۆل ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىغا جايلاشقان بولۇپ ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3900 ~ 5000 مېتىر كېلىدۇ . ئۇ جۇڭگودىكى دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز قۇملۇق بولۇپ ، دۇنيا بويىچىمۇ دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز قۇملۇق ھېسابلىنىدىكەن . ئۇ ئاساسەن قۇمكۆل ئاساسىي گەۋدە قۇملۇقى ، قۇملۇق ساھىل قۇملۇقى ، دىڭزىكۇ قۇملۇقى ، چاتما ساھىل قۇملۇقى ، قۇمكۆل بويى قۇملۇقلىرىدىن ئىبارەت بەش بۆلەك قۇملۇقتىن تەركىب تاپقان بولۇپ ، قۇملۇقنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 3054 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ . بۇ قۇملۇقلار يەر يۈزىدىكى يىمىرىلگەن تاغ جىنىسلىرىنىڭ پارچىلىنىپ ئۇۋالغاندىن كېيىن ، شامال ۋە سۇنىڭ ۋاستىسى بىلەن تەكرار يۆتكىلىپ ، دۆۋلىنىشى نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن .[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.