كۆجەي بازىرى
كۆجەي بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ توقسۇن ناھىيەسىگە جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
كۆجەي بازىرىكۆجەي، ئامبار جاي، كۆرجاي (بىر كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ دېگەن مەنىدە) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدا «قۇرجا»، «يېشىللىق» دېگەن مەنىدە، ئاساسلىقى بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئەتراپىدىكى بىر پارچە سۇلۇق يەرنى كۆرسەتكەن.
كۆجەي بازىرى 1984-يىلى قۇرۇلغان، توقسۇن ناھىيەسى نىڭ غەربىي شىمال ىغا جايلاشقان. رايون كۆلىمى 1200 كۋادرات كىلومېتىر، يەر شەكلى شىمالى ئېگىز، جەنۇبى پەس، مۇتلەق كۆپ قىسمى چۆل.
كۆجەي بازىرى تەۋەلىكىدە : كۆجەي مەھەللىسى، كۆجەي كەنتى، يېڭىئاۋات كەنتى، تۈڭگە كەنتى قاتارلىقلار بار.
كۆجەي بازىرىنىڭ ھۆل-يېغىن مىقدارى ئاز، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 6.3 كۇپ مىللىمېتىر، ئىللىق مۆتىدىل بەلباغ چۆل كىلىماتىغا كىرىدۇ. ئاساسىي ئالاھىدىلىكى: كۈن نۇرى يېتەرلىك، ئىسسىقلىق مىقدارى مول، ياز پەسلى سالقىن، شامال كۆپ، قۇرغاق ئىسسىق شامال 10 بالدىن يۇقىرى بوران كۆپ، پارغا ئايلىنىش كۈچلۈك، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، قىروسىز مەزگىلى ئۇزۇن.
كۆجەي بازىرىدا كۆجەي كان رايونى ۋە بېنتونىت كېنى قاتارلىق ئىككى چوڭ كان مەيدانى بار. ئاساسلىقى كۆمۈر، بېنتونىت رۇدا، ئەلا سۈپەتلىك بېنتونىت قاتارلىقلار بار.
ئەل ئارىسىدىكى ئاجايىباتلار
كۆرجەي قىياتاش رەسىملىرى، تاش سۇ سىستېمىسى خەرىتىسى، تۆمۈر تاۋلاش خارابىسى قاتارلىقلار بار.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.