ھايۋانات
ئات

ئات-ئىنسانلار تەرىپىدىن ئەڭ دەسلەپ قولغا ئۆگىتىلگەن ھايۋانلارنىڭ بىرى. ئاتنىڭ كۆندۈرۈلۈشى كۆچمەن چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى ئېنىقكۆپلىگەن ئارخېلوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ھازىر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئاتلار ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىن تارقالغان. ئاتنى كۆندۈرۈشمۇ ئەڭ ئاۋۋال مۇشۇ رايوندىن باشلانغان. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ رايوندا باشلانغان. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ رايوندا تارىختىكى «ئاتلىقلار مەدەنىيىتى» دەپ مەدەنىيەت دەۋرى بارلىققا كەلگەن.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ئات
تارقالغان رايونلار جوڭگو , موڭغۇلىيە , ئەرەب قاتارلىقلار
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
تۈركۈمى تاق تۇياقلىقلار تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى ئات ئۇرۇقدىشى
خەنزۇچە ئىسمى
تەۋەلىكى ھايۋاناتلار دۇنياسى
سىنىپى سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار سىنىپى
ئائىلىسى ئات ئائىلىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مەركىزىي ئاسىيادىكى تۇنجى ئات كۆندۈرگەن خەلق ھازىرغىچە ئاتنىڭ ئەڭ دەسلەپ قايسى قىتئە ۋە قايسى رايوندا پەيدا بولغانلىقى ھەققىدە تېخى ئېنىق بىر ئىلمىي يەكۈن چىقىرىلمىدى. بىراق ئاتنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا قولغا ئۆگتۈلگەنلىكى ۋە ئۇنى مىنىش تېخنىكىسىنىڭ مۇشۇ جايدا بارلىققا كەلگەنلىكىدىن خەلقئارادىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئالىملار ئانچە گۇمان قىلمايدۇ. ياپونيىلىك تارىخ پەنلەر ئالىمى مىشىما يوجى «يىپەك يولىدىكى 99 سىر» ناملىق ئەسرىدە:«ئوتتۇرا ئاسىيادا تەخمىنەن بۇنىڭدىن 6000- 8000 يىل بۇرۇن ئۆتكەن بوستانلىق ۋادىدا دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار دەپ قارالغان بىر ئىز تېپىلدى. ئۇلار شۇ چاغدىن تارتىپلا ئائىلە ھايۋانلىرىنى بېقىشقا باشلىغان.... بوستانلىق ۋادىلاردىكى دېھقانلار ۋە كىچىك دائىرىدىكى كۆچمەنلەرنىڭ بۆلۈنۈپ چىقىشى، ناھايىتى ئۇزاق بىر دەۋرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بولسا كېرەك. يەكۈن قىلىنىشىچە، مىلادىدىن بۇرۇنقى 10 مىڭ يىلنىڭ ئالدى- كەينىدە باشلانغان ئاتقا مىنىش تېخنىكىسى دېھقانلار بىلەن چارۋىچىلارنىڭ بۇ خىل يۆنىلىشىگە زور ئۆزگىرىش ۋە ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەن.

 كۆچمەنلەرنىڭ كەڭ دائىردە تەشكىللىنىشى مۇقەررەر يوسۇندا دۆلەت شەكىللىنىشىنىڭ شەرت- شارائىتىنى تەدرىجى ھازىرلىدى . شۇنىڭ بىلەن قۇدرەتلىك كۆچمەنلەر گۇروھى تەدرىجى ھالدا قەدىمكى مەدەنىيەتلىك جەمئىيەت تارىخىغا قەدەم قويدى...» دەپ كۆرسىتىدۇ. دېمەك، يۇقىرىقى بايانلاردىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى جۈملىدىن مەركىزىي ئاسىيادىكى قەدىمكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ بۇندىن 10 مىڭ يىل بۇرۇنلا ئاتنى قولغا ئۆگىتىش ۋە ئۇنى مىنىش تېخنىكىسىنى ئىجاد قىلغانلىقىنى ۋە شۇ ئاساستا ئۆز دۆلىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، رەسمىي مەدەنىيەت دەۋرىگە قەدەم قويغانلىقىنى بىلۋالغىلى بولىدۇ. دەرۋەقە، ئات ئىنسانلار جەمئىيىتى تەرەققىياتىدا تولىمۇ مۇھىم رول ئوينىغانىدى. قەدىمكى ئەجدادلىرىمىز ئاتنى قولغا ئۆگەتكەندىن كېيىن، ئۇنى مىنىش تېخنىكىسىنى ئىجاد قىلىپ، ئاتلارنى بىمالال باشقۇرالايدىغان بولغان (ئەمما بۇ ئارىلىقتا نەچچە مىڭ يىللار ئۆتكەنلىكى بىزگە نامەلۇم). بۇ ئەھۋال چارۋىدارلارنىڭ بۇرۇنقى كىچىك دائىرىدىن بىردىنلا كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولغان.

چارۋىدارلار بۇرۇن 1000 تۇياق چارۋىنى ئاران باشقۇرغان بولسا، ئاتقا مىنىش تېخنىكىسىنى ئىجاد قىلغاندىن كېيىن نەچچە مىڭ تۇياق مال- چارۋىلارنى باشقۇرۇش ئىمكانىيتىگە ئىگە بولۇپ، تۇرنۇشىدا ئۇچقاندەك تېز ئىلگىرلەش بارلىققا كەلگەن. ئوت، سۇ ۋە يايلاقلارنى تالىشىشتا ھەر بىر كۆچمەن چارۋىچىلار گۇروھىنىڭ خالىغان جايلارغا قاراپ كېڭىيىش ئىمكانىيىتى پەيدا بولغان. يەنە بىرتەرەپتىن، ئاتتىن قاتناش قورالى سۈپىتىدە پايدىلىنىپ، قۇملۇق ۋە يايلاقلاردىكى تارقاق، كۆچمەن چارۋىچى خەلقلەر ئارا بولغان ئۆز- ئارا ئالاقىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. 

بولۇپمۇ ئاتنىڭ ھەربىي ئىشلاردا ئىشلىتىلىشى ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان بولۇپ، ئەسكەر كۈچىنىڭ تېز سۈرئەتتە بەلگىلەنگەن جايغا يېتىپ بېرىشى ۋە نەچچە ئون كىلومېتىرلىق مۇساپىنى بىر كۈندىلا بېسىپ بولۇشى قۇدرەتلىك ئاتلىق كۆچمەنلەرنى كېڭىيىپ تېخىمۇ زور تېررىتورىيىگە ئىگە قىلغان. يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەندەك، ئوتتۇرا ئاسىيادا ئاتنى قولغا ئۆگەتكەن ھەم ئۇنى مىنىش تېخنىكىسىنى كەشىپ قىلغۇچىلار ھونلار (بۇنىڭدىن 6000 يىل ئىلگىركى خۇنيۇ، گۈيفاڭ دەپ ئاتىلىشتىن بۇرۇن) لار بولۇپ، ئۇلار ئوقيا ئېتىش تېخنىكىسىغا تايىنىپ ئاسىيا، ياۋروپا قىتئەسىدە خېلى ئۇزۇن زامانلارغىچە دەۋران سۈرگەن ۋە ئۆزىنىڭ قۇدرەتلىك ئىمپېريىسىنى تىكلىگەن. 

سىماچىيەن يازغان (تارىخىي خاتىرىلەر. ھونلار ھەققىدە قىسسە) دە: «ھونلارنىڭ تەڭرىقۇتى باتۇر تەڭرىقۇت مىلادىيدىن بۇرۇنقى 200 يىلى خەن سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى خەنگاۋزۇ ھازىرقى ئىچكى موڭغۇليىگە تەۋە داتۇڭ شەھىرىنىڭ يېنىدا 400 مىڭ ئاتلىق ئەسكەر بىلەن قورشاۋغا ئالغان، شەرقتىكى قورشاۋدا 100 مىڭ كۆك ئاتلىق، غەربتە 100 مىڭ ئاق بوز ئاتلىق، شىمالدا 100 مىڭ قارا ئاتلىق، جەنۇبتا 100 مىڭ قىزىل تۇرۇق ئاتلىق ئەسكىرى تۇرغان»، دېيىلگەن. ئەلۋەتتە تۆت خىل رەڭدىكى 400 مىڭ ئاتنى بىر نەچچە مىليون ئاتلارنىڭ ئىچىدىن تاللاپ ئېلىش مۇمكىن ئىدى. خەننامە غەربىي يۇرت تەزكىرىسىدە «غەربىي يۇرتتىكى دۆلەتلەرنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلىرى ئىنتايىن مول، ھەممىسىنىڭ راۋاقلىق سېپىل- قەلئەلىرى، تېرىلغۇ يەرلىرى، چارۋا- ماللىرى بار. 

بولۇپمۇ ئاتلارنىڭ سانى ھەددى ھېسابسىز... ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھونلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا تۇرىدۇ...» دېيىلگەن. ئەينى ۋاقىتتا، ئوتتۇرا ئاسىيادىن موڭغۇلىيە دالاسىغىچە بولغان بىپايان تاغ قاپتاللىرى ۋە يايلاقلاردا ئوتلايدىغان ئاتلارنىڭ سانى چەكسىز ئىدى. بولۇپمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدە قەدىمكى ئۇيغۇرلار بېقىپ ئۆستۈرۈپ، يېتىشتۈرگەن ئۇچقۇر ئاتلار قەدىم- قەدىم زامانلاردىن تارتىپلا مەشھۇر ئىدى. دۇلدۇل دەپ ئاتالغان ئۇچقۇر ھەم زور ئاتلار مىلادىدىن خېلى بۇرۇنلا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى كىشىلەرنى مەپتۇن قىلغان. ئۇلار بۇ ئاتلارغا دۇلدۇل دەپ نام بەرگەنىدى. مىلادىنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ تاڭ سۇلالىسىغىچە بولغان ئارلىقتا ئۇيغۇرلار باققان ئات ئېسىل نەسىللىك ئاتلاردىن بولۇپ، «ئۇيغۇر ئېتى» دېگەن ئالاھىدە ئىسىم بىلەن مەشھۇر ئىدى. شۇڭا، ئۇيغۇر خاقانلىرى ھەر يىلى يۈز مىڭلاپ ئاتلارنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە كىرگۈزۈپ، ئۇلاردىن ھەسسىلەپ پايدا ئالاتتى. «ئومۇمىي ئۆرنەكلەردىن رەتلەنگەن ۋەقەلەر».

 مىلادىيە 782- يىلى ئۇيغۇر خاقانى تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئەلچىسى يۈەن شىيۇ غا غەزەپلىنىپ:«تاڭ سۇلالىسى ئاتلار ئۈچۈن ماڭا قەرىزدار، ئۇنىڭ باھاسى 800 مىڭ توپ تاۋار، ناھايىتى تېزدىن قەرىزنى قايتۇرسۇن» دەپ بۇيرىغان. تاڭ سۇلالىسى خانى دېزۇڭ 100 مىڭ توپ تاۋار، 100 مىڭ سەر ئالتۇن- كۆمۈش بىلەن بۇ قەرىزنى قايتۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. بۇ ئىش شۇ چاغدا تاڭ دۆلىتىنىڭ دۆلەت مالىيەسىگە قاتتىق تەسىر كۆرسىتىپ دۆلەت خەزىنىسىنىڭ قۇرۇقدىلىپ قىلشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ دۆلەتنىڭ نامراتلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئومۇمەن قەدىمكى ئۇيغۇرلاردا ئاتچىلىق ناھايىتى زور تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى چارۋىچىلىق ئىشلىرىنى زور دەرىجىدە گۈللەندۈرگەن.

ئاتئات يالغۇز چارۋىچىلىق ئىگىلىكىدە كەم بولسا بولمايدىغان بىردىنبىر ئىشلەپچىقىرىش قورالى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە دېھقانچىلىق ئىگىلىكىدىمۇ ئەڭ مۇھىم ئاساسلىق قورالدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلار قەدىمدىن باشلاپ ئاتنى ئىنتايىن ئۇلۇغلاپ كەلگەن. قەدىمدىن باشلاپ ئاتنى ئىنتايىن ئۇلۇغلاپ كەلگەن. قەدىمكى ئۇيغۇر ئېپوسلىرىدا ئاتنىڭ ئوبرازى ھەممىدىن يۇقىرى تۇرىدۇ. 

«ئوغۇزنامە» ئېپوسىدا ئاتمۇ خۇددى «كۆك يايلىلىق بۆرە» گە ئوخشاش مۇقەددەسلەشتۈرۈلگەن ۋە ئىلاھىيلاشتۇرۇلغان. ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى پالچىلىق كىتابى «ئىرق پۈتۈك» تە ئات ئومۇمەن ياخشىلىق، بەختنىڭ بەلگىسى قىلىنغان. ئۇنىڭدىن تاشقىرى خەلقىمىز ئارىسىدا قەدىمدىن تارتىپ بۈگۈنگىچە «دۇلدۇل» ھەققىدە ناھايىتى كۆپ قىزىقارلىق ئەپسانە-رىۋايەت ۋە چۆچەكلەر ئېقىپ يۈرمەكتە، دۇلدۇل چۈشەنچسى ۋە ئېتىقادى ماھىيەتتە ئاتنىڭ ئىلاھىيلاشتۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ. ئات ھەقىقەتەن ھەممە ھايۋانلاردىن كۈچلۈك ۋە ئەقىللىق. بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز قەدىمدىلا ئاتنىڭ ئاشۇ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ قانىتى دەپ ھېسابلىغان، قەدىمكى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىلا ئاتنى ئۇلۇغلاش ئېتىقادى تۈپەيلىدىن تەڭرىقۇت ياكى سەركەردىلەر ئۆلسە، ئۇلارنىڭ مىنىدىغان ئېتىنىمۇ قوشۇپ بىرگە دەپنە قىلىش ئادىتى بولغان. كۆپلىگەن ئۇيغۇر قەبرىستانلىقلىرىدا ئاتنىڭ باش سۆڭىكىنى مەڭگۈ تاش ئورنىدا بېكىتىپ قويۇش ئادىتى ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە. قەدىمكى دەۋرلەردە يەنە خەلقىمىز ئاتنى مۇقىم پۇل بىرلىكى ئورنىدا ئىشلەتكەن. 

ئاتئۇيغۇرلار ئاتنى ھەقىقەتەن قەدىرلەيدۇ، ئاتنى ئۇرۇش ياكى خارلاشنى ئەڭ چوڭ گۇناھ دەپ قارايدۇ، ئۇلار ئاتنى مەخسۇس ئېغىلدا ئەتىۋارلاپ باقىدۇ. ئات ئېغىلىغا پات-پات ئىسرىق سېلىپ تۇرىدۇ. بولۇپمۇ مىنىدىغان ئاتنى تاللاشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. بۇنداق ئاتلارنى داۋاملىق ئۆستەڭلەرگە ئاپىرىپ يۇيۇپ-تاراپ تۇرىدۇ. يۈگەن، ئېگەر جابدۇقلىرىنىمۇ خىللاپ، ئاتقا تېخىمۇ سالاپەت كىرگۈزىدۇ. ھارۋىغا قاتىدىغان ئاتلارنى ئالاھىدە بېزەيدۇ. ئات گۆشى يېيىش ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقادىدا گەرچە مەنئى قىلىنمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئاتنى ئۆلتۈرۈپ يېيىش ئومۇملاشمىغان. بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى ئات گۆشىنى ئاساسەن يېمەيدۇ.

ئات بەيگىسى-ئۇيغۇر خەلقىدە قەدىمدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە ئەۋلادتىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان چەۋەندازلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ بىرى. خەلق ئارىسىدا «ئەر قانىتى ئات» دېگەن تەمسىل بار. بۇ ئاتنىڭ بۇ مىللەت ئۈچۈن نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

ئۇيغۇر خەلقى شەرقتە بايقال كۆلىنىڭ جەنۇبىدىن تارتىپ، غەربتە ئېرتىش دەرياسى، بالقاش كۆلىنىڭ بويلىرى، تاشقى موڭغۇلىيە ئەتراپلىرى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق كەڭ زېمىندا تارقاق، كۆچمەن تۇرمۇش كەچۈرگەن. ئۇلار ئاساسلىقى چارۋىچىلىق، ئوۋچىلىق ۋە قوشۇمچە تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغاچقا، ئاتتىن ئايرىلالمايتتى. ئات ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش قورالىنىڭ بىرى ئىدى. ئوۋ ئوۋلاش، يىراق جايلارغا خەۋەر يەتكۈزۈش، جەڭ ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن ھامان يۈگۈرۈك ئاتلارنى تاللاشقا توغرا كېلەتتى. ھەر قېتىملىق ئات چاپتۇرۇش جەريانىدا تەبىئىي ھالدا بەيگە ئېلىپ بېرىلاتتى.

ئەينى زاماندا، ھۇنلارنىڭ مۇنتىزىم ئاتىلىق قوشۇنىنىڭ ئاتلىرىمۇ سان-ساناقسىز ئاتلارنى بەيگىگە سېلىش ئارقىلىق تاللانغان، قەدىمكى زامانلاردىكى پادىشاھلارمۇ ئۆزىنىڭ ئېتىنى بەيگىگە سېلىش ئارقىلىق نام چىقارغان. ئۇلاردا ھەتتا كۈيئوغۇل تاللاشتا مەخسۇس بەيگە ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇزۈپ چىققانغا قىزىنى بېرىش ئادەتكە ئايلانغان. «تۈرك قامۇسى» دا «قەدىمكى تۈركىي قوۋملار دىنىي ئەنئەنىلىرىگە ئۇيغۇن قىلىپ ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىملىرىدا ئات بەيگىلىرىگە كەڭ سورۇن تەييارلىغانلىقى، ئۇلار بالىلار تۇغۇلغاندا 265 كىلومېتىرلىق بىر بەيگە تەييارلىغانلىقى، بۇ بەيگىگە ئاياللارنىڭمۇ قاتقاشقانلىرى تارىخىي مەلۇماتلاردىن بىلىندى» دەپ يېزىلغان.

11-ئەسىردە ياشىغان ئۇلۇغ تىلشۇناس مەھمۇد قەشقىرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا «ئارغۇن ياۋا ئايغىر بىلەن ئۆي بايتىلىدىن تۇغۇلغان، ئات بەيگىسىدە كۆپىنچە مۇشۇنداق ئاتلار ئۈزۈپ چىقىدۇ» ، «شوخ ئېتىم تېزلىك بىلەن چاپتى، بەيگىدە ئۈزۈپ چىقتى» ، «قىز بىلەن چېلىشما، تۇغمىغان بايتالغا چېپىشما» دەپ نەقىل كەلتۈرۈلگەن.

خەلقئارا تۈركشۇناسلىق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ پەخرىي رەئىسى، گېرمانىيىلىك ئالىم گابائىن خانىم ئۆزىنىڭ «قوچو ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تارىخى» ناملىق ئەسىرىنىڭ ماددىي مەدەنىيىتى بابىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆي-ئىمارەتچىلىكى ئۈستىدە توختىلىپ، مۇنداق يازىدۇ: «ئۇيغۇرلار ئات بېقىشقا تولىمۇ ھەۋەسكار ئىدى. دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتى، ئات تۇرىدىغان ئېغىلى بولاتتى، ئۆيلىرىنىڭ تېگى تاختايلىق بولۇپ گىلەم سېلىناتتى» .

مىلادىيە 1003-يىلى شەمسۇل مانى غەرب ھەققىدە يازغان «قابۇسنامە» نىڭ 18-بابىدا «ئاتقا مىنمەك، شىكار قىلماق ۋە چەۋگەن ئوينىماق پادىشاھ ۋە ئەھلى ھۆكۈمەت ئىشىدۇر. خۇسۇسەن يىگىتلىك ۋەياشلىق ۋاقتىدا ھەر قانداق ئىشنىڭ ئەندىزىسى ۋە تەرتىپى بولىدۇ. ھەمىشە شىكارغا بارماق توغرا ئەمەس، بىر ھەپتىدە ئىككى كۈن شىكار قىل، كىچىك ئاتقا مىنمە، كىچىك ئاتقا مىنسەڭ سەت كۆرۈنۈپ قالىسەن، شەھەرگە ھەم شىكارغا بارغاندا، شوخ ئاتقا مىنگىن، سېنى ھوشيار قىلىدۇ. شىكاردا تولا ئات چاپما، شىكار ئارقىدىن ئات چېپىش توغرا كەلسە، ئۇ ۋاقتىدا ئۆز كۈچۈڭنى ئايىما» دېيىلگەن. بۇنىڭدىن باشقا، «ئوغۇزنامە» دىمۇ بەيگە ھەققىدە سۆزلەنگەن. 

يۇقىرىدىكى تارىخىي بايانلاردىن كۆرۈۋېلىش مۇمكىنكى، تۈركىي تىللىق خەلقلەر تارىختىن بۇيان ئاتتىن ئايرىلىپ باقمىغان، شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئەنئەنىۋى تەنھەركەتلەردە تۇرمۇش مۇھىتىغا ئۇيغۇن بولغان ئات ئۈستىدىكى پائالىيەتلەر خېلى كۆپ بولۇپ، ئۇلار تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئۈچۈن ئەنئەنىۋىلىشىپ قالغان. شۇڭا، ئات بەيگىسى نوقۇل ھالدىكى ھەرىكىتىمىز بولماستىن، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىن كېيىنكى خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك جەمئىيەتنىڭ مەھسۇلى. شۇنداقلا، بىزنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئات ئۈستىدىكى تەنھەرىكەت تۈرىمىزدۇر. جۇڭگودا، خەلقئارادا بىزنىڭ «غەربىي دىيار» ئاتلىرىمىز داڭلىق بولۇپ، ئۇنىڭ نەسىللىرى ئىلى، قاراشەھەر بارىكۆلدە تېپىلىدۇ. 

تارىختىكى ئات بەيگىلىرىنى قەبىلە، يۇرت ئاقساقاللىرى پۈتۈنلەي ھۆددىگە ئېلىپ ئۆتكۈزگەن. ئات بەيگىسىنىڭ كۆلىمى قەبىلە، يۇرت ئاقساقاللىرىنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىگە، چارۋىسىنىڭ ئاز-كۆپلۈكىگە قاراپ بەلگىلەنگەن. كىچىك كۆلەمدىكىلەرگە ئادەتتە 10 نەچچە چوڭ كۆلەمدىكىسىگە 20000، 300 ئات قاتناشقان بەيگىدە ئۈزۈپ چىققانلارغا قارا مالدىن بىر قانچىنى مۇكاپات بېرىدىغان تۈزۈم بولغان.

ئات يورغىلىتىش-ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرىنىڭ بىرى، بۇ ھەرىكەت ئۇزاق تارىخقا ئىگە. بۇ ھەقتە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇلۇغ تىلشۇناسى مەھمۇد قەشقىرى ئۆزىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا: «يورغا ئات چاپقاندا، ئۇنىڭ تۇياقلىرىدىن ئوت چاقناپ قۇرۇق ئوت-چۆپلەر كەتتى» دەپ ئىزاھ بەرگەن. يورغىنى ماختاپ، مەدھىيىلەپ يېزىلغان بۇ ئىزاھاتتىن قارىغاندا، ئات يورغىلىتىش پائالىيىتىنىڭ ئات بەيگىسىگە ئوخشاشلا ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئات يورغىلىتىش مۇسابىقىسى توي-تۆكۈن، ھېيت-بايرام كۈنلەردە ئات بەيگىسى بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ ئويۇنغا ئەر-ئاياللار بىردەك قاتنىشالايدۇ. ئات يورغىلىتىش مۇسابىقىسى بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا ئات بەيگىسىگە ئوخشاشلا تۈز، كەڭ دالىدا ئېلىپ بېرىلاتتى، ئەڭ ئۇزۇن مۇساپىسى 20 كىلومېتىردىن ئاشمايتتى. ھازىر بۇ ئويۇن يېڭىچە قائىدىگە چۈشۈرۈلۈپ، ئايلانما مەيداندا 1000 مېتىرغا، 2000 مېتىرغا، 3000 مېتىرغا، 5000 مېتىرغا ۋە 10 مىڭ مېتىرلارغا ئات يورغىلىتىش بويىچە مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلىدىغان بولدى.

يورغا-ئادەتتە يۇمشاق يورغا، قوي يورغا، ئۈچ ئاياغ يورغا، چاچما يورغا، تۆگە يورغا قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ.

ئات يورغىلىتىش مۇسابىقىسىدە ئاتنىڭ يورغىلىشى بۇزۇلسا ياكى چېپىپ ماڭسا، نەتىجىسى ئىناۋەتكە ئېلىنمايدۇ. پەقەت مۇسابىقىدە بەلگىلەنگەن ئارىلىققا قائىدە بويىچە يورغىلاپ ئۈزۈپ چىققان ئات بىرىنچى بولغان بولۇپ ھېسابلىنىدۇ ھەمدە نەتىجىگە ئېرىشكۈچىلەرگە مۇكاپات بۇيۇملىرى تارقىتىپ بېرىلىدۇ. ھازىر بۇ ئويۇن ئاپتونوم رايونىمىزدا يېڭى قائىدە بويىچە كەڭ ئومۇملاشماقتا. مىللىي ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقە يىغىنلىرىدا، ئات يورغىلىتىش باشقا مىللىي ئەنئەنىۋى ئويۇن تۈرىگە ئوخشاشلا مۇسابىقە تۈرلىرى قاتاردىن ئورۇن ئالدى.

ئاتدەۋر تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ بۈگۈنكى كۈندە قاتناش ئىشلىرى ئاساسەن ماشىنىلاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئات ئۆزىنىڭ رولىنى يوقاتقىنى يوق. بەلكى يېزا-قىشلاقلاردا ھەتتا شەھەرلەردە ئات ھارۋىلىرى ئاساسلىق قاتناش قورالى سۈپىتىدە خىزمەت قىلماقتا. خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ، تۇرپان قاتارلىق ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان شەھەرلەردە كىرا ماشىنىلىرى بىلەن بەس-بەستە قاتناۋاتقان كۆركەم ئات ھارۋىلىرى ئۆزىگە خاس مىللىي ئالاھىدىلىكى بىلەن چەت ئەللىك ساياھەتچى دوستلارنىمۇ ئۆزىگە جەلپ قىلماقتا. (ئا)[0]

ئات بەيگىسى

ئات بەيگىسى

ئات بەيگىسى

ئات بەيگىسى

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (8 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    62.5%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    12.5%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    25%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#