جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيىنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى يېپىق مەزگىلدە، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئەڭ يۇقىرى ھاكىمىيەت ئورگىنىدۇر.

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى
خەنزۇچە نامى 中国共产党中央委员会

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيىنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى يېپىق مەزگىلدە، پۈتۈن پارتىيىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ھاكىمىيەت ئورگىنىدۇر. ئۇ پارتىيىنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ قارارىنى ئىجرا قىلىدۇ، پارتىيىنىڭ بارلىق خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ، سىرتقا نىسبەتەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

پارتىيىنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇرو دائىمىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى مەركىزىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنىدا سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەركىبىدىكىلەرنىمۇ مەركىزىي كومىتېت قارار قىلىدۇ.

پارتىيىنىڭ مەركىزىي كومىتېتنىڭ ۋەزىپە مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ، پارتىيىنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ياكى كېيىن ئېچىشقا توغرا كەلگەندە، ئۇنىڭ ۋەزىپە مۇددىتىمۇ ئۆزگىرىدۇ. مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرى ۋە كاندىدات ئەزالىرىنىڭ پارتىيىلىك ستاژى بەش يىلدىن ئارتۇق بولۇشى شەرت. مەركىزىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنىنى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى ئاچىدۇ، ئۇ ھەر يىلى ئاز دېگەندە بىر قېتىم ئېچىلىدۇ.

مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنى يېپىق مەزگىلدە، مەركىزىي كومىتېتنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي كومىتېتى پارتىيىنىڭ بارلىق كۈندىلىك خىزمىتىنىڭ رەھبەرلىك يادروسى، بۇ رەھبەرلىك يادروسى بىر كوللېكتىپ دېمەكتۇر. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىك خىزمىتى پارتىيىنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى ۋە مەركىزىي كومىتېتنىڭ قارارىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، دېموكراتىيە-مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى پرىنسىپى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋاكالەت مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ. مەملىكەتلىك قۇرۇلتاي مۇددەتتىن ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلسە ياكى كېچىكتۈرۈلسە، ئۇنىڭ ۋاكالەت مۇددىتى شۇنىڭغا مۇناسىپ ئۆزگەرتىلىدۇ. 

مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى ۋە كاندىدات ئەزالىرى 5 يىلدىن ئارتۇق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە بولۇشى شەرت. مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرى ۋە كاندىدات ئەزالىرىنىڭ سانىنى مەملىكەتلىك قۇرۇلتاي بەلگىلەيدۇ، مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ ئورنى بوش قالغاندا، مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزالىرى ئىچىدىن سايلامدا ئىگە بولغان ئاۋاز سانىغا قاراپ تەرتىپ بويىچە تولدۇرۇلىدۇ. مەركىزىي كومىتېتنىڭ يىغىنى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇرسى تەرىپىدىن چاقىرىلىدۇ، يىلىغا كەم دېگەندە بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ. [1]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/62941.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#