خوئوس ئۇرۇشى

خوئوس ئۇرۇشى

خوئوس ئۇرۇشى چېخوسلوۋاكىيە دېھقانلار ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ئۇرۇش ياۋرۇپا تارىخىدا ئەڭ ھەيۋەتلىك، داۋاملاشقان ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولغان بىر قېتىملىق دېھقانلار قوزغىلىڭىدۇر. 

نامى خوئوس ئۇرۇشى
باش قوماندان 杰士卡
ئۇرۇشقا قاتناشقۇچىلار مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيەسى، چېخ
ۋاقتى 1419-يىلىدىن 1434-يىلىغىچە
خەنزۇچە ئاتىلىشى 胡斯战争
باشقا ئاتىلىشى چېخوسلوۋاكىيە دېھقانلار ئۇرۇشى
ئورنى چېخ
نەتىجىسى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيەسى غەلبە قىلغان

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

خوئوس ئۇرۇشىخوئوس ئۇرۇشى چېخوسلوۋاكىيە دېھقانلار ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ئۇرۇش ياۋرۇپا تارىخىدا ئەڭ ھەيۋەتلىك، داۋاملاشقان ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولغان بىر قېتىملىق دېھقانلار قوزغىلىڭىدۇر. قوزغىلاڭچىلار چېخوسلوۋاكىيە مىللىي قەھرىمانى خوئوسنىڭ دىنى ئىسلاھات ئىدىيىسىنى ئۆزلىرىگە بايراق قىلغان ۋە خوئوس پارتىيىسىدىكىلەرنى ئۆزلىرىگە رەھبەر قىلغانلىقى ئۈچۈن يەنە خوئوس ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

15- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا چېخوسلوۋاكىيە ئەينى ۋاقىتتىكى ياۋرۇپادا ئىقتىسادىي ئەڭ تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئىدى. بىراق، چېخوسلوۋاكىيىنىڭ ئىقتىسادىي جان تومۇرىنى گېرمانىيە كۆچمەنلىرى كونتىرول قىلىپ تۇراتتى. كاتولىك چىركاۋى مەملىكەت ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ فېئودال كۈچ بولۇپ، چخوسلوۋاكىيىدىكى تېرىلغۇ يەرنىڭ يېرىمىغا يېقىن قىسىمىنى ئىگىلىۋالغانىدى. ۋەھالەنكى، چېركاۋنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر كۆپىنچىسى گېرمانىيەلىكلەر ئىدى. گېرمانىيە فىئوداللىرىمۇ چېخوسلوۋاكىيىدە نۇرغۇن يەر-زېمىنغا ئىگە بولۇپ، چېخوسلوۋاكىيىنىڭ شەھەرلىرى ۋە كانچىلىقىمۇ گېرمانىيە ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قولىدا ئىدى. گېرمانىيە دىندار ئاقسۆڭەكلىرى بىلەن چېخوسلوۋاكىيە فېئودال ھۆكۈمرانلىرى ئۆزئارا تىل بېرىكتۈرۈپ، چېخوسلوۋاكىيە خەلقىنى دەھشەتلىك ئىكىسپالاتاسىيە قىلاتتى.

خوئوس ئۇرۇشىچېخوسلوۋاكىيىلىك ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەر زات، پىراگا ئۇنېۋىرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جون خوئوسنىڭ رەھبەرلىكىدە چېخوكىيە خەلقى كاتولىك چېركاۋىغا، فېئوداللارنىڭ ئىكىسپالاتاسىيىسىگە ۋە گېرمانىيەنىڭ مۇستەملىكىسىگە قارشى ئۇلۇغ ھەرىكەت قوزغىدى. خوئوس كاتولىك چىركاۋىنىڭ ئەيشۇ ئىشرەتكە بېرىلىپ چۈشكۈنلەشكەنلىكىدەك ئەپت-بەشرىسىنى رەھىمسىزلىك بىلەن پاش قىلدى ۋە چېركاۋنى گېرمانىيە فېئوداللىرىنىڭ كونتىروللىقىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن دىنىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. بىراق، گېرمانىيە پادىشاھى بىلەن رىم كاتولىك قەسىرى ئۆز ئارا تىل بېرىكتۈرۈپ، 1415- يىلى 7-ئاينىڭ 6- كۈنى خوئوسقا ئوتتا كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈش جازاسى بېرىلدى. خوئوسنىڭ ئۆلۈمى چېخوسلوۋاكىيە خەلقىنى قاتتىق غەزەپلەندۈردى. 1419- يىلى 7- ئاينىڭ 22- كۈنى 40 مىڭ دېھقان ۋە شەھەر كەمبەغەللىرى چېخوسلوۋاكىيىنىڭ جەنۇبىي قىسىمىدىكى تاپور ئېدىرلىقىدا زور كۆلەملىك قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈردى. 7- ئاينىڭ 30- كۈنى قوزغىلاڭغا ياردەم بېرىش يۈزسىدىن پراگادا شەھەر كەمبەغەللىرىنىڭ قوزغىلىڭى پارتىلىدى. شۇنداق قىلىپ خوئوس ئۇرۇشى باشلاندى.

1420 يىلىدىن 1421- يىلىغىچە قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى جون جېشكانىڭ رەھبەرلىكىدە پاپا ۋە گېرمانىيە پادىشاھى تەشكىللىگەن ئەھل سەلىپنىڭ ئۈچ قېتىملىق ھۇجۇمىنى ئارقا-ئارقىدىن چېكىندۈردى. جېشكا ئۇرۇش جەرياندا ئەما بولۇپ قالغان بولسىمۇ، تاكى 1424- يىلى كېسەل بىلەن ۋاپات بولغانغا قەدەر جەڭگە قەيسەرلىك بىلەن قۇماندانلىق قىلدى. چېخوسلوۋاكىيە خەلقى بۇ زور تۆچپىكار مىللىي قەھرىماننى خاتىرىلەش ئۈچۈن، ئەھل سەلپنىڭ بىرىنچى قېتىملىق جازا يۈرۈشى تارمار قىلىنغان ۋېتكوۋر تېغىنىڭ ئىسمىنى جېشكا تېى دەپ ئۆزگەرتتى. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى شۇنىڭ بىلەن داپلوكوپنىڭ قۇماندانلىقىدا داۋاملىق جەڭ قىلدى ھەمدە غەلبىسېرى ئىلگىرىلەپ قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ئۇرۇشنى گېرمانىيە تېررىتورىيىسى ئىچىگە سوزۇپ، بالتىق دېڭىزىنىڭ قىرغاقلىرىغىچە ھۇجۇم قىلىپ بېرىپ، گېرمانىيە فىئوداللىرىغا قاقشاتقۇچ زەربە بەردى. ھەربىي باستۇرۇشنىڭ ئۈنۈم بەرمەيدىغانلىقىنى بىلىپ يەتكەن پاپا ۋە گېرمانىيە پادىشاھى پارچىلاش تاكتىكىسىنى قوللىنىش قارارىغا كەلدى. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى ئىچىدە خوئوس پارتىيىسىدىكىلەر ئىككى گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ كەتتى. شەھەر ئاھالىسى ۋە ئوتتۇرا، كىچىك ئاقسۆڭەكلەر مۇلايىملىق تەرەپدارلىرىغا، دېھقانلار ۋە شەھەر كەمبەغەللىرى رادىكال تەرەپدارلىرىغا (تاپور تەرەپدارلىرىغا) مەنسۈپ ئىدى. قوزغىلاڭ مۇئەييەن غەلبىگە ئېرىشكەن چاغدا مۇلايىملىق تەرەپدارلىرى ئۆزلىرى ئېرىشكەن مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن گېرمانىيە پادىشاھى ۋە پاپا بىلەن سۈلھى قىلدى. 1434- يىلى 5- ئايدا گېرمانىيە ئاقسۆڭەكلىرى بىلەن مۇلايىملىق تەرەپدارلىرى زىچ بىرلىشىپ لىپان جېڭىدە رادىكاللار قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلدى. لىپان جېڭى خوئوس ئۇرۇشىنىڭ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بەردى.

15-ئەسىرنىڭ 20-يىللارنىڭ باشلىرىدىكى چېخوسلوۋاكىيە زور ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش يۈز بەردى. ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتە مۇستەھكەم، كالىكتىنېس گۇرۇھى بىلەن فېئودال كاتولىك دىنى لاگېرى بىلەن تىل بىرىكتۈردى. نامرات ئىنقىلابىي كالىكتىنېس گۇرۇھى ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى توسالغۇ بولۇپ قالدى. شەھەر ئاھالىسى سىنىپى ۋە ئاقسۆڭەكلەرگە ئوچۇقلا ئۇچۇر بېرىپ خەلققە ئاسىيلىق قىلىش، مۇقەددەس رومكا بىلەن فېئودال كاتولىك دىنى كۈچلىرى بىلەن بىرلىشىش ۋە ئەسكىرىي كۈچى ئەۋزەل ئورۇندا بۇلۇپ ئەسلىدىكىسىدىن ئۈچ ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. تابور گۇرۇھى يىلى 1434-يىلى لىپانى قوشۇننى مەغلۇپ قىلدى. مۇشۇ ۋاقىتتا خۇسسىتې ئۇرۇشى ئاخىرلاشتى. خۇسسىتې ئۇرۇشى چېخوسلوۋاكىيەگە مىللىي مۇستەقىللىق ئېلىپ كەلدى، لېكىن ئىچكى زىددىيەت ھەل قىلىنمىغان.[1] 

خوئوس ئۇرۇشىخوئوس ئۇرۇشى كېيىنكى ئەۋلادلار ئۈچۈن زوراۋانلىقتىن قورقماي، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەننى قوغدايدىغان ئەنئەنىنى «خوئوس روھىنى قالدۇردى، بۇ ئەنئەنە چېخوسلوۋاكىيە خەلقىنى ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقى، ئەركىنلىكى ۋە ئازادلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا ئىزچىل تۈردە ئىلھاملاندۇرۇپ كەلدى. چېخوسلوۋاكىيە خەلقى ئارىسىدا بۈگۈنگە قەدەر «خوئوس ھەرىكىتى بولمىغان بولسا، چېغ مىللىتىمۇ بولمىغان بولاتتى» دېگەن ئەقلىيە سۆزى تارقىلىپ كەلمەكتە. خوئوس ئۇرۇشى ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ رىم كاتولىك چېركاۋىغا قارشى تۇنجى قېتىملىق زور كۆلەمدىكى قوراللىق قارشىلىق كۆرسىتىشى بولۇپمۇ ھېسابلىنىدۇ، ئۇ 16- ئەسىردىكى گېرمانىيە دېھقانلار ئۇرۇشى ۋە ياۋرۇپانىڭ دىنى ئىسلاھات ھەرىكىتى ئۈچۈن ئۇرۇق سالغان.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#