يانو كوجى

يانو كوجى

يانو كوجى، ئەر، 1970-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى ياپونىيە نىڭ ئوساكادا تۇغۇلغان، جۇڭگودا تەرەققىي قىلۋاتقان ياپونىيەلىك كىنو ئارتىسى، رىياسەتچى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى يانو كوجى
باشقا نامى 川野浩司
مىللىتى دائىۋا
تۇغۇلغان ۋاقتى 1970-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى
بەدەن ئېغىرلىقى 65kg
خەنزۇچە ئاتىلىشى 矢野浩二
دۆلەت تەۋەلىكى ياپونىيە
يۇرتى ياپونىيە ئوساكا
بوي ئېگىزلىكى 175cm
قان تىپى O تىپ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يانو كوجىيانو كوجى، ئەر، 1970-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى ياپونىيەنىڭ ئوساكادا تۇغۇلغان، جۇڭگودا تەرەققىي قىلۋاتقان ياپونىيەلىك كىنو ئارتىسى، رىياسەتچى. جۇڭگولۇقلار ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ياپونىيەلىك ئارتىسلارنىڭ بىرى. ئۇ ئۆزىنىڭ ھەر ۋاقىت تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان مۇلايىملىقى ۋە يۇمۇرستىك خاراكتېرى بىلەن نۇرغۇنلىغان جۇڭگو كۆرۈرمەنلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن.

يانو كوجى ئىلگىرى ئوساكادىكى بىر قاۋاقخانىدا ھاراق تەڭشىگۈچى بولغان. بىر قېتىملىق تاساددىپىي پۇرسەتتە رول ئېلىش بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، ئۆزىنى قەتئىيلا تارتىپ چىقالمىغان.

يانو كوجى2000-يىلى ياپونىيە كىنوسى «تۈندىكى قوڭغۇراق» (午夜凶铃) نىڭ 4-بۆلۈمىدە بىر دراما ئارتىسىنىڭ رولىنى ئالدى. شۇ يىلى يانو كوجى بىرسىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن تۇنجى قېتىم جۇڭگوغا كېلىپ، «خۇايى بۇرادەرلەر» مەبلەغ سېلىپ ئىشلىگەن «مەڭگۈلۈك ئاشىق» (永恒恋人) تا كاۋاشىمانىڭ رولىنى ئالغان.

ئىزچىل تېلېۋىزىيە ئېكرانلىرىدا «ياپون ئالۋاستى» ئوبرازىدا كۆرۈنگەن. شۇ سەۋەبتىن ئۇ جۇڭگودا «كەسپىي ياپون ئالۋاستى» دەپ ئاتالغان. 30 يىل «ياپون ئالۋاستى»نىڭ رولىنى ئالغان يانو كوجى بەلكىم كۆپچىلىككە «كىچىك جەڭچى جاڭگا» دىكى سائىتو ئوبرازى بىلەن تونۇلغان.

يانو كوجى يەنە «ئەسلىمەمنىڭ ئىسپاتى» (记忆的证明) تا ئوكادا باش نازارەتچىنىڭ، «قەدىمكى شەھەردىكى ئېلىشىش» (野火春风斗古城) دە تادانىڭ، «پارتىزانلار ئۇرۇشى» (铁道游击队) دا ئوكامۇرا ھەمدە «قەھرىمان» (逐日英雄) دا ئابې كېنشيوڭنىڭ رولىنى ئېلىپ، ھەقىقىي «كەسپىي ئالۋاستى» غا ئايلانغان.

يانو كاجى ئىلگىرى تەكلىپكە بىنائەن ياپونىيە ئەلچىخانىسىنى زىيارەت قىلىپ، ياپونىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشكەن ھەمدە ئوچۇق-يورۇقلۇق بىلەن جۇڭگو-ياپونىيە مەدەنىيىتى توغرىسىدا دوستانە پىكىرلەشكەن.

جۇڭگو-ياپونىيە دوستلۇقىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈرگەن يانو جوكى، ئەلچى تەرىپىدىن «جۇڭگونى ئەڭ چۈشىندىغان ياپونىيەدىكى داڭلىق شەخسنىڭ بىرى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ئەڭ يېقىن دوستانە بۇرادىرى» دەپ تەرىپلەنگەن.

يانو كوجىيانو جاكى چۇڭچىڭلىق ئايال بىلەن توي قىلغان. 2010-يىل 14-سېنتەبىر ئۇنىڭ قىزى تۇغۇلغان. ئۇ قىزىغا شىن يۆ دەپ ئىسىم قويغان ھەمدە جۇڭگو نوپۇسىغا ئالدۇرغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/1392.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#