شوخلا تەملىك كالا ئومۇرتقا قورۇمىسى

شوخلا تەملىك كالا ئومۇرتقا قورۇمىسى بولسا كالىنىڭ ئومۇرتقا گۆشى ، زەنجىۋىل ، پەمىدۇر قىيامى ، ئۇن ، ئاق شېكەر ، كراخمال ، كۆك پۇرچاق ، سۇڭپىياز ،  امساق ، تۇز، پارقىراتما ياغ ، تېتىتقۇ ، سۈزۈك، سۇ يېغى قاتارلىقلارنى خام -ماتېرىيال قىلىپ تەييارلىنىدىغان قورۇما .

ئۇيغۇرچە نامى شوخلا تەملىك كالا ئومۇرتقا قورۇمىسى
خەنزۇچە نامى 西红柿味牛脊椎菜

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاساسلىق ماتېرىياللاركالىنىڭ ئومۇرتقا گۆشى 200 گرام، زەنجىۋىل ئازراق، پەمىدۇر قىيامى ئىككى قوشۇق، ئۇن ئازراق، ئاق شېكەر 35 گرام، كراخمال 35 گرام، سېرىق ھاراق ئازراق، كۆك پۇرچاق 35 گرام، سۇڭپىياز بىر تال، توخۇمنىڭ ئېقى ئىككى دانە، سامساق تۆت چىش، تۇز مۇۋاپىق، پارقىراتما ياغ ئازراق، تېتىتقۇ ئازراق، سۈزۈك شورپا مۇۋاپىق، سۇ يېغى 70 گرام.

1. كالىنىڭ ئومۇرتقا گۆشىنى نېپىز، چوڭ-چوڭ يالپاقلاپ توغراپ، قىڭراقنىڭ كەينى بىلەن ئۇرۇپ يومشىتىپ، دورا-دەرمەكلەرنى سېپىپ، 15 مىنۇت تەملەندۈرۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنغا مىلىنىدۇ. 

2. تۇخۇمنى چېقىپ ئېقىنى كۆپتۈرۈپ، ئۇنىڭغا ئۇن قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ تۇخۇم ئۇمىچى تەييارلىنىدۇ.

3. ئۇنغا مىلەنگەن گۆشنى بىر-بىرلەپ تۇخۇم ئۇمىچىغا چىلاپ 5 دەرىجە قىزىتىلغان ياغقا سېلىپ، ئالتۇن سېرىق رەڭگە كىرگەندە سوزۇپ ئېلىپ، سۆگەت يوپۇرمىقى شەكلىدە توغراپ تەخسىگە تىزىلىدۇ. 

4. ساپلىققا ئازراق ياغ قۇيۇپ قىزىتىپ، سۇڭپىياز، سامساق، زەنجىۋىلنى سېلىپ قورۇپ، پۇراقلىق، تەم چىققاندا پەمىدۇر قىيامىدىن ئازراق قۇيۇپ، سېرىق ھاراق تېمىتىپ قالغان دورا-دەرمەكلەرنى سېلىپ، سۈزۈك شورپا قۇيۇپ، كۆك پۇرچاقنى سېلىپ، ئازراق كراخمال بېرىپ، پارقىراتما ماي قۇيۇپ، ئومۇرتقا گۆشىگە تېز يۇقتۇرۇپلا تەخسىگە ئالسا بولىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#