شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى

1955-يىلى گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن شىنجاڭ ئىنستىتوتى ئاساسىدا شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى قۇرۇلدى. 1960-يىلى 10-ئايدا شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتى رەسمىي قۇرۇلۇپ، ئىجتىمائىي، تەبىئىي، سانائەتتىن ئىبارەت ئۈچ خىل پەن بويىچە ئەدەبىيات، تارىخ، جۇغراپىيە، فىزىمات، بىئوخىمىيە، ماشىنىسازلىق، ئېلېكترون، خىمىيە سانائىتى، قۇرۇلۇش قاتارلىق سەككىز فاكولتېت، 15 كەسىپ تەسىس قىلىندى. 1978-يىلى مەملىكەتلىك نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپ دەپ بېكىتىلدى.

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى
قۇرۇلغان ۋاقتى 1924-يىلى
داڭلىق مەكتەپداشلار ئىسمائىل تىلىۋالدى، نۇر بەكرى
مەكتەپ تەلىمى ئىتتىپاقلاشماق، ئىلگىرىلەش، ئەمەلىيەتچىل، يېڭىلىق ياراتىش
فاكۇلتېتلىرى ماتېماتىكا ئىنستىتۇتى، يۇمشاق دېتال ئىنستىتۇتى، گېئولوگىيە ئىنستىتۇتى، خىمىيە سانائىتى ئىنستىتۇتى، مېخانىكا ئىنىستىتۇتى، چەت ئەل تىلى ئىنستىتۇتى
خەنزۇچە نامى 新疆大学
مەسئۇل تارماق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى
مەكتەپ تۈرى ھۆكۈمەت ئۇنىۋېرسىتېتى
ئادرېسى ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبيەت يولى 14-نومۇر
مەكتەپ مۇدىرى تاشپولات تىيىپ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەر مائارىپى 1935-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى روسچە سىياسىي قانۇن ئىنستىتوتى ئاساسىدا قۇرۇلغان. مەكتەپ ئادرېسى دىخۇا شىمالىي تۆپىلىكتىكى بىلىم يۇرتى كوچىسىدا ئىدى. ئىنستىتۇت قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە قانۇن ۋە ئىقتىسادتىن ئىبارەت ئىككى فاكولتېت ۋە باج مەخسۇس كۇرسى كەسپى تەسىس قىلىنغان، خېيۇجۇ ئىنستىتۇت باشلىقى بولغان. 1935-يىلى 11 ئايدا كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى يۇشيۇسۇڭ شىنجاڭ ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقلىقىنى قوشۇمچە ئۈستىگە ئېلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ،«مىللەتنى تۈس، ماركسىزم-لېنىنزمنى مەزمون» قىلغان ئوقۇتۇش فاڭجېنىنى تۈزۈپ چىقتى. 1936-يىلى مائارىپ فاكۇلتېتى تەسىس قىلىندى. 1937-يىلى ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تەسىس قىلىندى. 1938-يىلى 4-ئايدا لىن جىلو مەكتەپنىڭ ئىلمىي مۇدىرلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ «ياپونغا قارشى بىرلەشمە ئۇنىۋېرسىتېت» روھىنى تەشەببۇس قىلدى. مەكتەپ «2-ياپونغا قارشى بىرلەشمە ئۇنۋېرسىتېت» دەپ تەرىپلەندى. 1938-يىلدىن كېيىن، دۇچۇڭيۈەن، ساكۇڭلياۋ، جاڭ جۇڭشى، ماۋدۇن، جاۋدەن قاتارلىق بىر تۈركۈم مائارىپچى، سەنئەتچىلەر ۋە ئىلغار زاتلار ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ مەكتەپتە ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتىدى. شۇ يىلى سانائەت فاكۇلتېتى تەسىس قىلىندى. 1939-يىلى كۈزدە ئىنستىتۇت جەنۇبىي تۆپىلىكتىكى 4-دىۋىزىيىنىڭ گازارمىسىغا كۆچۈرۈلدى. 1940-يىلى 12-ئايدا شىنجاڭ ئۆلكىلىك ئالىي يېزا ئىگىلىك مەكتىپى شىنجاڭ ئىنستىتۇتىغا قوشۇلۇپ يېزا ئىگىلىك، چارۋىچىلىق، مال دوختۇرلۇق ۋە سۇچىلىق كەسىپلىرى تەسىس قىلىندى. شۇ يىلى مەكتەپ ئۆلكىلىك دارىلمۇئەلىمىننىڭ كونا ئورنىغا كۆچۈرۈلۈپ، ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە ئەسلىدىك ئورنىغا كۆچۈرۈلدى. 1942-يىلى شىڭ شىسەي شىنجاڭ ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ، 1944-يىلى ئايرىلدى. بۇ ئارىلىقتا كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى ۋە ۋەتەن سۆيەر ئىلغار زاتلار كۆپلەپ تۇتقۇن قىلىندى ۋە ئۆلتۈرۈلدى. 1945-يىلى شىنجاڭ قىزلار ئىنستىتۇتىنىڭ ئالىي مەكتەپ قىسمى شىنجاڭ ئىنستىتۇتىغا قوشۇۋېتىلدى. 1947-يىلى 4-ئايدا بۇرھان ئىنستىتۇت باشلىقى بولدى. شۇ ۋاقىتتا ئىنستىتۇتتا مائارىپ، بىناكارلىق، جۇڭگو ئەدەبىياتى قاتارلىق كەسىپلەردىن پەقەت 20 نەچچە نەپەر ئوقۇغۇچى قالغان ئىدى. 1948-يىلى 8-ئايدا سىياسىي قانۇن فاكۇلتېتى قانۇن فاكولتېتىغا، ئەدەبىيات فاكۇلتېتى بولسا ئەدەبىيات-تارىخ فاكولتېتىغا ئۆزگەرتىلدى. بىناكارلىق فاكۇلتېتى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلماي، سۇچىلىق فاكۇلتېتى تەسىس قىلدى. 1950-يىلى 5-ئايدا شىنجاڭ ئەدەبىيات مەكتىپى شىنجاڭ ئىنستىتۇتىغا قوشۇۋېتىلدى. شۇ يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى شىنجاڭ ئىنستىتۇتى شىنجاڭ مىللەتلەر ئىنستىتۇتىغا ئۆزگەرتىلىپ، يېزا ئىگىلىك، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، تېببىي دورا، قانۇن، مائارىپ قاتارلىق بەش فاكۇلتېت تەسىس قىلىندى. 1954-يىلى ئەسلىدىكى نامى ئىشلىتىلدى.

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى 1955-يىلى گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن شىنجاڭ ئىنستىتۇتى ئاساسىدا شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى قۇرۇلدى. 1960-يىلى 10-ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى رەسمىي قۇرۇلۇپ، ئىجتىمائىي، تەبىئىي، سانائەتتىن ئىبارەت ئۈچ خىل پەن بويىچە ئەدەبىيات، تارىخ، جۇغراپىيە، فىزىمات، بىئوخىمىيە، ماشىنىسازلىق، ئېلېكترون، خىمىيە سانائىتى، قۇرۇلۇش قاتارلىق سەككىز فاكولتېت، 15 كەسىپ تەسىس قىلىندى. 1978-يىلى مەملىكەتلك نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپ دەپ بېكىتىلدى. 1997- يىلى 11-ئايدا 21-ئەسىرنىڭ مۇھىم قۇرۇلۇشى بولغان يۈز ئالىي مەكتەپ قاتارىغا كىردى. مەكتەپنىڭ يەر كۆلىمى 731123 كۋادرات مېتىر، مەكتەپ قۇرۇلۇشى كۆلىمى 227730 كۋادرات مېتىر، كۇتۇپخانىدا ساقلىنىۋاتقان كىتاب-ماتېرىيال 1070000 خىلدىن ئارتۇق، 76 تەجرىبىخانا بار. مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرس ئوقۇش مۇددىتى تۆت يىل. خەنزۇ تىلى، ئۇيغۇر تىلىدىن پايدىلىنىپ ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان كۆپ مىللەتلىك، كۆپ كەسىپلىك ئۇنىۋېرسال ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ. 1999-يىلى ئىجتىمائىي پەن، تەبىئىي پەن، سانائەت، قانۇن، ئىقتىساد، باشقۇرۇشتىن ئىبارەت ئالتە پەن 12 فاكۇلتېت ھەم سىياسىي قانۇن ئىنستىتۇتى، چوڭلار مائارىپى ئىنستىتۇتى ۋە كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى تەسىس قىلىنغان. جەمئىي 34 تولۇق كۇرس كەسپىي ۋە 50 مەخسۇس كۇرس كەسپىي تەسىس قىلغان. 34 تولۇق كۇرس كەسپىنىڭ ھەممىسى باكلاۋىرلىق ئۇنۋانى بېرىش سالاھىيىتىگە ئىگە. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ماركسىزم-لېنىنزم ئوقۇتۇش تەتقىقات بۆلۈمى، ئالىي مەكتەپ خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇش تەتقىقات بۆلۈمى، تەنتەربىيە ئوقۇتۇش بۆلۈمى، چەت ئەل تىلى ئوقۇتۇش تەتقىقات بۆلۈمى، سەنئەت ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى ۋە فىزىكا، خىمىيە سىناق مەركىزى،كومپيۇتېر مەركىزى، ئېلىكترلەشكەن ئوقۇتۇش مەركىزى قاتارلىقلار تەسىس قىلىندى. مەكتەپتىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-ئەدەبىياتى، قوللىنىشچان ماتېماتىكا، فىزىكىلىق خىمىيە قاتارلىق ئۈچ پەن ئاپتونوم رايون بويىچە نۇقتىلىق پەن ھېسابلىنىدۇ. ماركسىزم-لېنىنزم پەلسەپىسى، سىياسىي-ئىقتىساد ئىلمىي، نوپۇس، بايلىق ۋە مۇھىت ئېكىنۇمىكىسى ئىلمىي، سوتسىيالىزم ۋە ئىنترناتسىئونالىزم ھەرىكىتى، ماركسىزم-لېنىنزم مىللەتلەر نەزەرىيىسى ۋە سىياسىتى، ئەدەبىيات-سەنئەت ئىلمىي، تىل ئىلمىي ۋە قوللىنىشچان تىل ئىلمىي، مەخسۇس تارىخ، جۇڭگو يېقىنقى زامان تارىخى، تارىخىي ھۆججەت ئىلمى، ئورگانىك خىمىيە، تەبىئىي جۇغراپىيە ئىلم، خەرىتە ئىلمى ۋە جۇغراپىيىلىك ئۇچۇر سىستېمىسى، بوتانىكا، زوئولوگىيە، قوللىنىشچان خىمىيە، ماتېرىيال فىزىكىسى ۋە خىمىيىسى، مۇھىت ئىلمى، ئالاقە ۋە ئۇچۇر سىستېمىسى، كومپيۇتېر قوللىنىش تېخنىكىسى قاتارلىقلاردا 27 ماگىستىرلىق ئىلمىي ئۇنۋان نۇقتىسى بار. ئاز سانلىق مىللەت تىل-ئەدەبىياتى ۋە قوللىنىشچان ماتېماتىكىدىن ئىبارەت ئىككى دوكتورلۇق مەركىزى بار. مەكتەپتە، ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى ۋە مەدەنىيىتى، نوپۇس، ماتېماتىكىلىق فىزىكا، قورغاق رايون ئېكولوگىيىسى، ئالتاي ئىلمىي، ئىقتىساد، قوللىنىشچان خىمىيە قاتارلىق يەتتە تەتقىقات ئورنى ۋە فۇنكىسىيىلىك ماتېرىيال. دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى، ئاياللار مەسىلىسى قاتارلىق ئۈچ تەتقىقات مەركىزى بار. ئىلمىي تەتقىقات خىزمىتىدە يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئاساسىي يۆنىلىش قىلىنىپ، ئۇل تەتقىقات ۋە قوللىنىشچان تەتقىقات سەۋىيىسى كۈنسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭدىكى كۆپ مىللەت تىل يېزىقى ئۇچۇرلىرىنى كومپيۇتېردا ئۇنىۋېرسال بىر تەرەپ قىلىپ تېخنىكىسى 1993-يىلى مەملىكەت پەن-تېخنىكا تەرەققىيتى بويىچە 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. بۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن پەن تەتقىقات تۈرلىرى دۆلەتلىك ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن ھەمدە دۆلەت ئىچى ۋە ئاپتونوم رايونىمىز ئىچىدىكى تېخنىكا بوشلۇقىنى تولدۇرغان. 1997-يىلى نەشىردىن چىققان ئەسەر 28، ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالە 1078 پارچە. مەكتەپنىڭ ئىلمىي تەتقىقات تۈرىدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك مۇكاپاتى 43 تۈرگە يېتىدۇ.مەكتەپ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتى بىلەن بولغان ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئاكتىپ قانات يايدۇرۇپ، چەت ئەللەرگە ئىلمىي ئۇنۋان ئېلىشقا ئوقۇغۇچى چىقاردى ۋە چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى ئۇزۇن-قىسقا مۇددەتلىك قوبۇل قىلدى. 1985-يىلدىن كېيىن مەكتەپ ئوقۇتۇشتا چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنى دەرس سۆزلەش، لىكسىيە سۆزلەش، زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىشقا باشلىدى ھەمدە ئامېرىكا، روسىيە، قازاقىستان قاتارلىق چەت ئەللەردىكى ئالىي مەكتەپلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتتى، دۆلەت سىرتىدىكى 10 نەچچە ئالىي مەكتەپ، تەتقىقات مەركىزى بىلەن ھەر خىل ئىلمىي ھەمكارلىق ۋە ئالماشتۇرۇش مۇناسىۋىتى ئورناتتى. مەكتەپ شىتاتى 2904 (1999-يىلدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچى سانى 1281 نەپەر) پروفېسسور 72 نەپەر، دوتسىنت 369 نەپەر، لىكتور 535 نەپەر، قوشۇمچە خادىملار ئىچىدىكى مۇئاۋىن ئالىي ئۇنۋانى بارلار 56 نەپەر، دوكتور يېتەكچىسى ئىككى نەپەر، مەملىكەتلىك، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس 13 نەپەر، ماگىستىر يېتەكچىسى 63 نەپەر، ئوقۇغۇچى سانى 8545 نەپەر.

مەكتەپ ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبيەت يولى 14-نومۇر.

ئىنستىتۇت ۋە فاكۇلتېتلىرى 

2013 - يىلىغا قەدەر مەكتەپتە 23 ئىنىستىتوت، بىر ئاسپىرانتلار ئىنستىتوتى، بىر مۇستەقىل ئىنستىتوت، بىر ئوقۇتۇش تەتقىقات بۆلۈمى تەسىسس قىلىندى.

شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى سىياسىي ۋە ئاممىۋى باشقۇرۇش ئىنستىتوتى 

شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتى ئىقتىساد باشقۇرۇش ئىنستىتوتى 

شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى قانۇن ئىنستىتوتى 

شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتوتى 

شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى ئاخبارات ۋە تارقىتىش ئىنستىتوتى 

شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى چەت ئەل تىللىرى ئىنستىتوتى 

شىنجاڭ ئۇىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا ۋە سىستېما ئىلمىي ئىنستىتوتى 

شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى فىزىكا ئىلىمى ۋە تېخنىكىسى ئىنستىتوتى 

شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى خىمىيە - خىمىيە سانائىتى ئىنستىتوتى 

شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى ھاياتلىق ئىلمى ۋە تېخنىكا ئىنستىتوتى 

شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى بايلىق ۋە مۇھىت ئىلمى ئىنستىتوتى 

شىنجاڭ ئۇىۋېرسىتېتى ئۇچۇر ئىلمى ۋە قۇرۇلۇشى ئىنستىتوتى 

شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ماشىنىسازلىق ئىنىستىتوتى

شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى ئېلېكتىر قۇرۇلۇش ئىنستىتوتى 

شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى بىناكارلىق قۇرۇلۇش ئىنستىتوتى 

شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم - كېچەك ئىنىستىتوتى 

شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى ساياھەت ئىنىستىتوتى 

شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى تىل ئىنىستىتوتى 

شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى يۇمشاق دېتال ئىنستىتوتى  

شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى خەلقئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئىنستىتوتى 

شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى گېئولوگىيە ۋە كانچىلىق قۇرۇلۇش ئىنستىتوتى 

شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتى ماركىسىزىم ئىنىستىتوتى 

شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى ئاسپىرانتلار ئىنستىتوتى 

پەن قۇرۇلۇشى 

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى2013 - يىلىغا قەدەر، مەكتەپتە 8 - دەرىجىلىك پەنلەر دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىش، 47 - دەرىجىلىك پەنلەر دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىش، توققۇز پوستدوكتورلۇق پەن - تەتقىقات سەييارە پونكىتى تەستىقلىنىپ، 29 ماگىستىر پەنلەر بويىچە بىرىنچى دەرىجىلىك ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، 154 ماگىستىر پەنلەر بويىچە ئىككىنچى دەرىجىلىك ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، سەككىز ماگىستىر كەسپى ئۇنۋان تۈرىگە ئېرىشكەن؛ ئىككى دانە دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق پەن، بىر دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق ( يېتىشتۈرۈش ) پەن؛ 6 دانە « 211 قۇرۇلۇشى » دىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش پەنلەر توپى، 16 ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق پەن، ئىككى ئاپتونوم رايون نۇقتىلىق ( يېتىشتۈرۈش ) تەتقىق قىلىدىغان پەنلەر بار. 

پوستدوكتورلار پونكىتى 

ماركسىزم نەزەرىيىسى، مېخانىكا قۇرۇلۇشى، ئېلېكتر ئېنژىنېرلىقى، خىمىيە قۇرۇلۇشى ۋە تېخنىكا، كومپيۇتېر پېنى ۋە تېخنىكىسى، جۇغراپىيىلىك شارائىت، نەزەرىيىۋى ئىقتىسادشۇناسلىق، ماتېماتىكا ۋە جۇڭگو تىل - ئەدەبىياتى قاتارلىقلار.

1 - دەرىجىلىك دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىش پەنلىرى

نەزەرىيىۋى ئىقتىسادشۇناسلىق، ماركسىزم نەزەرىيىسى، جۇڭگو تىل – ئەدەبىياتى، ماتېماتىكا، خىمىيە، گېئوگرافىيە،  بىيولوگىيە، مېخانىكا قۇرۇلۇشى، ئېلېكتر ئېنژىنېرلىقى، كومپيۇتېر پېنى ۋە تېخنىكىسى، خىمىيە قۇرۇلۇشى ۋە تېخنىكا. 

بىرىنچى دەرىجىلىك ماگىستىرلىق ئۇنۋانى بېرىش پەنلىرى 

ماركسىزم نەزەرىيىسى، فـىـزىكـا، خىمىيە، گېئوگرافىيە، بىيولوگىيە، خىمىيە قۇرۇلۇشى ۋە تېخنىكا.

ئوقۇتقۇچى بايلىق كۈچى  

2014-يىلى 6-ئايغا قەدەر مەكتەپتە ھازىر مەخسۇس ئوقۇتقۇچى 1824 نەپەر، پروفېسسور 228 نەپەر، دوتسېنت 629 نەپەر، ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەنلەر 862 نەپەر، دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەنلەر 47 نەپەر، دوكتور يېتەكچىسى 99 نەپەر، ماگىستىر يېتەكچىسى 582 نەپەر. ئىككى دانە دۆلەت دەرىجىلىك، 9 دانە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئوقۇتۇش كوللېكتىپى بار. بىر نەپەر جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، بىر نەپەر مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ « چاڭجياڭ ئالىملار « ئالاھىدە تەكلىپلىك پىروفېسسورى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان مۇتەخەسسىس 37 نەپەر، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك 19 نەپەر داڭلىق ئوقۇتقۇچى، ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس 14نەپەر، دۆلەتلىك « مىليونلىغان ئىختىساسلىقلار پىلانى » ئۈچنەپەر، مىنىستىرلىقىنىڭ « يېڭى ئەسىردىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى قوللاش پىلانى » ئون نەپەر؛ ش ئۇ ئا ر تەڭرىتاغ ئالىملىرى 39 نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدە، ئالاھىدە تەكلىپلىك پروفېسسور ئۈچ نەپەر، لېكسىيە پىروفېسسورى 21 نەپەر، لېكسىيە سۆزلەش پىروفېسسورى 10 نەپەر، تەڭرىتاغ ئوقۇغۇچىلىرى بەش نەپەر؛ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى « تەڭرىتاغ ئالىملىرى » ئالاھىدە تەكلىپلىك پروفېسسورى 9 نەپەر، لېكسىيە پروفېسسورى 14 نەپەر. 

ئوقۇتۇش قۇرۇلۇشى 

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى2013 - يىلىغا قەدەر، مەكتەپ 85 تولۇق كۇرس كەسپى ، بۇلار ئىچىدە، 10 دۆلەت ئالاھىدە كەسىپ، 19 ئاپتونوم رايونىمىزدا كەمچىل بولۇۋاتقان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش كەسپى تەسىس قىلىنغان.

دۆلەت دەرىجىلىك ئالاھىدە كەسىپ : خىمىيە قۇرۇلۇشى ۋە تېخنولوگىيە ( نېفىت ، تەبىئىي گاز ) ، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل - ئەدەبىياتى، بايلىق تەكشۇرۇش قۇرۇلۇشى؛ ماتېماتىكا ۋە ئەمەلىي قوللىنىشچان ماتېماتىكا، ئېلېكتر قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش؛ بىناكارلىق، ماشىنىسازلىق لايىھىلەش - ياساش ۋە ئاپتوماتلاشتۇرۇش، ئاپتوماتلاشتۇرۇش، ئېلىكتىرون ئۇچۇر قۇرلۇشى، توقۇمىچىلىق ئىنژېنېرلىقى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئالاھىدە كەسپىي ( ستاتىستىكا تولۇق بولمىغان ) : ماتېماتىكا ۋە ئەمەلىي قوللىنىشچان ماتېماتىكا، خىمىيە قۇرۇلۇشى ۋە ھۈنەر - سەنئەت كەسپى، رۇس تىلى، خەنزۇ تىل - ئەدەبىياتى، ئۇيغۇر تىل - ئەدەبىياتى، قازاق تىل - ئەدەبىياتى.

ئوقۇتۇش نەتىجىسى

2013 - يىلىغا قەدەر، مەكتەپ قۇرۇلۇپ ، « شىنجاڭنىڭ يەرلىك تارىخى » ۋە « شىنجاڭ مىللىي ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيەت ھەققىدە ئومۇمىي بايان » دۆلەت دەرىجىلىك ئېسىل دەرسلىكتىن  2 پەن، ئۆلكە دەرىجىلىك ئېسىل دەرسلىكتىن 27 پەن، مەكتەپ دەرىجىلىك سەرخىل دەرسلىكتىن 73 پەن، دۆلەت، رايون، مەكتەپ ئۈچ دەرىجىلىك نادىر دەرسلىك قۇرۇلۇشى سىستېمىسى تەسىس قىلىنغان.   

تاشقى ئالماشتۇرۇش 

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىمەكتەپ ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە قىسقا مۇددەتلىك چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى مۇتەخەسسىس، ئالىملارنى 216 ئادەم قېتىم تەكلىپ قىلدى، ھەمكارلىق لېكسىيە سۆزلەش، ھەر خىل ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشى 2500 ئادەم ( قېتىم ) گە يەتتى. مەكتەپ « جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇش بازىسى » بولۇپ قالدى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئۇنىۋېرسىتېتى رايون ئىلمى تۈر مەكتىپى، مائارىپ مىنىستىرلىقى جۇڭگو - روسىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى، ياپونىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى، كورىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى، ئاسىيا ئالىي مەكتەپ، شەرقىي ئاسىيا ئالىي مەكتەپ مۇدىرلىرى مۇنبىرىنى تۈر مەكتىپىنى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەكتىپى قاتارلىقلار بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، جۇڭگونىڭ ئوقۇش مۇكاپاتى ماگىستىر، ئاسپىرانت قوبۇل قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدۇ . 

پەن تەتقىقات سۇپىسى

2013 - يىلىغا قەدەر، مەكتەپتە 67 تۈرلۈك پەن تەتقىقات سۇپىسى، بۇلار ئىچىدە، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ماسلاشتۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىدىن 2، مەكتەپ دەرىجىلىك ماسلاشتۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىدىن 8؛ ئۆلكە ۋە مىنىستىرلىق بىرلىكتە قۇرغان نۇقتىلىق تەجرىبىخانىدىن تۆت، ئاپتونوم رايونلۇق نۇقتىلىق تەجرىبىخانىدىن 6، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئادەتتىكى تولۇق كۇرسلۇق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ نۇقتىلىق تەجرىبىخانىدىن 7، مەكتەپ دەرىجىلىك نۇقتىلىق تەجرىبىخانىدىن 11؛ بىر دۆلەت دەرىجىلىك، 11 ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تەجرىبە ئوقۇتۇش ئۈلگە مەركىزى بار؛ 

پەن تەتقىقات مۇۋەپپەقىيىتى

 2006-يىلىدىن 2013-يىلىغا قەدەر، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ھەر تۈرلۈك پەن تەتقىقات تۈرىدىن 2437 تۈر، خىراجەت ياردىمى367 مىليون 740 مىڭ يۈەنگە يەتتى، بۇلار ئىچىدە، تىك لىنىيىلىك تۈر 1634، 236 مىليون 545 مىڭ 500 يۈەن خىراجەت ياردىمى؛ توغرا يۆنىلىشلىك تۈر 803 ،تۈر توختام خىراجىتى 127 مىليون 194 مىڭ 500 يۈەن ؛ ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىدا 25 تۈردە  مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، « خې لى فوندى « ئىلىم - پەن ۋە تېخنىكا تەرەققىياتىدا بىر تۈردە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ئاپتونوم رايونلۇق پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەن تەرەققىياتىدا 57 تۈردە مۇكاپاتقا ئېرىشتى؛ 168 قىسىم ئىلمىي ئەسەرلەر نەشىر قىلىندى، 8815 پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە خەلقئارالىق ئۈچ چوڭ 1190 پارچە ئىلمىي ماقالە ئىزدەش سىستېمىسى قوبۇل قىلىش؛ 81 تۈردە باھالاش نەتىجىسىگە ئېرىشتى، 79 تۈردە ھوقۇق ۋە يۇمشاق ماتېرىيالنى تىزىملاش ئېلىپ بېرىلدى. 

ئىلمىي بايلىقى

2013- يىلى يىلى ئاخىرى، شىنجاڭ ئالىي مەكتەپ كۇتۇپخانىسى ھەر خىل ساقلانما ھۆججەت بايلىق ئومۇمىي سانى 3 مىليون 794 مىڭ 140 پارچە، بۇنىڭ ئىچىدە قەغەز ھۆججەت2 مىليون 216 مىڭ 505 پارچە، ئېلېكترونلۇق ھۆججەتمىر مىليون 577 مىڭ 635 پارچە، ئەسەر - ھۆججەت بايلىقى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئادىمىيەت ئىجتىمائىي پەن ۋە تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئىلمىي بولغان بارلىق پەن تۈرلىرى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بارلىق پەنلەرنى قاپلىغان. قەغەز كىتاب ئومۇمىي زاپاس مىقدارى 30 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق، 20129 پارچىدىن ئارتۇق نۇسخا. قەغەز گېزىت - ژۇرنال ئومۇمىي زاپاس مىقدارى توپلىمى 5080 پارچىدىن ئارتۇق، 87 مىڭ پارچە 2414 خىل ژۇرنال زاكاز قىلىنىدۇ.

ئىلىم - پەن ئالماشتۇرۇشى 

مەكتەپ ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، ياپونىيە قاتارلىق 30 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 134 ئالىي مەكتەپ ۋە پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى پەن تەتقىقات ھەمكارلىقى ۋە ئالماشتۇرۇش مۇناسىۋەت ئېلىپ باردى، 41  چەت ئەل ئالىي مەكتەپلەر بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. 11 - بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە، مەكتەپ خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 20 قېتىم، ئوقۇتقۇچىلارنى تاللاپ 383 ئادەم ( قېتىم ) چەتئەلدە ئوقۇش، تەتقىقات ھەمكارلىقى ۋە ئىلىم ئالماشتۇرۇش ئېلىپ باردى.  

پارتكوم ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرى : جاۋ جيا چى 

پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەكتەپ مۇدىرى : تاشپولات تىيىپ

پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى : جاۋ گۇاڭخۇي 

پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرى : ئابدۇرېشىت نۇردۇن

مۇئاۋىن مۇدىرى : جيا ديەنزېڭ 

پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرى :نۇرشات جەمشى 

پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى : لى يۇكچېڭ 

پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرى : لى فەنلى  

پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرى : ۋۇ گۇاڭ مىڭ 

پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى : مۇرات غۇپۇر 

پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى : جۇ ياۋجى 

گەۋدىلىك تۆھپە ياراتقان مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس : تاشپولات تىيىپ، مېڭ فەنلى، ۋاڭ ۋېيچىڭ ، گاۋجىڭ، سۇڭ لىڭ، چىن فاڭمىڭ  

ئابدۇ كېرىم راھمان، مېڭ جىشياڭ، غېنى غوپۇر،ۋاڭ جىدې، جاڭ فۇچۈن، جيا جېن خوڭ، ھۇشۇر ئىسلام .

كۆزگە كۆرۈنگەن مەكتەپداشلار : لى جۇڭياۋ، ئابدۇرېشىت نۇردۇن، جيا ديەنزېڭ، جۇ ياۋجى، شۆ شىنپىڭ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (5 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    60%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    20%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    20%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#