ئاق بوغۇز بۆكەن

ئاق بوغۇز بۆكەن

ئاق بوغۇز بۆكەن (Gazella subgutturosa) تىپىك چۆل كىلىماتى، يېرىم چۆل رايونلاردا ياشايدىغان شەكلى موڭغۇل جەرىنىگە ئوخشاپ قالدىغان ھايۋانات. ئەركەك بۆكەننىڭ  كۈيلەش مەزگىلىدە بوغۇز قىسمى يوغىناش، شەكلى ئۆزگىرىش بولغاچقا شۇڭا «ئاق بوغۇز بۆكەن» دەپ ئاتالغان. 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىنىڭ بېشىدا ئاق بوغۇز بۆكەن خېلەنشەن شەرقىي ئېتىكىگە جايلاشقان غەربىي قىسمى يېرىم چۆللۈك رايونلار ۋە شەرقىي قىسمى ئوردوس ئېگىز تەكشىلىكلىرىگە كەڭ تارقالغان.

ئۇيغۇرچە نامى ئاق بوغۇز بۆكەن
تارقالغان رايونلار ئاسىيانىڭ ئوتتۇرا قىسمى، موڭغۇلىيە، ئىران...
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
تۈركۈمى ئاچا تۇياقلىقلار تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى ئاھۇ ئۇرۇقدىشى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 鹅喉羚
تەۋەلىكى ھايۋانلار دۇنياسى
سىنىپى ئەمگۈچىلەر سىنىپى
ئائىلىسى كالا ئائىلىسى
تۈرى ئاق بوغۇز بۆكەن

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاق بوغۇز بۆكەنئاق بوغۇز بۆكەننىڭ بوينى ئىنچىكە ھەم ئۇزۇن، ئەركەك ھايۋاننىڭ قالقانسىمان بەز ئىششىقى بار بولۇپ، ئاق بوغۇز بۆكەن دەپ ئاتالغان. تېنىدىكى تۈكلىرى ئۇزۇن، تۇمشۇق بۇرۇن يۇقىرىقى قالقانسىمان بەز ئىششىقى رەڭگى سېرىق ياكى سارغۇچ قوڭۇر، كۆزى تۈز ئاق، بەزىلىرى سەل سارغۇچ قوڭۇر رەڭ بىلەن بويالغان. پېشانە، كۆزلىرىدىن تارتىپ مۈڭگۈزى ۋە گەجگە قىسىملىرى بىردەك قوڭۇر كۈل رەڭ. كۆكرەك قىسمى، قورساق قسىمى ۋە ئاياغلىرنىڭ ئىچ تەرىپى ئاق رەڭلىك. 

ئاق بوغۇز بۆكەنجەرەن تىپىك چۆل ۋە يېرىم چۆللۈك رايونلاردا ياشايدىغان تۈرلەر، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 300-6000 مېتىر ئېگىزلىك ئوتتۇرىسىدىكى قۇرغاق قاقاس قۇملۇق ۋە يېرىم قۇملۇق رايونلاردىن ئىبارەت. بىپايان ئۈنۈمسىز چۆللۈك، قاقاس چۆللۈكتە ئۆسكەن يۇلغۇن، سۆكسۆك، يانتاق ۋە ياشاش رايونىدا ناھايىتى ئاز مىقداردا سۇ بولغان مۇھىتتا ياشىيالايدۇ ھەمدە كۆپىيىپ ئەۋلاد قالدۇرالايدۇ.

ئاق بوغۇز بۆكەنئاق بوغۇز بۆكەن كۆپ كۈندۈزى دائىم بىر نەچچە ياكى ئون نەچچە توپ بولۇپ ياشايدۇ، يۈگۈرۈشكە ماھىر، ئوت-چۆپ قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەر بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. ئاق بوغۇز بۆكەننىڭ جەمئىي ئوتلاش ئۆسۈملۈكلەردىن 16 ئائىلىسى، 47 خىل ئۆسۈملۈك تۈرى بار، ئوخشاش بولمىغان پەسىللەردە ئوتتۇرىسىدىكى ئاق بوغۇز بۆكەن ئوزۇقلىنىش ئادىتى روشەن ئۆزگىرىش بولغان، كۈزدە يەم 7 ئائىلىسى، 24 خىل ئۆسۈملۈك تۈرى، قىشلىق ئوزۇقلۇقى 6 ئائىلىسى، 17 خىل ئۆسۈملۈك تۈرى، ئەتىيازلىق ئوزۇق ئۆسۈملۈكلەردىن 16 ئائىلىسى، 41 خىل ئۆسۈملۈك تۈرى، ياز پەسلىدە 12 ئائىلىسى، 30 خىل ئۆسۈملۈك تۈرى بولغان لويلا ئائىلىسى، باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەر ئاق بوغۇز بۆكەننىڭ پۈتۈن يىللىق ئاساسلىق يېمەكلىكى ھېسابلىنىدۇ؛ ئومۇمىي ئوتلاش مىقدارى 38.8-85.1% نى ئىگىلەيدۇ؛ 

غەيرىي باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكلەر ئاق بوغۇز بۆكەن يېمەكلىك تەركىبىدىكى مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. ئەتىياز ۋە ياز پەسلىدە ئاق بوغۇز بۆكەن كۆپرەك تەسكەن، كۈزدە ۋە قىشتا سۆكسۆك قاتارلىقلارنى كۆپرەك يەيدۇ. قۇرغاقچىلىق، ئەتىياز پەسلى، يازلىق ۋە كۈزلۈك ئاق بوغۇز بۆكەن سۇ تەركىبى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان چەككەن پىيىزى يىلتىزى، توم شاخلىق قامغاق قاتارلىق باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى ئوت-چۆپ ئۆسۈملۈكلەرنى يەيدۇ. 

ئاق بوغۇز بۆكەن ئاساسلىق ئىران، ئافغانىستان، پاكىستان قاتارلىق جايلارغا تارقالغان. جۇڭگو شىنجاڭ نىڭ جۇڭغار ئويمانلىقى، زەرەپشان دەرياسى ۋادىسى، لوپنۇر قۇملۇقى، جۇڭگو ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ۋە غەربىي شىمال رايونلىرىغا تاقالغان. 

ئاق بوغۇز بۆكەنئاق بوغۇز بۆكەن قىشتا كۈيلەپ جۈپلىشىدۇ، بوغاز بولۇش مەزگىلى تەخمىنەن ئازراق كەم بىر يىلغا يېقىن، ھەر قېتىمدا بىردىن ئىككىگىچە بالا تۇغىدۇ، بالىسى بىر يىلدا جىنسىي جەھەتتىن يېتىلىدۇ، ئۆمرى تەخمىنەن 10 يىل بولدۇ.  ئەركەك بۆكەننىڭ كۈيلەش مەزگىلى ئىچىدە ئۇزۇقلىنىش ۋاقتى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ.

  ئۇيغۇرچە نامى  خەنزۇچە نامى  لاتىنچە نامى 
 1. ئاق بوغۇز بۆكەن موڭغۇل كەنجى تۈرى 鹅喉羚蒙古亚种

Gazella subgutturosaMongoliamhillieriana

 2. ئاق بوغۇز بۆكەن جەنۇبىي شىنجاڭ كەنجى تۈرى 鹅喉羚南疆亚种 Gazella subgutturosaSouthern subspecieshillieriana
 3. ئاق بوغۇز بۆكەن سايدام كەنجە تۈرى  鹅喉羚柴达木亚种 Gazella subgutturosaQaidam subspecieshillieriana
4. ئاق بوغۇز بۆكەن  شىمالىي شىنجاڭ كەنجە تۈرى  鹅喉羚北疆亚种 Gazella subgutturosaSeptentrionalis subspecieshillieriana

ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئارىلاپ تەكشۈرۈشى ئارقىلىق، شىنجاڭدا 150 مىڭدىن 200 مىڭغىچە  بولغان ئاق بوغۇز بۆكەن بار بولغان. 

2003-يىلدىن باشلاپ 2012-يىلى 9-ئايغىچە توققۇز يىللىق «قاشا ئېففېكتى» سەۋەبىدىن شىنجاڭنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ئاق بوغۇز بۆكەن تۈر توپلىرىنىڭ سانى %50 تىن كۆپرەك تۆۋەنلىگەن. 

ئاق بوغۇز بۆكەنجۇڭگو «دۆلەت تەرىپىدىن نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋانلار نامى مۇندەرىجىسى» China Key List گە كىرگۈزۈلگەن _____ 2-دەرىجە.

«دۇنيا تەبىئەتنى قوغداش ئىتتىپاقى» 2013-يىلى يوقىلىش گىردابىدىكى ھايۋانلار قىزىل تىزىملىكى» گە كىرگۈزگەن ver3.1؛ ____ يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان (EN).

« ۋاشىنگىتون ئەھدىنامىسى» (CITES) گە كىرگۈزۈلگەن ___ قوشۇمچە Ⅰ.[0]


Gazella subgutturosaMongoliamhillieriana

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#