كومودو ئۆچكىئېمەرى

كومودو ئۆچكىئېمەرى
كومودو ئۆچكىئېمەرى، يەنە بىر ئىسمى كومودو ئەجدىھاھى، ھازىر ساقلانغان تۈرلىرى ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ بولغان كەسلەنچۈك

ئۇيغۇرچە نامى كومودو ئۆچكىئېمەرى
ئىنگلىزچە نامى komodo dragon
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
تۈركۈمى كەسلەنچۈكلەر تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى ۋاران كەسلەنچۈكى ئۇرۇقدىشى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 科莫多巨蜥
تەۋەلىكى ھايۋاناتلار دۇنياسى
سىنىپى يەر باغىرلىغۇچىلار سىنىپى
ئائىلىسى ۋاران كەسلەنچۈكلەر ئائىلىسى
تۈرى كومودو ئۆچكىئېمەرى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كومودو ئۆچكىئېمەرىكومودو ئۆچكىئېمرى ھازىرغىچە ساقلانغان ئەڭ چوڭ كەسلەنچۈك بولۇپ ، تېنىنىڭ ئوتتۇرىچە ئۇزۇنلۇقى 2 مىتېردىن 3 مېتىرغىچە كېلىدۇ. 

ئېغىرلىقى : ئەركەكىكى 80 كىلوگرام، چىشىسى 20-45 كىلوگرام. 

ئاتىلىقنىڭ تېنى بىر قەدەر چوڭ، لېكىن تاشقى كۆرۈنۈشى ۋە چىشىسىنىڭ دېگۈدەك پەرقى يوق. بالىسىنىڭ تېرە رەڭگى يېشىل، سېرىق ۋە قارا بولىدۇ. قۇرامىغا يەتكەن كومودو ئۆچكىئېمرىنىڭ بەدىنى پۈتۈن قارا قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ.

 كومودو ئۆچكىئېمەرى ھىندونېزىيە دىكى بەزى بىر قىسىم تاقىم ئاراللارغا تارقالغان (كومودو ئارىلى، لىڭكا ئارىلى، موتاڭداۋ ئارىلى، فلورېس ئارىلى). 

ياشاش مۇھىتى 

كومودو ئۆچكىئېمەرىقۇرامىغا يەتكەن كومودو ئۆچكىئېمەرى ئاساسلىق تروپىك بەلۋاغ ئوتلاق، ئورمانلىقلاردا ياشايدۇ. ئويمان-چۆپلەر ۋە چاتقاللار ئارىسىدا ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ، لېكىن يەنە بەزىلەر باشقا جايلاردا بايقالغان ۋاران كەسلەنچۈكى، مەسىلەن، دېڭىز ساھىلى، تاغ چوققىسى ۋە قۇرۇپ كەتكەن دەريا قىنى قاتارلىقلار رايونلاردا ياشايدۇ. 

ھەرىكىتى 

كومودو ئۆچكىئېمەرى تاش ياكى دەرەخ ئاستى ئۆڭكۈرلىرىدە ياشايدۇ، ھەر كۈنى ئەتىگەندە قوياش چىققاندا، ئۇلار  ئاۋۋال بېرىپ تاشنىڭ ئۈستىدە ئاپتاپقا قاقلىنىپ قېتىپ قالغان بەدىنىگە ئىللىقلىق ئۆتكۈزۈپ، ئاندىن يېمەكلىك ئىزدەشكە باشلايدۇ. كومودو ئۆچكىئېمەرى يېمەكلىك يەپ بولغاندىن كېيىن، ئورمان ئارا، دېڭىز ساھىلىدا ياكى خادا تاشلاردا تاتلىق ئۇخلاپ ئاپتاپسۇنىدۇ. ئۇ سۇ ئۈزۈشكە ماھىر، سۇدىن بېلىق تۇتۇپ يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، سۇ ئاستىدا نەچچە ئون مىنۇت تۇرۇش ئالاھىدە ئىقتىدارغا ئىگە. 

چېتىشىشى 

كومودو ئۆچكىئېمەرى 5 يىلدا يېتىلگەن تىمساھقا ئايلىنىدۇ، ھەر يىلى 7-ئايدا كۈيلەيدۇ، ئۇ 5-8-ئاي مەزگىلىدە چېتىشىدۇ، ئەركەك چېتىشىشى كومودو ئۆچكىئېمەرىنىڭ ھايات-مامات كۈرىشى ئارقىلىق بېكىتىلىدۇ، دائىم يارىلىنىش يۈز بەرگەندە ئەركەك كومودو ئۆچكىئېمەرى غەلبە قىلىپ چىشىسى بىلەن سۈركىلىدۇ، ئۇنىڭ دۈمبىسىگە يېپىشىدۇ، ئەگەر چىشى كومودو ئۆچكىئېمەرى ئەركىكىدىن  رازى بولسا ئۆز نۆۋىتىدە سۈركىلىدۇ. ئادەتتە چېتىشىپ بولغاندىن كېيىن ئەركەك داۋاملىق بىر نەچچە كۈن قالىدۇ. 

ئاتىلىقسىز كۆپىيىش

ئاتىلىقسىز كۆپىيىش يەككە جىنىسلىق كۆپىيىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ، يەنى تۇخۇمنىڭ ئۇرۇقلىنىشنى باشتىن ئۆكۈزمەي تۇرۇپمۇ يېتىلىپ نورمال يېڭى تەنلەرگە ئايلىنالايدۇ.

كومودو ئارىلىغا يىل بويى ئادەمزات ئاياغ باسمايدۇ. كىيىن، سۇمباۋا سۇدان ئارالغا سۈرگۈن قىلىنغان جازا ئۆتەۋاتقان جىنايەتچىلەر غايەت زور كەسلەنچۈكنى بايقىغان، ئەمما ھېچكىم ئىشەنمىگەن. 1911-يىلى، بىر ئامېرىكىلىق ئۇچقۇچى بىر كىچىك تىپتىكى ئايروپىلاندا تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇچۇپ كومودو ئارىلى ھاۋا بوشلۇقىغا بارغاندا، مەقسەتسىزلا «غەلىتە مەخلۇق»نى بايقىغان. 1915-يىلى، ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى بۇ خىل ھايۋاننى يەر شارىدىكى باشقا ھەر قانداق جايىدىن تاپقىلى بولمايدۇ دەپ دۆلەت گۆھىرى قىلىپ قاتتىق قوغداپ ساقلىغان. 1926-يىلى، ئامېرىكىلىقلار بۇ كومودو ئاراللارنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى ۋە ئۆچكىئېمەرى زور تۈركۈمدىكى كۆرۈنۈشلەر ئارىسىدىن، كىشىلەرنىڭ تونۇشى بولغان. 1990-يىلى، ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى دۆلەت باغچىسى قۇرغان ھەمدە ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋەتكەن. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#