ئونباش مىڭئۆيى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئونباش مىڭئۆيى _ باي ناھىيەسىنىڭ ئونباش يېزىسىدا بولۇپ، ئونباش يېزا مەركىزىگە تەخمىنەن يەتتە كىلومېتىر كىلىدۇ. ئونباش مىڭئۆيى مىڭ ئۆيدەك بولمىسىمۇ، ئۇ ھازىرغىچە سىرلىق قەدىمىيلىكنى يوقاتمىغان. چۆلتاغ جىلغىسىنى بويلاپ ئىچكىرلەپ ماڭغاندا چۆلتاغ باغرىدا چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشىمىغان غارلار كۆرىنىدۇ. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن كۆپلىگەن غارلارمۇ گۈمۈرلۈپ چۈشكەن. غارلاردىكى تام رەسىملىرىمۇ قىزىل مىڭئۆيدىكى رەسىملەرگە ئوخشىمايدۇ. غارلار تار بولۇپ، غاردىكى بۇت ۋە رەسىملەردىكى كىشىلەرنىڭ كىيىنىشى قەدىمكى زاماندىكى ئەرەبلەرگە ئوخشايدۇ. ئۇزاق يىللار ئۆتكەچكە تام رەسىملىرنىڭ رەڭگى سۇسلىشىپ كەتكەن. تام رەسىملىرىنىڭ سۇيۇلغان جايلىرىمۇ ئىنتايىن كۆركەم.
باي ناھىيەسى ئۇزاق تارىخقا ئىگە يۇرت بولۇپ، تارىختا قەدىمكى يېپەك يولىدىكى مۇھىم بازار بولغان. ئۇ قۇيۇق مەدەنىيەت تارىخى، شۇنداقلا كۈسەن مەدەنىيىتىنىڭ تارقىلىش مەنبەسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھازىرمۇ مەشھۇر. [1]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.