تاتلىق كۇمۇلەك
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
1. گۆشنى ماشىنىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇنىڭغا تۇخۇمنىڭ سېرىقىنى، چىلانغان پۇرچاق ئۇنىنى ئارىلاشتۇرۇپ 20 تال كۇمۇلەك ياسىلىدۇ.
2. ياڭاق مېغىزىنىڭ پوستىنى سويۇۋېتىپ، ئاق شېكەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، يۇمشاق سوقۇپ، ئۇنىڭغا ئازراق ھەسەل ئارىلاشتۇرۇپ تاتلىق قىيما تەييارلىنىدۇ.
3. ياسالغان كۇمۇلەكنىڭ ئىچىگە تاتلىق قىيمىدىن سېلىپ يەنە كۇمۇلەك قىلىدۇ.
4. تۇخۇمنىڭ ئېقىغا چىلىغان پۇرچاق ئۇنىنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، قويۇق شىرى تەييار
لىنىدۇ.
5. قازانغا ياغ قۇيۇپ 5-4 دەرىجە قىزىتىپ، كۇمۇلەكنى قويۇق شىرىگە چىلاپ، ياغقا سېلىپ پىشۇرۇلىدۇ. كۇمۇلەك لەيلەپ چىققاندا سۈزۈپ ئېلىپ تەخسىگە تىزىپ قويۇلىدۇ.
6. قازانغا ئازلا ياغ قۇيۇپ، ئازراق ھەسەل، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، قايناپ چىققاندا، تەخسىدىكى پىششىق كۇمۇلەكنىڭ ئۈستىگە قۇيۇپ، ئاندىن كۆك، قىزىل رەڭ چېچىپ قويۇلىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.