يۈرەك قېپى ياللۇغى

يۈرەك قېپى ياللۇغى

ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يۈرەك قېپى ياللۇغلىنىپ، يۈرەكنىڭ ئەزا قەۋەت بىلەن دىۋار قەۋەت پەردىلىرى ئارىسىغا ياللۇغلۇق سىرغىتما ماددىلار يىغىلىپ شۇنىڭغا مۇناسىپ ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك. 

غەرب تېبابىتى نامى يۈرەك قېپى ياللۇغى
كېسەللىك سەۋەبى سىل، يۈرەك كېسەللىكلىرىنىڭ تەسىرىدىن
تەۋە بۆلۈم يۈرەك ئىچكى بۆلۈمى
كېسەللىك ئورنى يۈرەك قېپى
ئىنگلىزچە نامى pericarditis
ئاساسلىق ئالامىتى نەپەس قىيىنلىشىش، يۈرەك ئېقىش، قىزىتما
خەنزۇچە نامى 心包炎
يۇقۇملىنىشى يۇقمايدۇ
خەنزۇچە باشقا نامى 心外膜炎

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يۈرەك قېپى ياللۇغىبۇ كېسەللىك كىلىنىكىدا يۈرەك قېپى ياللۇغى ئۆتكۈر يۈرەك قېپى ياللۇغى ۋە سوزۇلما تاريىشلىق يۈرەك قېپى ياللۇغى دەل ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ.

سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، سىل، مۇپاسىل، يۈرەك مۇسكۇل ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەر تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى: يۈرەك ئۇدۇلى ئاغرىش، نەپەس قىيىنلىشىش، يۈرەك ئېقىش، قىزىتما قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

بۇ كېسەللىك كىلىنىكىدا يۈرەك قېپى ياللۇغى ئۆتكۈر يۈرەك قېپى ياللۇغى ۋە سوزۇلما تاريىشلىق يۈرەك قېپى ياللۇغى دەل ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ.

ئۆتكۈر يۈرەك قېپى ياللۇغى

ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يۈرەك قېپى ياللۇغلىنىپ يۈرەكنىڭ ئەزا قەۋەت ۋە دىۋار قەۋەت ئارىسىغا سىرغىتما ماددىلار يىغىلىپ ياكى ئەزا قەۋەت ۋە دىۋار قەۋەت كەڭ كۆلەمدە چاپلىشىپ شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك دىن ئىبارەت.

سەۋەبى

1-قاننىڭ ئۇپۇنەتلىنىشىدىن بولىدۇ.

2-زەڭگەررەڭ سەپرا خىلىتىنىڭ تەسىردىن.

ئۆپكە سىلى كۆكرەك پەردە سىلىنىڭ تەسىردىن كېلىپ چىقىدۇ.

رېماتىزم سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

چوڭ بۆلەكلىك ئۆپكە ياللۇغى تەسىردىن كېلىپ چىقىدۇ.

يۈرەك مۇسكۇل ياللۇغى تەسىردىن بولىدۇ.

ھەر خىل راك كېسەللىكلىرى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ھەر خىل بىرىكتۈرگۈچى توقۇلما كېسەللىكلىرى تەسىردىن كېلىپ چىقىدۇ.

رادىياكتىپ نۇرلار تەسىردىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى

يۈرەك قېپى ياللۇغىئومۇمي بەدەنلىك ئالامەتلىرى: قىزىش، تەرلەش، چارچاش، تاماقتىن سەسكىنىش، تەشۋىشلىنىش، غەم ئەندىشە، جۆيلۈش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ سىل خاراكتېرلىك بولسا چۈشتىن كېيىن قىزىيدۇ، كېچىسى تەرلەيدۇ، ئىشتىھاسى تۇتۇلىدۇ، ماغدۇرسىزلىنىدۇ يىرىڭلىق بولسا قىزىيدۇ، توڭۇپ تىترەيدۇ كۆپ تەرلەيدۇ ئاغرىش بولىدۇ ئاغرىش يۈرەك ئالدى رايونى ياكى تۆش سۆڭەك ئارقىسىدا بولىدۇ ئاغرىش خاراكتېرى سانجىلىپ ئاغرىش خاراكتېرنى ئالغان بولىدۇ، نەپەس قىيىنلىشىدۇ بۇ يۈرەك قېپىغا سۇيۇقلۇق يىغىلىشنىڭ گەۋدىلىك ئالامىتى بولۇپ نەپەس قىيىنلىشىپ ئولتۇرۇپ نەپەسلىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ نەپەس يۈزە تېز بولىدۇ، يۈرەك قېپىغا سۇ يىغىلىشنىڭ باشقا ئەزالارنى باسقاندىكى ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، بەدەن تەكشۈرگەندە يۈرەك قېپىنىڭ سۈركىلىش تاۋۇشى ئاڭلىنىدۇ يۈرەك ئۇچى سوقۇشى يوقىلىدۇ يۈرەك تاۋۇشى يىراقلىشىپ ئاۋازى يىراقتىن ئاڭلىنىدۇ يۈرەك قېتىمى تېزلىشىدۇ يۈرەك بوغۇق تاۋۇشى ئىككى تەرەپكە كېڭىيىدۇ، ۋېنا بېسىمى يۇقىرىلاپ ئارتېرىيە بېسىمى تۆۋەنلەيدۇ بويۇن ۋېناسى كۈپۈدۇ جىگەر چوڭىيدۇ جىگەر ساھەسىنى باسقاندا ئاغرىيدۇ قورساققا سۇ يىغىلىدۇ تۆۋەنكى مۈچىلەردە سۇلۇق ئىششىق كۆرۈلىدۇ.[0]

ئاقىۋىتى

جىددىي ۋاقىتتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلمىسا كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ سوزۇلما تارايتىش خاراكتېرلىك يۈرەك قېپى ياللۇغى كېلىپ چىقىدۇ.

 سوزۇلما تارىيىشلىق يۈرەك قېپى ياللۇغى

ئۆتكۈر يۈرەك قېپى ياللۇغىنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلىشى ياكى باشقا ئامىللارنىڭ تەسىردە يۈرەكنىڭ ئەزا قەۋەت بىلەن دىۋار قەۋەت پەردىلىرى چاپلىشىپ تالالىق توقۇلمىلار ئۈسۈپ يۈرەك قېپى پەردە بوشلىغى تارىيىپ كىلىنىكىدا نەپەس قىيىنلىشىش، بويۇن ۋېناسى كۆپۈش، جىگر چوڭىيىش، سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولۇش، يۈرەك كىچىكلەش، ئارتېرىيە بېسىمى تۆۋەنلەش ۋېنا بېسىمى يۇقۇرلاش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك.

سەۋەبى

1-ئۆتكۈر يۈرەك قېپى ياللۇغىنىڭ سەۋەبىدىن.

2-ئۆپكە ۋە كۆكرەك پەردىسىدىكى سىل كېسەللىكلىرىنىڭ تەسىردىن كېلىپ چىقىدۇ.

3-چوڭ بۆلەكلىك ئۆپە ياللۇغىنىڭ تەسىردىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى

يۈرەك قېپى ياللۇغىنەپەس قىيىنلىشىدۇ، ئولتۇرۇپ نەپەسلىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يۆتۈلۈش، ھالسىزلىنىش، زەئىپلىشىش، ئىشتىھا تۇتۇلۇش، يۈرەك سېلىش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ يۈرەك ئۇچىنىڭ سوقۇشى ئاجىزلايدۇ ياكى يوقىلىدۇ، يۈرەك تاۋۇشى ئاجىزلايدۇ يۈرەك قېتىمى تېزلىشىدۇ يۈرەك بوغۇق تاۋۇش چېگراسى كىچىكلەيدۇ بەزىدە قىسقىرىش دەۋرلىك يۈرەك ئالدى رايونىدا قوۋۇرغا بوشلىغى ئىچكى تەرەپكە ئولتۇرۇش بولىدۇ.

يۈرەك دالانچىسى تىترەيدۇ دالانچە بالدۇر سوقىدۇ، بويۇن ۋېناسى كۆپىدۇ، تال جىگەر چوڭىيىدۇ، قورساققا سۇ يىغىلىدۇ، تۆۋەنكى مۈچە سۇلۇق ئىششىيدۇ قىسمەن بىمارلاردا كۆكرەككە سۇيۇقلۇق يىغىلىش بولىدۇ. [0]

1-رېتسېپ

تەركىبى: تەمرى ھىندى 20 تال، ئاپېلسىن بەش تال، تەرەنجىبىن 30 گىرام، لاچىندانە 15 گىرام. سىقىپ، ئېلىنغان تاۋۇز سۈيى ئىككى كىلوگرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى سىقىپ ئېلىنغان تاۋۇز سۈيىدە قاينىتىپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا تۆت گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

2-رېتسېپ

تەركىبى: تېشىلمىگەن مەرۋايىت، ئەرىقى گۇلاب، ئەرىقى گاۋزىبان 10 گىرامدىن، ئاق بەھمەن، قىزىل بەھمەن، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى، كاسىنە گۈلى، پەرەنجىمۇشكى، گاۋزىبان، بادرەنجى بۇ ئۇرۇقى، كاسىنە ئۇرۇقى ئالتە گىرامدىن، قىرقىلغان پىلە 10 گىرام، ئىپار، ئەنبەر بىر گىرامدىن، ئالما شەربىتى 100 مىللىلىتىر، ئامىلە مۇرابباسى، ناۋات 200 گىرامدىن.

تەييارلاش ئۇسۇلى: مەرۋايىتنى گۇلاب ياكى ئەرىقى گاۋزىبان بىلەن سالايە قىلىپ يۇمشىتىپ، قالغان دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ناۋاتنى گۇلاب بىلەن قىيام قىلىپ، ئاندىن شەربەت، مۇراببالارنى ئارىلاشتۇرۇپ، باشقا دورىلارنى سېلىپ خېمىر تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا بىر گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

3-رېتسېپ

يۈرەك قېپى ياللۇغىتەركىبى: ئاچچىق ئانار سۈيى 500 گىرام، تاتلىق ئانار سۈيى بىر كىلوگرام، شېكەر ئۈچ كىلوگرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: قاينىتىپ قىيام قىلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 ~ 50 گىرام ئىستېمال قىلىنىدۇ. 

ئۆتكۈر يۈرەك قېپى ياللۇغىنىڭ داۋالاش ئۇسۇللىرى

بىمارنى ھاۋاسى ساپ ئۆيىدە تىنچ ياتقۇزۇپ ئارام ئاغدۇرۇلىدۇ ئەگەر نەپەس قىيىنلىشىش بولسا ئوكسىگېن پۇرتۇلىدۇ ئاغرىق پەسەيتىش مەقسىتى بىلەن ھەببى ئەپىيۇن بېرىلىدۇ خېمىر خەشخەشنىڭ ئۈنۈمىمۇ ياخشى ھەببى شىپا، ھەببى بەزرۇلبەنجى، قاتارلىقلارنىڭمۇ ئۈنۈمى ياخشى ئۇپۇنەتلەنگەن قان خىلىتىنىڭ تەسىردىن بولغان بولسا قان تازىلايدىغان دورىلار بېرىلىدۇ زەڭگارەڭ سەپرا خىلىتىنىڭ تەسىردىن بولغان بولسا زەڭگەررەڭ سەپرانىڭ مۇنزىچى بېرىلىدۇ، يۈرەكنىڭ بېسىلىشىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن يۈرەك قېپىدىن سۇيۇقلۇق ئېلىنىدۇ كېسەللىك ئەھۋالى جىددىي بولسا ئوپېراتسىيە قىلىنىدۇ، ياللۇغ قايتۇرۇش قىزىتما قايتۇرۇش مەقسىتى بىلەن ئەرقى شوخلا، ئەرقى چۆبىچىن، مەجۈنى ئۆشبە قاتارلىقلار بېرىلىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#