جامىس ھارگرېاۋېس

جامېس ھارگرېاۋېس

 جامېس ھارگرېاۋېس ( 1721-يىلىدىن 1778-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى)، بىر توقۇمىچىلىق ئىشچىسى ھەم ياغاچچى، ژېننى ماشىنىسىنىڭ كەشپىياتچىسى. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى جامېس ھارگرېاۋېس
دۆلەت تەۋەلىكى ئەنگىلىيە
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1778-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
چەتئەلچە نامى James Hargreaves
خەنزۇچە ئاتىلىشى 詹姆斯·哈格里夫斯
تۇغۇلغان ۋاقتى 1721-يىلى
كەسپى توقۇمىچىلىق ئىشچىسى، ياغاچچى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جامېس ھارگرېاۋېس ( 1721-يىلىدىن 1778-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى)، بىر توقۇمىچىلىق ئىشچىسى ھەم ياغاچچى، ژېننى ماشىنىسىنىڭ كەشپىياتچىسى. 

جامېس ھارگرېاۋېسھارگرېاۋېس 18-ئەسىردىكى ئەنگىلىيەنىڭ ئاددى ئىشچىسى. ئۇ مەشھۇر «ژېننى ئىگىرىش ماشىنىسى» نى كەشپ قىلغان بولۇپ، ئەنگىلىيەنىڭ توقۇمچىلىق تارىخىدا مۇھىم ئورۇنغا ئىگە. 18-ئەسىردە، ئەنگلىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى قول سانائەت تېز راۋاجلانغان ئىدى. بىراق ئۇ چاغدا، يىپ ئىگىرىشكە يەنە قول بىلەن ھەرىكەتلەندۇرۇلىدىغان يىپ ئىگىرىش چاقى ئىشلىتىلىدۇ. كۈنىگە بىر ئادەم ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قاداق پاختا يىپ ئىگىرەتتى. ھارگرېاۋېس رەخت توقۇش ئىشچىسى بولۇپ، ئاز-تولا ياغاچچىلىقمۇ قىلاتتى. ئۇ يىپ ئىگىرىش ماشىنىسىنى كەشپ قىلىشنى ئويلايدۇ.ئۇ چاغدا ئۇنىڭ قىزى زېننى يىپ ئىگىرىش چاقىنى ئەتىدىن-كەچكىچە توختىماي قول بىلەن چۆرگىلىتەتتى. ھارگرېاۋېس، قولنىڭ ئورنىغا پۇتنى ئىشلىتىشكە بولارمۇ؟ دەپ ئويلايدۇ. ئۇ ئۇيقۇنىمۇ، تاماقنىمۇ ئۇنتىغان ھالدا باش قاتۇرىدۇ. ھەمدە تاختاي، تاياق، تانىلار بىلەن ئۈزلۈكسىز پىلانلاپ، يىپ ئىگىرىش مودېلىنى تۇرغۇزۇۋېلىپ، ئۇنىڭدىن بىرەر ئىلھام ئالماقچى بولىدۇ، لېكىن كۈنلەر ئۆتىۋېرىدۇ، ھېچبىر كۆڭۈلدىكىدەك باشلىنىش بولمايدۇ. بىر كۈنى ئۇ يىپ ئىگىرىش چاقىنى ئۆرۈپ قويىدۇ، چاق ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بولسىمۇ، يىپ چۆرگىلەۋېرىدۇ، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاجايىپ قىمەتلىك ئىلھام بولىدۇ. ئۇ: يىپ تىك ئايلىنالىغاندىن كېيىن، بىر نەچچە يىپ قاتار قويۇلۇپ تەڭ ھەرىكەتلەندۈرۈلسە، بىر نەچچە تال يىپنى تەڭ ئىلگىرلەتكىلى بولمامدۇ؟ دەپ ئويلايدۇ.

شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ئىگىرىش چاقىنى لايىھىلەش ۋە ياساش ئىشىغا كىرىشىدۇ. كۆپ ئۆتمەي، 1765-يىلى يېڭى شەكىلدىكى يىپ ئىگىرىش ماشىنىسى مەيدانغا كېلىدۇ. ھارگرېاۋېس ئۆزىنىڭ يىپ ئىگىرىش چاقىغا «زېننى يىپ ئىگىرىش ماشىنىسى» دەپ نام بېرىدۇ.

يېڭى شەكىلدىكى يىپ ئىگىرىش چاقى ئاساسەن تۆت ياغاچ پۇتتىن تەركىب تاپقان ئىشكاپ شەكىلىدىكى ماشىنا بولۇپ چىقىدۇ. ماشىنىنىڭ ئاستىدا تاسمىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرىدىغان بىر ئايلانما ئوق بولۇپ، ماشىنىڭ ئۈستىگە ئىككى دانە پارالىل سېرىلما رېلىس ئورنىتىلغان، يەنە ئىككى تال تاياق بىرلەشتۈرۈلۈپ يىپ قىسقۇچ قىلىنىپ، سېرىلما رېلىسنىڭ ئۈستىگە قويۇلغان، ئاندىن سانى ئوخشاش بولغان ئىككى قاتار يىپ ئايلانما ئوقنىڭ ئالدى-كەينىگە قويۇلغان، ئاندىن كېيىن ئىگىرىلگەن پاختا يىپ تىك ئۇرچۇققا يۆگەلگەن. بۇ چاغدا، تۇتقۇچ قۇلاقنى چۆرگىلىتىپ، يىپ قىسقۇچنى ھەرىكەتلەندۈرسىلا، ھەممىسى تەڭ ئىگىرىلىدىغان بولغان.

ھارگرېاۋېس ياساپ چىققان يىپ ئىگىرىش چاقىغا دەسلەپ ئاران سەككىز يىپ ئورنىتىلغان، كېيىن كۆپەيتىلىپ 30 غا يەتكۈزۈلگەن. ئۇنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىشى ئارقىسىدا، ئاخىرى 80 گە يەتكۈزۈلگەن. يېڭى يىپ ئىگىرىش چاقىنىڭ ئىجاد قىلىنىشى ئەنگىلىيە پاختا توقۇمچىلىقىنىڭ تېز راۋاجلىنىشىنى زور دەرىجىدە ئالغا سۈرگەن.

ژېننى يىپ ئىگىرىش ماشىنىسىژېننى ماشىنىسى — يېقىنقى زامان مەنىسىدىكى ماشىنا. كېيىن تېخىمۇ كۆپ خىزمەت ماشىنىسى كەشىپ قىلىنغان. بۇ خىزمەت ماشىنىسى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ بىۋاسىتە قول ئارقىلىق ئەمگەك قىلىشى ئازاد قىلىنغان، بۇ ئىنسانىيەتنىڭ ماددىي ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدىكى بىر قېتىملىق زور ھالقىش. سانائەت ئىنقىلابىنىڭ باشلانغانلىقىنىڭ بەلگىسى دەپ قارالغان. 

لېكىن ژېننى ماشىنىسى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ يېتەرسىز تەرەپلىرى بولسا ئادەم كۈچى ياكى ئۇلاغ كۈچى بىلەن تەمىنلەيدۇ، شۇڭا، تۇراقسىز ، تەننەرخى يۇقىرى، ئۈنۈمى تۆۋەن، ئادەمنى ئېغىر ئەمگەكتىن ئازاد قىلىش پار ماشىنىسىنىڭ كەشىپ قىلىنىشىغا تۈرتكە بولغان. 

[1][0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#