دۇنيا يۈرەك ئاسراش كۈنى

دۇنيا يۈرەك ئاسراش كۈنى (World Day) بولسا دۇنيا يۈرەك ئىتتىپاقى بېكىتكەن كۈن، 1999-يىلى تەسىس قىلىنغان، ھەر يىلى بىر قبتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ. 2000-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى تۇنجى دۇنيا يۈرەك ئاسراش كۈنى، بۇنىڭدىن كېيىن ھەر يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرقى يەكشەنبە كۈنى دۇنيا يۈرەك ئاسراش كۈنى بۇلدىكەن.

ئۇيغۇرچە نامى دۇنيا يۈرەك ئاسراش كۈنى
تارقالغان رايونلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان
ئېنگىلىزچە نامى World Heart Day
بايرامدىكى پائالىيەت يۈرەك بىلىملىرى تەشۋىقاتى
ئاپپارات تەسىس قىلىش دۇنيا يۈرەك ئىتتىپاقى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 世界心脏日
ۋاقتى ھەر يىلى 9-ئاينىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر يەكشەنبە كۈنى
بايرامنىڭ كېلىپ چىقىشى يۈرەك كېسىلى
بايرامنىڭ ئەھمىيىتى ئاممىغا ساغلام بولغان يۈرەك ئاتا قىلىش
بېكىتىلگەن ۋاقتى 2000-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 بۇ كۈننى بېكتىشنىڭ مەقسىتى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا يۈرەكنىڭ ساغلاملىقىغا مۇناسىۋەتلىك تەشۋىقات بىلىمى تارقىتىش، ھەمدە جامائەتچىلىككە ھاياتلىق ۋە ساغلام بولغان يۈرەك ئاتا قىلىشتىن ئىبارەت. يۈرەك كېسىلى ئىنسانلارنىڭ ھاياتىغا تەھدىت سالىدىغان ساغلاملىقىنىڭ قاتىلى، كىشىلەرنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغاش ئۈچۈن دۇنيا يۈرەك ئىتتىپاقى ھەر يىلى بىر قېتىم «دۇنيا يۈرەك ئاسراش كۈنى» ئۆتكۈزۈشنى بېكىتكەن.

2010-يىلى

بىز 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى 10-قېتىملىق «دۇنيا يۈرەك ئاسراش كۈنى» نى كۈتۋالدۇق. شۇ يىلى«دۇنيا يۈرەك ئاسراش كۈنى» يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان پەيتتە، گوڭ تىڭشيەن ۋارىسى گۇڭ خۇڭخەي دوكتۇر كەلگەن، داچىڭ نېفىتلىكى، ۋەتىنىمىزنىڭ نېفىت ئىشچىلىرى قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ خالىس كېسەل كۆرۈش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىپ، كۆپچىلىكنى يۈرەكنىڭ ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۆزىنى ئاسراشقا چاقىرىق قىلغان.بۈگۈن 2010-يىللىق دۇنيا يۈرەك كېسىلى كۈنىنىڭ ئاساسىي تېمىسى «مەن كۆڭۈل قويۇپ خىزمەت قىلمەن» دىگەن تېمىدا ئېلىپ بېرىلغان. دۇنيا يۈرەك ئىتتىپاقىنىڭ مۆلچەرلىشچە، پۈتۈن دۇنيادا تەخمىنەن 25 ياشتىن يۇقىرى قۇرامىغا يەتكەنلەر ئىچىدە، ھەر ئۈچ ئادەم يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بۇلدىكەن. ھەر يىلى 1720 دىن ئارتۇق ئادەم ، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى بىلەن ئۆلۈپ قالدىكەن.

2011-يىلى

2011-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى دۇنيا يۈرەك ئاسراش كۈنىنىڭ 11-يىلى بولغان، 2011-يىلىقى يۈرەك ئاسراش كۈنىنىڭ ئاساسىي تېمىسى «خىزمەت شارائىتىنى ياخشىلاش، يۈرەكنىڭ ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش». 2010-يىللىق باش تېمىسى «مەن كۆڭۈل قويۇپ خىزمەت قىلمەن دېگەن تېما بۇلۇپ» بۇ ئاساسىي تېمىنى گۇڭ خۇڭخەي دوكتور بېيجىڭدا ئۆتكۈزگەن بىر قېتىملىق خىزمەت مۇھىتىنى ياخشىلاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش، يۈرەكنىڭ ساغلاملىقىغا قانداق كۆڭۈل بۆلۈش ئىلمىي سۆھبەت يىغىندا ئوتتۇرغا قويغان، بۇ قېتىمقى لېكسىيە ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى ئىگىلەپ، ساغلاملىققىغا كۆڭۈل بۈلۈشنى تەشەببۇس قىلغان.

2012يىلى

2012-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى دۇنيا يۈرەك ئاسراش كۈنىنىڭ 12-قېتىملىق كۈنى بۇلۇپ، گوڭ تىڭشيەن ۋارىسى گۇڭ خۇڭخەي دوكتور بېيجىڭدىكى مەلۇم بىر ياشانغانلار ساناتورىيىسىگە كەلگەن، 2012-يىلى ساناتورىيەدىكى ياشانغان كىشىلەرگە ساغلام بەدەن ئېغىرلىقى، ساغلام بەدەن شەكلى ئادەتتە قوبۇل قىلغان ئىسسىقلىق مىقدارى ۋە ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسىنىڭ تەڭپۇڭسىز ھالىتى ئاستىدا ئىنتايىن ئاسان يۈرەك كېسىلى يۈز بېرىدىغانلىقىنى  سۆزلەپ بەرگەن، گۇڭ خۇڭخەي دوكتور مۇنداق دېگەن : مۇۋاپىق ھەرىكەت ۋە ساغلام يېمەك-ئىچمەك يۈرەك كېسىلىنىڭ ئەڭ ياخشى ئالدىنى ئالالايدۇ. بەزى كۆكتاتلارنى،مېۋە قاتارلىقلارنى يېيىش، يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىكلەردىن يىراق تۇرۇش كىرەك، ماي تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق ئىستىمال قىلىش كېرەك. سەيلە قىلىش، ئاستا يۈگۈرۈش، سۇ ئۈزۈش، ۋېلىسىپىت مىنىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى يۈرەك كېسىلىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالالايدۇ.

2013-يىلى

2013-يىلى9-ئاينىڭ 29-كۈنى دۇنيا يۈرەك ئاسرا كۈنىنىڭ 13-قېتىملىقى، يۈرەك كېسىلى بارغانسېرى ياشلارغا قاراپ يۈزلىنىشكە باشلىغان، نۇرغۇن ياشلارنىڭ دەم ئېلىشى قانۇنىيەتلىك ئەمەس، داۋاملىق تۈنەش، ئۇخلىماي تاڭ ئاتقۇزۇش، ئولتۇرۇش قاتارلىقلار دەل يۈرۈك كېسىلى كېلىپ چىقىشنىڭ سەۋەبى، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىدىن ساقلىنىش ئۇسۇلى ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن ئاددى، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ساقلاپ، مۇۋاپىق  ئوزۇقلىنىپ، تاماق يېيىش ئادىتىگە دىققەت قىلىش، ئىلمىي، مۇۋاپىق بەدەن چېنىقتۇرۇش، ياخشى روھىي ھالەتنى ساقلاش كېرەك. دائىم مۇۋاپىق بولغان ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت قىلىش، مەسىلەن : تېز مېڭىش، ئاستا يۈگۈرۈش، ۋېلىسپىت مىنىش قاتارلىقلار. تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بايقىلىشىچە، ھەر كۈنى 30 مىنۇت تېز مېڭىپ بەرگەندە يۈرەك كېسىلىنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى%18 تۆۋەنلىتىشكە بولىدىكەن. 

2014-يىلى

2014-يىلىدىكى دۇنيا يۈرەك ئاسراش كۈنىنىڭ ئاساسىي تېمىسى «ساغلام مۇھىت، ساغلام يۈرەك». ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، دۇنيا يۈرەك ئاسراش كۈنىدە ساغلام بولغان ئىناق بولغان ئائىلە قۇرۇش، خىزمەت ۋە ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىش تەشەببۇس قىلىنغان.

2016-يىلى : يۈرەككە كۆڭۈل بۆلۈش، ھاياتىي كۈچكە تولغان كىشلىك تۇرمۇش؛

2014-يىلى : ساغلام بولغان مۇھىت، ساغلام يۈرەك؛

2013-يىلى : كۆڭۈل ئېچىش، ساغلام، ياش يۈرەك؛ 

2012-يىلى : دۇنيا بىر نىيەتتە، بىر ئائىلە كىشىلىرى بىر نىيەتتە؛

2011-يىلى : One World,One Home؛

2010-يىلى : خىزمەت مۇھىتىنى، يۈرەكنىڭ ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛

2009-يىلى : خىزمەت مۇھىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، يۈرەكنىڭ ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛

2008-يىلى : سىز خەتەرلىك ئامىلنى چۈشنىڭ؛

2007-يىلى : ساغلام ئائىلە، ماس جەمئىيەت؛

2006-يىلى : سىزنىڭ يۈركىڭىز قانچە ياشتا؛

2005-يىلى : سېمىزلىك ۋە يۈرەك كېسىلى؛ 

2004-يىلى : بالىلار، ياش-ئۆسمۈرلەر ۋە يۈرەك كېسىلى؛ 

2003-يىلى : ئاياللار، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى ۋە سەكتە؛ 

2002-يىلى : ئوزۇقلۇق ماددا، سېمىزلىك ۋە چېنىقىش.  

 مۇھىتنىڭ خەۋپ-خەتەر ئامىللىرى 

(1) تەبىئىي شارائىتى : مەسىلەن، ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى، كۈچلۈك ھارارەت ، قەھرىتان سوغۇق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

(2) ئىجتىمائىي مۇھىت : مەسىلەن، ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي ئەھۋالى تۆۋەن، رىقابەت چوڭ بولۇش. 

(3) ئۆز مۇھىتىنى : مەسىلەن، قان بېسىمى يۇقىرى (يۇقىرى قان بېسىم)، قاندىكى ماي يۇقىرى، قان شېكىرى يۇقىرى (دىئابىت)، ئېغىز بوشلۇقى تازىلىقى ياخشى ئەمەس قاتارلىقلار. 

 خەۋپ-خەتەر ئامىللىرى

(1) ئۇخلىغاندا نەپەس ۋاقىتلىق توختاش يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى (OSA) . 

(2) ئۇيقۇنىڭ زىيادە كۆپ ياكى كەمچىل بۇلىشى.

 خەۋپ-خەتەر ئامىللىرى

كەيپىياتى ناچار، مەسىلەن، ھاياجانلىنىش، روھىي جىددىيلىك، سوزۇلما بېسىمى قاتارلىقلار.

 ھەرىكەت خەتىرى ئامىلى 

(1) ھەرىكەت كەمچىل بولۇش : ئۇزۇن ۋاقىت ئولتۇرۇش، جىسمانىي ھەرىكەت ئاز، نورمالسىز ( ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش ياكى سېمىزلىك ) قاتارلىقلار.

(2) ھەددىدىن زىيادە ھەرىكەت قىلىش : مەسىلەن، ھەددىدىن زىيادە يۈرەك مۇسكۇلى قېلىن بۇلۇش قاتارلىقلار. 

 خەۋپ-خەتەر ئامىللىرى

(1) يېمەك-ئىچمەك مۇۋاپىق بولماسلىق : مەسىلەن، چوڭ يەپ، چوڭ ئىچىش ئوشۇقچە سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، كۆكتات، مېۋە-چىۋە قاتارلىقلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشى يېتەرلىك بولماسلىق،تۇز، سۇ يېتىشمەسلىك قاتارلىقلار. 

(2) تاماكا چېكىش مىقدارى كۆپ بۇلۇش.

يۈرەك ئاسراش كۈنىدۇنيادا يىلىغا تەخمىنەن 1750 مىڭ ئادەم يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلدىكەن، بارلىق قازا قىلغانلارنىڭ سانى %30 نى ئىگىلەلەيدىكەن؛ گەرچە ھەر يىلى يۈرەك كېسىلى قوزغىلىش ۋە سەكتە كېسىلىدە ھايات قالغۇچى ئاز دېگەندە 20 مىليون بولغان بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ ئىچىدە كۆپ سانلىق كىشىلەر ئىنتايىن يۇقىرى بولغان قايتا قوزغىلىش ۋە ئۆلۈم خەۋپ-خەتىرىگە دۇچ كېلىدىكەن. تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردىكى يۈرەك كېسىلىنىڭ نىسبىتى ۋە ئۆلۈش نىسبىتى روشەن تۆۋەنلىگەن، بۇنىڭ ئاساسىي سەۋەبلىرى شۇكى، ئالدىنى ئېلىش تەكىتلەنگەن. ئەكسىچە بولغاندا، ئۆتكەن 15 يىلدا جۇڭگودا 35 ياشتىن 44 ياشقىچە بولغان ئارلىقتىكى كىشلەرنىڭ تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئادەم سانى %150 ئاشقان، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى شۇكى، ئالدىنى ئېلىشقا سەل قارالغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#