لىجى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
جۇڭگو لىجىنىڭ يۇرتى، شۇنداقلا لىجىنى ئەڭ بالدۇر ئۆستۈرگەن دۆلەت. لىجى سوپۇن دەرىخى ئائىلىسىدىكى دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان، ئېگىزلىكى تەخمىنەن20 مېتىر ئەتراپىدا كېلىدىغان ئۇزۇن ئۆمۈرلۈك ۋە يۇقىرى مەھسۇلاتلىق مېۋىلىك دەرەختۇر. فۇجيەننىڭ پۇتيەن ناھىيىسىدە «سۇڭ شياڭ» دەپ ئاتىلىدىغان بىر تۈپ قەدىمكى لىجى دەرىخى بولۇپ، ئېگىزلىكى4.6 مېتىر، دەرەخ تاجىسىنىڭ ئىگىلىگەن ئورنى60 كۋادرات مېتىر كېلىدۇ. يېشى1300 يىلدىن ئاشقان، شاخ-يوپۇرماقلىرى ياپيېشىل، ئەتىيازدا چېچەكلەپ كۈزدە مېۋىلەيدىغان بولۇپ، ھازىرمۇ يىللىق مەھسۇلاتى تەخمىنەن150 كىلوگرامدىن ئاشىدۇ. سىچۇەننىڭ يىبىڭ ناھىيىسىدە يەنە بىر تۈپ1000 يىللىق لىجى دەرىخى بولۇپ، يىللىق مەھسۇلاتى ئەڭ كۆپ بولغاندا1500 كىلوگرامدىن ئاشىدىكەن. 2000 نەچچە يىللىق لىجى ئۆستۈرۈش تارىخىنى باشتىن كەچۈرگەن جۇڭگودا ھازىر لىجىنىڭ70 نەچچە خىل داڭلىق سورتلىرى بار. لىجى سورتلىرى ئىچىدە ئەڭ ئېسىلى پۇتيەننىڭ» چېنزى «لىجىسى بولۇپ، چوڭلۇقى توخۇ تۇخۇمىچىلىك، مېۋە پوستى(شاكىلى) سۆسۈن رەڭلىك، مېۋە تەمى چۈچۈمەلرەك تاتلىق كېلىدۇ. سۇڭ دەۋرىدىكى ئەدىب سۇدۇڭپۇنىڭ «لىجىدىن ئۈچ يۈز تال كۈندە يەپتىمەن، مەيلىلا لىڭنەنلىك بوپلا قاپتىمەن» دېگەن مەشھۇر مىسرالىرى بار. لىجىنىڭ ئېسل سورتلىرىدىن يەنە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ زېڭ چىڭ دېگەن يېرىدىن چىقىدىغان «گۇالۈ» سورتى بولۇپ، مېۋىسىنىڭ شەكلى توخۇ تۇمىغا ئوخشايدۇ، مېۋە ئېتى قېلىن، ئۈچكىسى كىچىك، تاتلىق ھەم سۇلۇق، تەمى ئىنتايىن ئېسىل بولۇپ يېسە ئېغىزدا قالىدۇ. گۇاڭدۇڭدا لىجىنىڭ يەنە بىر ئۆزگىچە سورتى بولۇپ، «شۈي جىنچيۇ(خرۇستال شارچە) » دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ گۈلى ئاق، مېۋە پوستى ئاق، مېۋە ئېتى ئاق، ئۈچكىسى ئاق، ئەمما مېۋە شىرنىسى قاندەك قىزىل بولۇپ، تاتلىق تەمى تىلنى يارىدۇ. لىجىنىڭ يەنە بالدۇر پىشىپ يۇقىرى ھوسۇل بېرىدىغان «سەن يۆخۇڭ(مارت قىزىلى) » ؛ كېچىكىپ پىشىدىغان، مېۋە ئېتى قېلىن ھەم تاتلىق «نومى سى(نومى سىباسى) » ؛ مېۋىسىنىڭ رەڭگى كۆركەم ۋە خۇش پۇراق تارقىتىپ تۇرىدىغان «مېيگۈيلۇ(ئەتىرگۈل شەربىتى) » قاتارلىق سورتلىرى بار. ھەسەلدەك تاتلىق لىجى «فېيزى شياۋ(خانىش كۈلكىسى) » تاڭ سۇلالىسىنىڭ كىچىك خانىشى ياڭ گۈيفېينىڭ لىجى تېتىپ كۆرىدىغان ھېكايىدە تىلغا ئېلىنغان. شائىر دۇمۇ بۇ ھەققىدە يەنە «پانىي ئالەمدە خانىش كۈلگەندە، ھېچكىم تۇيماس لىجى كەلگەندە» دەپ يازغان.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.