بوروبۇدۇر

بوروبۇدۇر

بوروبۇدۇر قەدىمقى شەرقتىكى 4 چوڭ مۆجىزىنىڭ بىرى.

نامى بوروبۇدۇر
باشقا نامى بوروبۇدۇر بۇددا مۇنارى
چەتئەلچە نامى Borobudur
ئورنى ھېندۇنوزىيەدىكى ياۋا ئارىلىنىڭ ئوتتورا قىسمىدا
خەنزۇچە نامى 婆罗浮屠
تەۋە دۆلەت ھىندونېزىيە
ياسالغان ۋاقتى تەخمىنەن مىلادى 8-ئەسىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ھىندونېزىيەدىكى بوروبۇدۇر بۇددا مۇنارى ياۋانىڭ مەركىزى جيۇرىرو شەھىرىدىن غەربى شىمالغا 39 كىلومېتر كېلىدىغان كېدۇ جىلغىسىدىكى تۆت تەرەپلىك بىر تۆپىلىككە جايلاشقان. ئەتراپى تاغ-دەريا، قويۇق ئورمانلار بىلەن ئورالغان بۇ قۇرۇلۇش ناھايىتى ھەيۋەتلىك كۆرۇنىدۇ. «بوروبۇدۇر» مىڭ پەشتاق، مىڭ سۇپا دىگەننى، سانسىكىرت تىلدا تۆپىلىك ئۇستىدىكى ئىبادەتخانا دىگەن مەنىنى بىلدۇرىدۇ. بۇ قۇرۇلۇش كۆلىمىنىڭ چوڭلۇقى، قۇرۇلىشنىڭ ھەيۋەتلىكلىكى بىلەن جۇڭگودىكى سەددىچىن سېپىلى، مىسردىكى پىرامىدا، كامبودژادىكى ئاڭكور خارابىيلىقى بىلەن بىر قاتاردا قەدىمقى زاماندىكى شەرقنىڭ تۆت چوڭ مۆجىزىسى دەپ قارىلىدۇ.

بوروبۇدۇر مىڭ يىل جەريانىدا نۇرغۇن بوران-چاپقۇنلارنى بېشىدىن ئۆتكۇزۇپ نەچچە گۇللىنىپ خاراپلاشتى. ئەينى زاماندا سالاندىرا سولالسى پادىشاھى ساكيامونىنىڭ ئاز بىر قىسىم جەسەت كۈلىنى ساقلىغان بولۇپ، ئۇ 100مىڭدىن ئارتۇق قۇلنى ئىشلىتىپ، ئون نەچچە يىلدائاندىن بۇ قۇرۇلۇشنى پۈتكۈزگەن. بىر مەزگىل مەشھۇر بولغان بۇ بۇددا مۇقەددەس جايىنىڭ قاچان ياسالغانلىقى توغىرسىدا بەزىلەر مىلادى 824-يىلى دىسە ، بەزىلەر مىلادى 850-يىلى دىيىشىدۇ. 1006-يىلى مەيدىرا يانار تېغى پارتىلاپ ، قاتتىق يەر تەۋرەپ ئەتراپتىكى خەلق تەرەپ -تەرەپكە قاچقان. شۇنىڭ بىلەن بۇددامۇنارى خاراپلىشىشقا باشلىغان. 14-ئەسىردە ياۋا ئارىلىنىڭ ئىسلامىلىشىغا ئەگىشىپ بۇ بۇددا مۇنارى تېخىمۇ چۆلدەرەپ قالدى ھەتتا ئۇنتۇلۇپ كېتىلدى. 1814-يىلى ئەنگىلىيە مۇستەملىكە قىلغان چاغلاردا ياۋا ئارىلىنىڭ باش ۋالىيسى بۇ بۇددا مۇنارىنىڭ سەنئەت قىممىتىنى بايقاپ، كىچىك كۆلەمدە تازىلاش ، رەتلەش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارغان. بۇنىڭ بىلەن بوروبۇدۇر قايتا كىشلەرنىڭ دىققىتىگە ئېرىشكەن. 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا گوللاندىيەلىك بىر ئىنژىنىر مۇنارنىڭ ئاساسى ۋە ئۇستى قىسمىنى ئەسلىگە كەلتۇرگەن بولسىمۇ، لېكىن مۇنار ئاساسىنىڭ قىيسىقلىقىنى ۋە بۇزۇلغان تاشلارنى ئەسلىگە كەلتۇرەلمىگەن.

بۇددا مۇنارىنىڭ ھەقىقى قايتىدىن ھاياتلىققا ئېرىشىشى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن بولۇپ، 1973-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مەدىنيەت -مائارىپ فوندى جەمئيىتىنىڭ ياردىمى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ ياردىمى ئارقىسدا چوڭ كۆلەمدە رىمونت قىلىش باشلىنىپ، ئون يىل ئىچىدە 22مىليون 500مىڭ ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىنغان. 1983-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى قايتا ياساش ئاياقلاشقان. رىمونت قىلىنغاندىن كېيىنكى بوروبۇدۇر قەدىمى ھالىتىنى ئەسلىگە كەلتۇرۇپ، ھەريىلى نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى جەلىپ قىلماقتا.[1]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#