سىگمۇند فىروئىد

سىگمۇند فېروئىد

(Sigmund freud )سىگمۇند فېروئىد (1856-يىلى 5-ئانىڭ 6-كۈنىدىن 1939-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنىگىچە)، ئاۋسترىيە روھىي  كېسەللىكلەر دوختۇرى، پىسخولوگ، روھىي ئانالىىزىم ئېقىمىنىڭ قۇرغۇچىسى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى سىگمۇند فېروئىد
باشقا نامى Sigmund Freud
مىللىتى يەئۇدى
تۇغۇلغان ۋاقتى 1856-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى
كەسپى روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرى، پىسخولوگ
خەنزۇچە ئاتىلىشى 西格蒙德·弗洛伊德
دۆلەت تەۋەلىكى ئاۋىستىرىيە
يۇرتى ئاۋىستىرىيە-ۋېنگىرىيە ئىمپېرىيىسى موراۋىيە ئۆلكىسى فېرېبۇگ يېزىسى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1939-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى ۋېئاننا ئۇنۋېرسىتېتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

(Sigmund freud )سىگمۇند فېروئىد (1856-يىلى 5-ئانىڭ 6-كۈنىدىن 1939-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنىگىچە)، ئاۋسترىيە روھىي  كېسەللىكلەر دوختۇرى، پىسخولوگ، روھىي ئانالىىزىم ئېقىمىنىڭ قۇرغۇچىسى. 1873-يىلى ۋېئاننا ئۇنۋېرسىتېتى(维也纳大学)نىڭ مىدىتسىنا فاكولىتىتىغا كىرىپ ئوقۇغان، 1881-يىلى مىدىتسىنا دوكتۇرلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1882-يىلىدىن1885-يىلىغىچە ۋېئىننا ئۇنۋېرسال دوختۇرخانىسىدا دوختۇر بولۇپ، مېڭە ئاناتومىيە قىلىش(脑解剖) ۋە پاتولوگىيە قىلىش(病理学) تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭدىن كىيىن شەخسى روھىي كېسەل داۋالاشنى باشلىغان. 1895-يىلى روھىي ئانالىزىم ئۇمۇمىنى رەسمىي ئوتتورىغا قويغان. 1899-يىلى «چۈش تەبىرى»دېگەن كىتابىنى نەشىر قىلدۇرغان ۋە روھىي ئانالىزىم پىسخولوگىيىسى ھەقىقىي بارلىققا كەلدى دەپ تەرىپلەنگەن. 1919-يىلى خەلقئارا روھىي ئانالىزىم ئىلمىي جەمئىيىتى قۇرۇلغان، ھەمدە روھىي ئانالىزىم پېنى (精神分析学)ئېقىمى ئاخىرى شەككلەنگنلىكىن دېرەك بەرگەن. 1930-يىلى گوتې مۇكاپاتى(歌德奖)بېرىلگەن. 1936-يىلى ئەنگىلىيە خان جەمەتىنىڭ ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسىغا ئايلانغان. 1938-يىلى ئاۋسترىيە بېسىۋېلىنغاندىن كىيىن، ئەنگىلىيىدە پاناھلانغان، ئىككىنچى يىلى لوندوندا قازا قىلغان. ئۇ يوشۇرۇن ئاڭ تەتقىقاتىنىڭ يېڭى دائىرىسىنى قۇرۇپ چىقىپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ پىسخولوگىيەسى، شەخسىيەت پىسخولوگىيىسى  ۋە غەيىرلىك پىسخولوگىيىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى، ھازىرقى زامان مىدىتسىنا ئەندىزىسىنىڭ يېڭىچە ئاساسىنى قۇرۇپ چىقىپ، 20-ئەسىردىكى غەرىپىلىكلەرنىڭ ئىجتىمائىي پېنىگە مۇھىم نەزىرىۋىي تۈۋرىكى بىلەن تەمىن ئەتتى.  

بالىلىق مەزگىلى

ئىمزاسىگمۇند فېروئىدنىڭ ئەسلى ئىسمى (Sigismund Freud)سىگىسمۇند فىروئىد، 1856-يىلى 5-ئاينىڭ6-كۈنى ئاۋىستىرىيە-ۋېنگىرىيە ئىمپېرىيىسى موراۋىيە ئۆلكىسى فېرېبۇگ يېزىسى( Freiberg، ھازىرقى Príbor، يەنى چېخ جۇمھۇرىيىتى پۇرفۇ شەھىرى)دىكى يەئۇدى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. دادىسى ياگىپ فىروئېد بولسا يۇۋاش يۇمشاق قوي يۇڭى سودىگىرى، ئانىسى ئەمىلىيە ناساسىن بولسا دادىسىنىڭ ئۈچىنچى ئايالى، ئۆزى چىرايلىق ئەمما مىجەزى قوپال ئىدى. سىگمۇند تۇغۇلغان بۇ يىلى بىر دادا ئىككى ئانىدىن قالغان ئېمانىيۇر ۋە فېلىپ دېگەنئىككى ئاكىسى بار ئىدى. 1858-يىلى سىڭلىسى ئەننا تۇغۇلدى .  1859-يىلى ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەر گىرمانىيە لېيپزىگقا كۆچۈپ كېلىدۇ. بىر يىلدىن كىيىن يەنە  ئاۋىستىرىيە-ۋېنگىرىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى ۋېئېنناغا كۆچۈپ كېلىدۇ. قالغان 6يىل ئىچىدە ئانىسى يەنە ئادەۋفېن، مارى،بورىن، لوزا قاتارلىق تۆت قىز ۋە ئالىكساندىر دېگەن بىر ئوغۇل تۇغۇدۇ .

ئوقۇغۇچىلىق ۋاقتى

1872يىلىدىكى فىروئېد ۋە ئۇنىڭ ئانسىى فىروئىدىنىڭ مەرىپەت مائارپىنى ئاتا-ئانىسى ئۆيىدە ئېلىپ بارغان.1865-يىلىدا يەنى ئۇ 9ياش ۋاققىدا ئادەتتىكى ئادەملەردىن بىر ياش بۇرۇن ئاتاقلىق لېپود رايۇنىدىكى رىئال ئوتتورا مەكتىپى(تولۇقسىز-تولۇق  ئوتتورا تۈزمىدىكى )گە كىرىپ ئوقۇيدۇ. بۇ مەزگىلدە، فىروئىد كۆپلىگەن بۇرۇنقى يۇناندىن بۇرۇنقى رىمغىچە بولغان كىلاسسىك ئەدەبىياتىنى ئۆگىنىدۇ، ئۇ يەنە لاتىن تىلى، يۇنان تىلى، فىرانسۇس تىلى ۋە ئېنگىلىزتىلىنى ئۆگىنىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ئىسپان تىلى ۋە ئىتالىيە تىلىنىمۇ ئۆزلىكىدىن ئۆگىندۇ. تولۇق ئوتتورغا چىققاندىن كىيىن، بىر دوستىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئادۇۋكات بولماقچى بولىدۇ. 1873-يىلى كۈزدە ۋېئېننا ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ مىدىتسىنا كەسپىگە كىرىدۇ. بۇ يەردە، ئۇ ئىسمىنى سىگىسمۇندىن سىگمۇنغا ئۆزگەرتىدۇ. بۇ مەزگىلدە، ئۇ دارۋىننىڭ ئېۋوليۇتسىيە نەزەرىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. ئۇ يەنە فېئۇرباچ((Ludwig Andreas Feuerbach(路德维希·安德列斯·费尔巴哈)نىڭ ئەسەرلىرىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىدۇ، يەنە برېنتانونىڭ(弗朗兹·布伦塔诺،Franz Clemens Brentano)نىڭ دەرىسلىكىنى ئاڭلايدۇ. ئالىي مەكتەپتىنىڭ ئۈچىنچى يىللىقىدىن باشلاپ ئۇ ئېنسىت بۇلۇك(恩斯特·布吕克)نىڭ تەجىربىخانىسىدا فىزىئولوگىيە ئۆگىنىدۇ. 1879-يىلى ئۇ ھەربىي تەرەپتىن بىريىللىق داۋالاش مۇلازىمىتى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللۇنىشقا تەكلىپ قىلىنىدۇ. 1881-يىلى ئۇ مىدىتسىنادا دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ ۋە مەكتەپ پۈتتۈرىدۇ. 

دەسلەپكى خىزمىتى

ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن، فىروئىد بۇلۇكنىڭ تەجىربىخانىسىدا بىر يىل ئىشلەيدۇ. 1882-يىلى6-ئايدا مازا بۇنەيس بىلەن چاي ئىچۈرىلىدۇ. ئۇ بۇلۇكنىڭ پىكرى بىلەن تەجىربىخانىدىن ئايرىلىدۇ. 1882-يىلى 7-ئايدا ۋېننا ئۇنۋېتسال دوختۇرخانىسىغا برىپ خىزمەت قىلىدۇ، دەسلەپتە سىرتقى كېسەللىكلەر دوخـتۇرى كىيىن ئىچكى كېسەللىكلەر دوختۇرى بولىدۇ. 1883-يىلى 5-ئايدا روھىي كېسەللىكلەر پونكىتىدا مۇئاۋېن دوختۇر بولىدۇ. 1885-يىلى ئەتىيازدا، فىروئىد ۋېئىننا ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ لېكتورى بولۇپ تەيىنلىنىدۇ. 1885-يىلى 8-ئايدا بۇلۇك پىرافىسورنىڭ تەۋىسىيىەسى بىلەن كۆرۈنەرلىك بولغان ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ، ھەمدە پارىژدىكى سالپىتىرى(巴黎萨彼里埃医院(Salpêtrière))  دوختۇرخانىسىغا بېرىپ چاركوت(沙克,Jean Martin Charcot)نىڭ ئۆگىتىشىدە بولىدۇ. 1886-يىلى 2-ئايدا ئۇ ۋېئېنناغا قايتىدۇ. 1886-يىلى ئەتىيازدا ئىقتىساد مەسىلىسى تۈپەيلى روھىي كېسەل دوختۇرى سالاھىيىتى بىلەن ئۆزى ئايرىم تىجارەت باشلاپ دوختۇرلۇق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. شۇ يىلى 9-ئايدا مازا بۇنەيس بىلەن توي قىلىپ ئۈچ ئوغۇل ئۈچ قىزلىق بولىدۇ.   

ئەسەرلىرى

ئاۋىستىرىيە-ۋېنگىرىيە ئىمپېرىيىسى موراۋىيە ئۆلكىسى فېرېبۇگ يېزىسى

ئاۋىستىرىيە-ۋېنگىرىيە ئىمپېرىيىسى موراۋىيە ئۆلكىسى فېرېبۇگ يېزىسى

ئاۋىستىرىيە-ۋېنگىرىيە ئىمپېرىيىسى موراۋىيە ئۆلكىسى فېرېبۇگ يېزىسى

ئاۋىستىرىيە-ۋېنگىرىيە ئىمپېرىيىسى موراۋىيە ئۆلكىسى فېرېبۇگ يېزىسى

沙可

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

lutun،
چىكىنىش

#title

#video#