ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ساھەسىنى باشقۇرۇش نىزامى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەنىنىڭ پەرمانى

631 – نومۇرلۇق

   ‹‹ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ساھەسىنى باشقۇرۇش نىزامى›› 2012 – يىل 12 – ئاينىڭ 26 – كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ 228 – قېتىملىق دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2013 – يىل 3 – ئاينىڭ 15 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

نامى ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ساھەسىنى باشقۇرۇش نىزامى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 2013 – يىل 1 – ئاينىڭ 21 –كۈنى
ماقۇللانغان ۋاقتى 2012 – يىل 12 – ئاينىڭ 26 – كۈنى
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2013 – يىل 3 – ئاينىڭ 15 – كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەنىنىڭ پەرمانى

631 – نومۇرلۇق

   ‹‹ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ساھەسىنى باشقۇرۇش نىزامى›› 2012 – يىل 12 – ئاينىڭ 26 – كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ 228 – قېتىملىق دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2013 – يىل 3 – ئاينىڭ 15 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

زۇڭلى ۋېن جياباۋ          

2013 – يىل 1 – ئاينىڭ 21 –كۈنى

  1 – ماددابۇ نىزام ئىناۋەت گۇۋاھلىقى پائالىيىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئالاقىدارلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش، ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ساھەسىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى يېتەكلەش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي ئىناۋەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

  2 – مادداجۇڭگو چېگراسى ئىچىدە ئىناۋەت گۇۋاھلىقى كەسپى ۋە مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرگە مۇشۇ نىزام تەتبىقلىنىدۇ.

   بۇ نىزامدا ئېيتىلغان ئىناۋەت گۇۋاھلىقى كەسپى كارخانا، كەسپىي ئورۇن قاتارلىق تەشكىلاتلار (تۆۋەندە ئومۇملاشتۇرۇپ كارخانا دېيىلىدۇ)نىڭ ئىناۋەت ئۇچۇرى ۋە شەخسلەرنىڭ ئىناۋەت ئۇچۇرىنى توپلاش، رەتلەش، ساقلاش، پىششىقلاش ھەمدە ئۇچۇر ئىشلەتكۈچىلەرگە بېرىش پائالىيىتىنى كۆرسىتىدۇ.

   دۆلەت قۇرغان پۇل مۇئامىلە ئىناۋەت ئۇچۇرى ئۇل مەلۇمات ئامبىرىنىڭ ئۇچۇرلارنى توپلاش، ساقلاش، پىششىقلاش ۋە بېرىش ئىشلىرىغا مۇشۇ نىزامنىڭ 5 – بابىدىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.

   دۆلەت ئورگانلىرى شۇنىڭدەك قانۇن – نىزاملاردا ھوقۇق بېرىلگەن، جامائەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش فۇنكسىيەسىگە ئىگە تەشكىلاتلارنىڭ قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار ۋە گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسىگە بىنائەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش مەقسىتىدە، كارخانا ۋە شەخسلەرنىڭ ئۇچۇرىنى توپلىشى، رەتلىشى، ساقلىشى، پىششىقلىشى ۋە ئېلان قىلىشىغا بۇ نىزام تەتبىقلانمايدۇ.

  3 – ماددائىناۋەت گۇۋاھلىقى كەسپى ۋە مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشتا، قانۇن – نىزاملارغا ئەمەل قىلىش، سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش كېرەك، دۆلەت مەخپىيىتىگە خەۋپ يەتكۈزۈشكە، سودا مەخپىيىتى ۋە شەخسلەرنىڭ سىرىغا چېقىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

  4 – مادداجۇڭگو خەلق بانكىسى (تۆۋەندە گوۋۇيۈەننىڭ ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ساھەسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى دېيىلىدۇ) ۋە ئۇنىڭ ۋاكالەت ئاپپاراتى ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ساھەسىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.

   ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى شۇ رايون، شۇ ساھەنىڭ ئىجتىمائىي ئىناۋەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى قانۇن بويىچە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىناۋەت گۇۋاھلىقى بازىرىنى يېتىلدۈرۈپ، ئىناۋەت گۇۋاھلىقى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  5 – ماددابۇ نىزامدا ئېيتىلغان ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى قانۇن بويىچە تەسىس قىلىنغان، ئاساسلىقى ئىناۋەت گۇۋاھلىقى تىجارىتى قىلىدىغان ئاپپاراتنى كۆرسىتىدۇ.

  6 – مادداشەخسىي ئىناۋەت گۇۋاھلىقى تىجارىتى قىلىدىغان ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى قۇرۇشتا، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىركەت قانۇنى››دا بەلگىلەنگەن شىركەت قۇرۇش شەرتىگە ۋە تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇنلىشىش ھەمدە گوۋۇيۈەن ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ساھەسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تەستىقىنى ئېلىش كېرەك:

   (1) ئاساسلىق پايچىكلارنىڭ ئىناۋىتى بولۇش، يېقىنقى ئۈچ يىل ئىچىدە قانۇن – نىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىق خاتىرىسى بولمىغان بولۇش؛

   (2) رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالى خەلق پۇلى ھېسابىدا 50 مىليون يۈەندىن ئاز بولماسلىق كېرەك؛

   (3) گوۋۇيۈەن ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ساھەسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان ئەسلىھە، ئۈسكۈنە ۋە تۈزۈم، تەدبىر بولۇش؛

   (4) مۇدىرلىققا، نازارەتچىلىككە ۋە ئالىي باشقۇرغۇچىلىققا تەيىنلىنىدىغانلار مۇشۇ نىزامنىڭ 8 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ۋەزىپە ئۆتەش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىش؛

   (5) گوۋۇيۈەننىڭ ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ساھەسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى بەلگىلىگەن باشقا ئېھتىيات شەرتلىرى.

  7 – مادداشەخسلەر ئىناۋەت گۇۋاھلىقى تىجارىتى قىلىدىغان ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىدىغانلار گوۋۇيۈەننىڭ ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ساھەسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىغا ئىلتىماسىنى ۋە مۇشۇ نىزامنىڭ 6 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشى كېرەك.

   گوۋۇيۈەننىڭ ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ساھەسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ، ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە تەستىقلاش ياكى تەستىقلىماسلىق توغرىسىدا قارار چىقىرىشى كېرەك. تەستىقلىسا شەخسىي ئىناۋەت گۇۋاھلىقى تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى بېرىشى؛ تەستىقلىمىسا سەۋەبىنى يازما چۈشەندۈرۈشى كېرەك.

   تەستىق بىلەن قۇرۇلغان شەخسىي ئىناۋەت گۇۋاھلىقى تىجارىتى قىلىدىغان ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتلىرى شەخسىي ئىناۋەت گۇۋاھلىقى تىجارىتى ئىجازەتنامىسىگە ئاساسەن، شىركەت تىزىملاش ئورگىنىغا تىزىمغا ئالدۇرىدۇ.

   ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ گوۋۇيۈەننىڭ ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ساھەسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىغا تەستىقلاتماي تۇرۇپ، شەخسىي ئىناۋەت گۇۋاھلىقى تىجارىتىنى قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

  8 – مادداشەخسىي ئىناۋەت گۇۋاھلىقى تىجارىتى قىلىدىغان ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇدىرلىرى، نازارەتچىلىرى ۋە ئالىي باشقۇرغۇچىلىرى ئىناۋەت گۇۋاھلىقى كەسپىگە ئائىت قانۇن – نىزاملارنى پىششىق بىلىشى، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان ئىناۋەت گۇۋاھلىقى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىش تەجرىبىسى ۋە باشقۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى، يېقىنقى ئۈچ يىل ئىچىدە قانۇن – نىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىق خاتىرىسى بولماسلىقى ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ساھەسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى تەستىقلىغان ۋەزىپە ئۆتەش سالاھىيىتىگە ئېرىشىشى كېرەك.

  9 – مادداشەخسىي ئىناۋەت گۇۋاھلىقى تىجارىتى قىلىدىغان ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتلىرى شۆبە – تارماق ئاپپاراتنى قۇرۇش، قوشۇۋېتىش ياكى ئايرىۋېتىش، رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالنى ئۆزگەرتىش، چىقارغان مەبلىغى شىركەت ئومۇمىي كاپىتالىنىڭ بەشتىن ئارتۇقىنى ئىگىلىگەن ياكى ئىلكىدىكى پېيى شىركەت پېيىنىڭ بەشتىن ئارتۇقىنى ئىگىلىگەن پايچىكلارنى ئۆزگەرتىشتە، گوۋۇيۈەننىڭ ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ساھەسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىغا تەستىقلىتىشى كېرەك.

   شەخسىي ئىناۋەت گۇۋاھلىقى تىجارىتى قىلىدىغان ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتلىرى نامىنى ئۆزگەرتىشتە، گوۋۇيۈەننىڭ ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ساھەسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

  10 – مادداكارخانا ئىناۋەت گۇۋاھلىقى تىجارىتى قىلىدىغان ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى قۇرۇشتا، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىركەت قانۇنى››دا بەلگىلەنگەن قۇرۇش شەرتىنى ھازىرلاش ھەمدە شىركەت تىزىملاش ئورگىنى تىزىملاشقا رۇخسەت قىلغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە گوۋۇيۈەننىڭ شۇ جايدىكى ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ساھەسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ ۋاكالەت ئاپپاراتىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى ۋە تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى بېرىشى كېرەك:

   (1) تىجارەت كىنىشكىسى؛

   (2) پاي ھوقۇقى قۇرۇلمىسى، تەشكىلىي ئاپپارات چۈشەندۈرمىسى؛

   (3) كەسىپ دائىرىسى، كەسىپ قائىدىسى، كەسىپ سىستېمىسىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى؛

   (4) ئۇچۇر بىخەتەرلىكى ۋە خەۋپ–خەتەردىن ساقلىنىش تەدبىرى.

   ئەنگە ئالدۇرۇلغان ئىشتا ئۆزگىرىش بولسا، ئۆزگىرىش بولغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە ئەسلىي ئەنگە ئالغان ئاپپاراتقا قايتا ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك.

  11 – ماددائىناۋەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتلىرى گوۋۇيۈەن ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ساھەسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئالدىنقى يىللىق ئىناۋەت گۇۋاھلىقى كەسپىنى يولغا قويۇش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىشى كېرەك.

   گوۋۇيۈەننىڭ ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ساھەسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى شەخسىي ئىناۋەت گۇۋاھلىقى تىجارىتى ۋە كارخانا ئىناۋەت گۇۋاھلىقى تىجارىتى قىلىدىغان ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتلىرىنىڭ تىزىملىكىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى ھەمدە ۋاقتىدا يېڭىلاپ تۇرۇشى كېرەك.

  12 – مادداتارقىتىۋېتىلگەن ياكى ۋەيران بولغانلىقى قانۇن بويىچە جاكارلانغان ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتلىرىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ساھەسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىغا مەلۇم قىلىش ھەمدە ئۇچۇر مەلۇمات ئامبىرىنى تۆۋەندىكى ئۇسۇل بىلەن بىر تەرەپ قىلىش كېرەك:

   (1) باشقا ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى بىلەن پۈتۈشۈپ ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ساھەسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ، باشقا ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىغا ئۆتۈنۈپ بېرىش؛

   (2) ئالدىنقى تارماقچىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۆتۈنۈپ بەرگىلى بولمىسا، گوۋۇيۈەننىڭ ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ساھەسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى بېكىتكەن ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش؛

   (3) ئالدىنقى ئىككى تارماقچىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۆتۈنۈپ بەرگىلى، ئۆتكۈزۈپ بەرگىلى بولمىسا، گوۋۇيۈەن ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ساھەسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ نازارىتى ئاستىدا كۆيدۈرۈۋېتىش.

   شەخسىي ئىناۋەت گۇۋاھلىقى تىجارىتى قىلىدىغان ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتلىرىدىن تارقىتىۋېتىلگەن ياكى ۋەيران بولغانلىقى قانۇن بويىچە جاكارلانغانلىرىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ساھەسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى بېكىتكەن تاراتقۇدا ئېلان قىلىش ھەمدە شەخسىي ئىناۋەت گۇۋاھلىقى تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ساھەسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىغا رويخەتتىن ئۆچۈرگۈزۈش كېرەك.

  13 – مادداشەخسلەرنىڭ ئۇچۇرىنى توپلاشتا، ئۇچۇر سۇبيېكتىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك، ئۇچۇر سۇبيېكتىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۇچۇر توپلاشقا بولمايدۇ. لېكىن، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلار بۇنىڭ سىرتىدا.

   كارخانىلارنىڭ مۇدىرلىرى، نازارەتچىلىرى ۋە ئالىي باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشىغا ئائىت ئۇچۇرلىرى شەخسىي ئۇچۇر ھېسابلانمايدۇ.

  14 – ماددائىناۋەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتلىرىنىڭ شەخسلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد، گېن، بارماق ئىزى، قان تىپى، كېسەل ۋە كېسەل تارىخى ئۇچۇرى، شۇنىڭدەك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا توپلاش مەنئى قىلىنغانلىقى بەلگىلەنگەن باشقا شەخسىي ئۇچۇرلارنى توپلىشى مەنئى قىلىنىدۇ.

   ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتلىرى شەخسلەرنىڭ كىرىمى، ئامانەت پۇلى، ئاكسىيەسى، سودا سۇغۇرتىسى، كۆچمەس مۈلۈك ئۇچۇرلىرى ۋە تاپشۇرغان باج سومما ئۇچۇرلىرىنى توپلىسا بولمايدۇ. لېكىن، ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتلىرىنىڭ شۇ ئۇچۇرنى بەرسە كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان پايدىسىز ئاقىۋەتنى ئۇچۇر سۇبيېكتلىرىغا ئېنىق ئۇقتۇرۇپ قويغانلىرى ھەمدە ئۇچۇر سۇبيېكتلىرىنىڭ يازما ماقۇللۇقىنى ئالغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

  15 – ماددائۇچۇر بەرگۈچىلەر ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىغا شەخسلەرنىڭ ناچارلىق ئۇچۇرىنى بېرىشتە، ئاۋۋال ئۇچۇر سۇبيېكتىغا ئۇقتۇرۇشى كېرەك. لېكىن، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە ئاشكارىلانغان ناچارلىق ئۇچۇرلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

  16 – ماددائىناۋەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتلىرىنىڭ شەخسلەرنىڭ ناچارلىق ئۇچۇرىنى ساقلاش مۇددىتى ناچار قىلمىش ياكى ۋەقە ئاياغلاشقان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىغاندا بەش يىل بولىدۇ؛ بەش يىلدىن ئاشقانلىرىنى ئۆچۈرۈۋېتىش كېرەك.

   ناچارلىق ئۇچۇرىنى ساقلاش مۇددىتى ئىچىدە ئۇچۇر سۇبيېكتى ناچارلىق ئۇچۇرى ھەققىدە چۈشەنچە بەرسە بولىدۇ، ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى ئۇنى خاتىرىلىشى كېرەك.

  17 – ماددائۇچۇر سۇبيېكتى ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتلىرىدىن ئۆزىنىڭ ئۇچۇرىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ. شەخسىي ئۇچۇر سۇبيېكتلىرى ئۆزىنىڭ ئىناۋەت مەلۇماتىنى ھەر يىلى ئىككى قېتىم ھەقسىز ئېلىشقا ھوقۇقلۇق.

  18 – ماددائىناۋەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتلىرىدىن شەخسلەرنىڭ ئۇچۇرىنى سۈرۈشتۈرۈشتە، ئۇچۇر سۇبيېكتىنىڭ يازما ماقۇللۇقىنى ئېلىش ھەمدە ئىشلىتىشنى پۈتۈشۈش كېرەك. لېكىن، قانۇندا ماقۇللۇقنى ئالماي تۇرۇپ سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ دەپ بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

   ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتلىرىنىڭ شەخسلەرنىڭ ئۇچۇرىنى ئالدىنقى ماددىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

  19 – ماددائىناۋەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتلىرى ياكى ئۇچۇر بەرگۈچىلەر، ئۇچۇر ئىشلەتكۈچىلەر ئەندىزىلىك توختام ماددىلىرى ئارقىلىق شەخسىي ئۇچۇر سۇبيېكتىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشتا، توختامدا ئۇچۇر سۇبيېكتىنىڭ دىققىتىنى قوزغىيالىغۇدەك ئەسكەرتىش بېرىشى ھەمدە ئۇچۇر سۇبيېكتىنىڭ تەلىپى بويىچە ئېنىق چۈشەنچە بېرىشى كېرەك.

  20 – ماددائۇچۇر ئىشلەتكۈچىلەر شەخسلەرنىڭ ئۇچۇرىنى شەخسىي ئۇچۇر سۇبيېكتى بىلەن پۈتۈشكەن ئىشقا ئىشلىتىشى كېرەك، پۈتۈشمىگەن ئىشقا ئىشلەتسە بولمايدۇ، شەخسىي ئۇچۇر سۇبيېكتىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ 3 – تەرەپكە بەرسە بولمايدۇ.

  21 – ماددائىناۋەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتلىرى كارخانا ئۇچۇرىنى ئۇچۇر سۇبيېكتى، كارخانا بىلەن سودا قىلغۇچىلار، ساھە جەمئىيەتلىرى بەرگەن ئۇچۇر، ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى قانۇن بويىچە ئاشكارىلىغان ئۇچۇر، خەلق سوت مەھكىمىلىرى قانۇن بويىچە ئېلان قىلغان ھۆكۈم – كېسىم قاتارلىق يوللار بىلەن توپلىسا بولىدۇ.

   ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتلىرىنىڭ قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا توپلاش مەنئى قىلىنغان كارخانا ئۇچۇرلىرىنى توپلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

  22 – ماددائىناۋەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتلىرى گوۋۇيۈەننىڭ ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ساھەسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان قائىدە – تۈزۈملەرنى ئورنىتىشى، مۇكەممەللەشتۈرۈشى ۋە قاتتىق ئىجرا قىلىشى ھەمدە ئۈنۈملۈك، تېخنىكىلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

   شەخسىي ئىناۋەت گۇۋاھلىقى تىجارىتى قىلىدىغان ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتلىرى ئۆز خادىملىرىنىڭ شەخسلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپى توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىپ، خادىملىرىنىڭ شەخسلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئەھۋالىنى تىزىملىشى، سۈرۈشتۈرگەن خادىملىرىنىڭ ئىسىم – فامىلىسى، سۈرۈشتۈرۈش ۋاقتى، مەزمۇنى ۋە نەگە ئىشلەتكەنلىكىنى ئەينەن خاتىرىلىشى كېرەك. خادىملار ئۇچۇرنى بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسىگە ۋە تەرتىپكە خىلاپلىق قىلىپ سۈرۈشتۈرسە، خىزمەت جەريانىدا ئېرىشكەن ئۇچۇرنى ئاشكارىلاپ قويسا بولمايدۇ.

  23 – ماددائىناۋەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتلىرى مۇۋاپىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، بەرگەن ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

   ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتلىرى بەرگەن ئۇچۇرلاردىن ئۇچۇر ئىشلەتكۈچىلەر پايدىلىنىدۇ.

  24 – ماددائىناۋەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتلىرى جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە توپلىغان ئۇچۇرلارنى رەتلەش، ساقلاش ۋە پىششىقلاش ئىشىنى جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە قىلىشى كېرەك.

   ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتلىرى چېگرا سىرتىدىكى تەشكىلاتلار ياكى شەخسلەرگە ئۇچۇر بېرىشتە، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ساھەسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك.

  25 – ماددائۇچۇر سۇبيېكتلىرى ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى توپلىغان، ساقلىغان، بەرگەن ئۇچۇر خاتا بولۇپ قالغان ۋە چۈشۈپ قالغان دەپ قارىسا، ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى ياكى ئۇچۇر بەرگۈچىگە باشقىچە پىكرىنى قويۇپ، تۈزىتىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

   ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى ياكى ئۇچۇر بەرگۈچى باشقىچە پىكىرنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، گوۋۇيۈەن ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ساھەسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئالاقىدار ئۇچۇرلارغا باشقىچە پىكىر بەلگىسىنى سېلىشى، باشقىچە پىكىرنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 20 كۈن ئىچىدە ئېنىقلىشى ۋە بىر تەرەپ قىلىشى ھەمدە نەتىجىسى توغرىسىدا باشقىچە پىكىردە بولغۇچىغا يازما جاۋاب بېرىشى كېرەك.

   ئېنىقلاش ئارقىلىق ئالاقىدار ئۇچۇرلار ھەقىقەتەن خاتا بولۇپ قالغان ۋە چۈشۈپ قالغان دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلسە، ئۇچۇر بەرگۈچى ۋە ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى تۈزىتىشى كېرەك؛ خاتا بولۇپ قالمىغان ۋە چۈشۈپ قالمىغان دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەنلىرىنىڭ باشقىچە پىكىر بەلگىسىنى بىكار قىلىش كېرەك؛ تەكشۈرۈش ئارقىلىق يەنىلا مۇئەييەنلەشتۈرگىلى بولمىسا، تەكشۈرۈش ئەھۋالى ۋە باشقىچە پىكىر مەزمۇنىنى خاتىرىلەپ قويۇش كېرەك.

  26 – ماددائۇچۇر سۇبيېكتلىرى ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى ياكى ئۇچۇر بەرگۈچىلەر، ئۇچۇر ئىشلەتكۈچىلەر قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىمگە زىيان يەتكۈزدى دەپ قارىسا، گوۋۇيۈەننىڭ شۇ جايدىكى ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ساھەسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ ۋاكالەت ئاپپاراتىغا ئەرز قىلسا بولىدۇ.

   ئەرزنى قوبۇل قىلغان ئاپپارات ۋاقتىدا تەكشۈرۈشى ۋەۋە بىر تەرەپ قىلىشى، ئەرزنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە ئەرز قىلغۇچىغا يازما جاۋاب بېرىشى كېرەك.

   ئۇچۇر سۇبيېكتى ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى ياكى ئۇچۇر بەرگۈچىلەر ۋە ئۇچۇر ئىشلەتكۈچىلەر قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىمگە زىيان يەتكۈزدى دەپ قارىسا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاسىتە دەۋا قىلسا بولىدۇ.

  27 – ماددادۆلەت پۇل مۇئامىلە ئىناۋەت ئۇچۇرىنىڭ ئۇل مەلۇمات ئامبىرىنى قۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپ – خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر مۇلازىمىتى قىلىدۇ.

   پۇل مۇئامىلە ئىناۋەت ئۇچۇرى ئۇل مەلۇمات ئامبىرىنى كەسپىي يۈرۈشتۈرگۈچى ئاپپاراتنى قۇرىدۇ، يۈرۈشتۈرىدۇ ۋە ئاسرايدۇ. بۇ يۈرۈشتۈرۈش ئاپپاراتى پايدا ئېلىشنى كۆزلىمەيدىغان ئاپپارات بولۇپ، گوۋۇيۈەننىڭ ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ساھەسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ نازارەتچىلىكى ۋە باشقۇرۇشىدا بولىدۇ.

  28 – مادداپۇل مۇئامىلە ئىناۋەت ئۇچۇرىنىڭ ئۇل مەلۇمات ئامبىرى كىرېدىت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاپپاراتلار بەلگىلىمە بويىچە بەرگەن كىرېدىت ئۇچۇرلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ.

   پۇل مۇئامىلە ئىناۋەت ئۇچۇرىنىڭ ئۇل مەلۇمات ئامبىرى ئۇچۇر سۇبيېكتىغا ۋە ئۇچۇر سۇبيېكتىنىڭ يازما ماقۇللۇقىنى ئالغان ئۇچۇر ئىشلەتكۈچىگە سۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمىتى قىلىدۇ. دۆلەت ئورگانلىرى پۇل مۇئامىلە ئىناۋەت ئۇچۇرىنىڭ ئۇل مەلۇمات ئامبىرىدىكى ئۇچۇرلارنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.

  29 – مادداكىرېدىت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاپپاراتلار پۇل مۇئامىلە ئىناۋەت ئۇچۇرىنىڭ ئۇل مەلۇمات ئامبىرىغا بەلگىلىمە بويىچە كىرېدىت ئۇچۇرى بېرىشى كېرەك.

   كىرېدىت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاپپاراتلار پۇل مۇئامىلە ئىناۋەت ئۇچۇرىنىڭ ئۇل مەلۇمات ئامبىرىغا ياكى باشقا سۇبيېكتلارغا كىرېدىت ئۇچۇرى بېرىشتە، ئالدى بىلەن ئۇچۇر سۇبيېكتىنىڭ يازما ماقۇللۇقىنى ئېلىشى ھەمدە بۇ نىزامنىڭ ئۇچۇر بەرگۈچى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسىنى تەتبىقلىشى كېرەك.

  30 – مادداكىرېدىت كەسپى بىلەن شۇغۇللانمايدىغان پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ پۇل مۇئامىلە ئىناۋەت ئۇچۇرىنىڭ ئۇل مەلۇمات ئامبىرىغا ئىناۋەت ئۇچۇرى بېرىشى، ئىناۋەت ئۇچۇرىنى سۈرۈشتۈرۈشى ۋە پۇل مۇئامىلە ئىناۋەت ئۇچۇرى ئۇل مەلۇمات ئامبىرىنىڭ ئۇلار بەرگەن ئىناۋەت ئۇچۇرىنى قوبۇل قىلىشىغا ئائىت كونكرېت چارىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ساھەسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك پۇل مۇئامىلە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى بىلەن بىرلىكتە قانۇن بويىچە چىقىرىدۇ.

  31 – مادداپۇل مۇئامىلە ئىناۋەت ئۇچۇرى ئۇل مەلۇمات ئامبىرىنى يۈرۈشتۈرگۈچى ئاپپارات تەننەرخنى تولۇقلاش پىرىنسىپى بويىچە سۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمەت ھەققى ئالسا بولىدۇ، ھەق ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەننىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى بېكىتىدۇ.

  32 – ماددابۇ نىزامنىڭ 14 –، 16 –، 17 –، 18 –، 22 –، 23 –، 24 –، 25 –، 26 – ماددىلىرى پۇل مۇئامىلە ئىناۋەت ئۇچۇرى ئۇل مەلۇمات ئامبىرىنى يۈرۈشتۈرگۈچى ئاپپاراتقا تەتبىقلىنىدۇ.

  33 – مادداگوۋۇيۈەننىڭ ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ساھەسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ۋە ئۇنىڭ ۋاكالەت ئاپپاراتى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار ۋە گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ساھەسى ۋە پۇل مۇئامىلە ئىناۋەت ئۇچۇرى ئۇل مەلۇمات ئامبىرىنى يۈرۈشتۈرگۈچى ئاپپاراتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا، تۆۋەندىكى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش تەدبىرلىرىنى قوللانسا بولىدۇ:

   (1) ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى، پۇل مۇئامىلە ئىناۋەت ئۇچۇرى ئۇل مەلۇمات ئامبىرىنى يۈرۈشتۈرگۈچى ئاپپاراتقا بېرىپ نەق مەيداننى تەكشۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە ئىناۋەت ئۇچۇرىنىڭ ئۇل مەلۇمات ئامبىرىغا ئۇچۇر بەرگەن ياكى ئۇچۇر سۈرۈشتۈرگەن ئاپپاراتنىڭ بۇ نىزامدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش؛

   (2) ئالاقىدارلاردىن، تەكشۈرۈلگەن ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە شەخسلەردىن گەپ سوراپ، ئۇلاردىن تەكشۈرۈلگەن ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلار توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلىش؛

   (3) تەكشۈرۈلگەن ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ھۆججەت، ماتېرىياللارنى كۆرۈش، كۆپەيتىش ھەمدە يۆتكىۋېتىش، كۆيدۈرۈۋېتىش، يوشۇرۇپ قويۇش ياكى ئۆزگەرتىۋېتىش ئېھتىمالى بولغان ھۆججەت، ماتېرىياللارنى پېچەتلەش؛

   (4) مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر سىستېمىسىنى تەكشۈرۈش.

   نەق مەيداننى تەكشۈرىدىغان خادىم ئىككىدىن كەم بولماسلىقى ھەمدە قانۇنلۇق كىنىشكىسى ۋە تەكشۈرۈش ئۇقتۇرۇشىنى كۆرسىتىشى كېرەك.

   تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇن ۋە شەخسلەر ماسلىشىشى، ئالاقىدار ھۆججەت، ماتېرىياللارنى ئەينەن بېرىشى، يوشۇرماسلىقى، رەت قىلماسلىقى ۋە توسقۇنلۇق قىلماسلىقى كېرەك.

  34 – مادداشەخسىي ئىناۋەت گۇۋاھلىقى تىجارىتى قىلىدىغان ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى، پۇل مۇئامىلە ئىناۋەت ئۇچۇرىنىڭ ئۇل مەلۇمات ئامبىرى، پۇل مۇئامىلە ئىناۋەت ئۇچۇرىنىڭ ئۇل مەلۇمات ئامبىرىغا ئۇچۇر بېرىدىغان ياكى ئۇچۇر سۈرۈشتۈرىدىغان ئاپپاراتتا مۇھىم ئۇچۇر ئاشكارىلىنىپ قېلىشتەك ۋەقەلەر يۈز بەرسە، گوۋۇيۈەننىڭ ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ساھەسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ئالاقىدار ئۇچۇر سىستېمىسىنى ۋاقتىنچە ئۆتكۈزۈۋېلىپ باشقۇرۇش قاتارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، زىيان چوڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالسا بولىدۇ.

  35 – مادداگوۋۇيۈەننىڭ ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ساھەسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ ۋە ئۇنىڭ ۋاكالەت ئاپپاراتىنىڭ خادىملىرى خىزمەت جەريانىدا بىلىپ قالغان دۆلەت مەخپىيىتى ۋە ئۇچۇر سۇبيېكتىنىڭ ئۇچۇر مەخپىيەتلىكىنى قانۇن بويىچە ساقلىشى كېرەك.

  36 – مادداگوۋۇيۈەننىڭ ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ساھەسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن شەخسىي ئىناۋەت گۇۋاھلىقى تىجارىتى قىلىدىغان ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى قۇرغان ياكى شەخسىي ئىناۋەت گۇۋاھلىقى كەسپى پائالىيىتى قىلغانلارنى گوۋۇيۈەننىڭ ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ساھەسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

  37 – مادداشەخسىي ئىناۋەت گۇۋاھلىقى تىجارىتى قىلىدىغان ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتلىرىدىن مۇشۇ نىزامنىڭ 9 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىرىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ساھەسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئورۇنغا 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

   كارخانا ئىناۋەت گۇۋاھلىقى تىجارىتى قىلىدىغان ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتلىرىدىن ئەنگە ئالدۇرۇشتا مۇشۇ نىزامنىڭ 10 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلىرىنى گوۋۇيۈەننىڭ شۇ جايدىكى ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ساھەسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ ۋاكالەت ئاپپاراتى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ مۆھلەت ئۆتكىچە تۈزەتمىگەنلىرىگە ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىدۇ.

  38 – ماددائىناۋەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتلىرى ۋە پۇل مۇئامىلە ئىناۋەت ئۇچۇرى ئۇل مەلۇمات ئامبىرىنى يۈرۈشتۈرگۈچى ئاپپاراتلاردىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ساھەسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ياكى ئۇنىڭ ۋاكالەت ئاپپاراتى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئورۇنغا 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ. ئۇچۇر سۇبيېكتىغا زىيان يەتكۈزگەنلىرى ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:

   (1) ئوغرىلاش ئۇسۇلى ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن ئۇچۇرغا قانۇنسىز ئېرىشىۋېلىش؛

   (2) توپلاش مەنئى قىلىنغان شەخسىي ئۇچۇرنى توپلاش ياكى شۇ كىشىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ شەخسىي ئۇچۇر توپلاش؛

   (3) ئۇچۇرنى قانۇنغا خىلاپ بېرىش ياكى سېتىش؛

   (4) ئۇچۇرنى سەۋەنلىك بىلەن ئاشكارىلاپ قويۇش؛

   (5) شەخسنىڭ ناچار ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتى ئۆتسىمۇ ئۆچۈرۈۋەتمەسلىك؛

   (6) باشقىچە پىكىر بار ئۇچۇرلارنى تەكشۈرۈش ۋە بىر تەرەپ قىلىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلماسلىق؛

   (7) گوۋۇيۈەننىڭ ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ساھەسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ياكى ئۇنىڭ ۋاكالەت ئاپپاراتىنىڭ تەكشۈرۈشىنى رەت قىلىش، ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىش ياكى مۇناسىۋەتلىك ھۆججەت، ماتېرىياللارنى ئەينەن بەرمەسلىك؛

   (8) ئىناۋەت گۇۋاھلىقى كەسپى قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۇچۇر سۇبيېكتىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان باشقا قىلمىشلار.

   ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلارنىڭ بىرى بولغان شەخسىي ئىناۋەت گۇۋاھلىقى تىجارىتى قىلىدىغان ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتلىرىدىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرى ياكى ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىنىڭ شەخسىي ئىناۋەت گۇۋاھلىقى كەسپىي تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ساھەسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى بىكار قىلىدۇ.

  39 – ماددائىناۋەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتلىرىدىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئالدىنقى يىللىق ئىناۋەت گۇۋاھلىقى كەسپىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلىرىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ساھەسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ياكى ئۇنىڭ ۋاكالەت ئاپپاراتى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ مۆھلەت ئۆتكىچە تۈزەتمىگەن بولسا، ئورۇنغا 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

  40 – مادداپۇل مۇئامىلە ئىناۋەت ئۇچۇرىنىڭ ئۇل مەلۇمات ئامبىرىغا ئۇچۇر بېرىدىغان ياكى سۈرۈشتۈرىدىغان ئاپپاراتلاردىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ساھەسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ياكى ئۇنىڭ ۋاكالەت ئاپپاراتى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئورۇنغا 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ. ئۇچۇر سۇبيېكتىغا زىيان يەتكۈزگەنلەر ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:

   (1) ئۇچۇرنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا بېرىش ياكى سېتىش؛

   (2) ئۇچۇرنى سەۋەنلىك بىلەن ئاشكارىلاپ قويۇش؛

   (3) ئۇچۇر سۇبيېكتىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، شەخسىي ئۇچۇر ياكى كارخانىنىڭ كىرېدىت ئۇچۇرىنى سۈرۈشتۈرۈش؛

   (4) باشقىچە پىكىرنى بىر تەرەپ قىلىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلماسلىق ياكى ھەقىقەتەن خاتا بولۇپ قالغان ۋە چۈشۈپ قالغان ئۇچۇرلارنى تۈزەتمەسلىك؛

   (5) گوۋۇيۈەننىڭ ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ساھەسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ياكى ئۇنىڭ ۋاكالەت ئاپپاراتىنىڭ تەكشۈرۈشىنى رەت قىلىش، ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىش ياكى مۇناسىۋەتلىك ھۆججەت، ماتېرىياللارنى ئەينەن بەرمەسلىك.

  41 – ماددائۇچۇر بەرگۈچىلەر مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىغا، پۇل مۇئامىلە ئىناۋەت ئۇچۇرىنىڭ ئۇل مەلۇمات ئامبىرىغا شەخسلەرنىڭ قانۇن بويىچە ئاشكارىلانغان ناچار ئۇچۇرىنى بېرىشتىن ئىلگىرى، ئۇچۇر سۇبيېكتىغا ئۇقتۇرۇپ قويماي، ئېغىر قىلمىش سادىر قىلغان ياكى ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان بولسا، گوۋۇيۈەننىڭ ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ساھەسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ياكى ئۇنىڭ ۋاكالەت ئاپپاراتى ئورۇنغا 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ شەخسكە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

  42 – ماددائۇچۇردىن پايدىلانغۇچىلار مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، شەخسىي ئۇچۇرنى شەخسىي ئۇچۇر سۇبيېكتى بىلەن پۈتۈشكەن ئىشقا ئىشلەتمەي ياكى شەخسىي ئۇچۇر سۇبيېكتىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ 3 – تەرەپكە بېرىپ، ئېغىر قىلمىش سادىر قىلغان ياكى ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان بولسا، گوۋۇيۈەننىڭ ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ساھەسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ياكى ئۇنىڭ ۋاكالەت ئاپپاراتى ئورۇنغا 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ شەخسكە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ. ئۇچۇر سۇبيېكتىغا زىيان سالغانلار ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

  43 – مادداگوۋۇيۈەننىڭ ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ساھەسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ ۋە ئۇنىڭ ۋاكالەت ئاپپاراتىنىڭ خادىملىرىدىن خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە – كەلمەس پايدىلانغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغان، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا قانۇنغا ئاساسلانمىغان ياكى دۆلەت مەخپىيىتىنى، ئۇچۇر سۇبيېكتىنىڭ ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاپ قويغانلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ. ئۇچۇ سۇبيېكتىغا زىيان يەتكۈزگەنلىرى ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

  44 – ماددابۇ نىزامدىكى تۆۋەندىكى سۆز – ئىبارىلەرنىڭ مەنىسى:

   (1) ئۇچۇر بەرگۈچىلەر دېگىنىمىز، ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتلىرىغا ئۇچۇر بېرىدىغان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى، شۇنىڭدەك پۇل مۇئامىلە ئىناۋەت ئۇچۇرىنىڭ ئۇل مەلۇمات ئامبىرىغا ئۇچۇر بېرىدىغان ئورۇنلارنى كۆرسىتىدۇ.

   (2) ئۇچۇردىن پايدىلانغۇچىلار دېگىنىمىز، ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى ۋە پۇل مۇئامىلە ئىناۋەت ئۇچۇرىنىڭ ئۇل مەلۇمات ئامبىرىدىن ئۇچۇر ئالغان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى كۆرسىتىدۇ.

   (3) ناچار ئۇچۇر دېگىنىمىز، ئۇچۇر سۇبيېكتىنىڭ ئىناۋەت ئەھۋالىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغان تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى، جۈملىدىن ئۇچۇر سۇبيېكتىنىڭ قەرز ئېلىش، نېسى سېتىۋېلىش، كېپىل بولۇش، ئىجارە ئېلىش – بېرىش، سۇغۇرتىلىتىش، كىرېدىت كارتىسى ئىشلىتىش قاتارلىق پائالىيەتلەردە مەجبۇرىيىتىنى توختام بويىچە ئادا قىلمىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرى، ئۇچۇر سۇبيېكتىغا مەمۇرىي جازا بېرىلگەنلىك ئۇچۇرى، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۇچۇر سۇبيېكتى ئۈستىدە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش ھەققىدە ھۆكۈم ياكى كېسىم چىقارغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرى، شۇنىڭدەك گوۋۇيۈەننىڭ ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ساھەسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى بەلگىلىگەن باشقا ناچار ئۇچۇرلارنى كۆرسىتىدۇ.

  45 – ماددائىناۋەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنى چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلىغى بىلەن قۇرۇش شەرتىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ساھەسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە بېكىتىپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىدۇ.

   چېگرا سىرتىدىكى ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتلىرى چېگرا ئىچىدە ئىناۋەت گۇۋاھلىقى تىجارىتى قىلىشتا، گوۋۇيۈەننىڭ ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ساھەسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تەستىقىنى ئېلىشى كېرەك.

  46 – ماددابۇ نىزام يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن شەخسىي ئىناۋەت گۇۋاھلىقى تىجارىتى قىلىۋاتقان ئاپپاراتلار بۇ نىزام يولغا قويۇلغان كۈندىن باشلاپ ئالتە ئاي ئىچىدە بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە شەخسىي ئىناۋەت گۇۋاھلىقى تىجارەت ئىجازەتنامىسى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.

   بۇ نىزام يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن كارخانا ئىناۋەت گۇۋاھلىقى تىجارىتى قىلىۋاتقان ئاپپاراتلار بۇ نىزام يولغا قويۇلغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ ئاي ئىچىدە بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

  47 – ماددابۇ نىزام 2013 – يىل 3 – ئاينىڭ 15 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

   (تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن – نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#