ماۋزېدۇڭ

ماۋزېدۇڭ

ماۋزېدۇڭ بولسا 1893 يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى تۇغۇلغان، 1976-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى ۋاپات بولغان، شائىر، ئۇلۇغ ماركىسىزىمچى، پرولېتارىيات ئىنقىلاپچى، ستراتېگىيىچى، نەزەرىيىچى، جۇڭگو كومىنىستىك پارتىيەسى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى نىڭ ئاساسلىق ياراتقۇچىسى ۋە رەھبىرى. 1949-يىلدىن 1976-يىلغىچە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى نىڭ ئەڭ يۇقىرى رەھبەرلىكىنى ئۆز ئۆستىگە ئالغان. ئۆز ئۈستىگە ئالغان ۋەزىپە رەئىس دەپ ئاتىلىدىغان بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنى ھۆرمەتلەپ «ماۋجۇشى» دەپ ئاتىغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ماۋزېدۇڭ
باشقا نامى 石三伢子、二十八画生
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1893-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى خۇنەن ئۆلكىسىدە قۇرۇلغان بىرىنچى پىداگوگىكا مەكتىپى
خەنزۇچە ئىسمى 毛泽东
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى
يۇرتى خۇنەن ئۆلكىسى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1976-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ماۋزېدۇڭ رەسىملىرى

ماۋزېدۇڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتيەسىگە رەھبەرلىك قىلىپ ھاكىمىيەتنى قوغا كەلتۈردى، ئۇ جۇڭگونى ئۆزگەرتىش ئىشىغا 27 يىل رىياسەتچىلىك قىلدى.

ماۋزېدۇڭ 1893-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى جۇڭگودىكى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شاۋشەن يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى ھاللىق ئوتتۇرا دېھقان ئىدى. 1911-يىلى، ماۋزېدۇڭ 18 ياشقا كىرگەن يىلى، جۇڭگودا 17-ئەسىردىن باشلاپ جۇڭگوغا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ كېلىۋاتقان چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئىنقىلاب پارتلىدى.

نەچچە ئاي ئىچىدە چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئاغدۇرۇلۇپ، جۇمھۇرىيەت جاكارلاندى. ئەپسۇسكى، بۇ قېتىمقى ئىنقىلابنىڭ داھىيلىرى جۇڭگودا بىرلىككە كەلگەن مۇستەھكەم ھۆكۈمەت ئاساىنى تۇرغۇزالمىدى. ئىنقىلابتىن كېيىنكى ناھايىتى ئۇزۇن بىر مەزگىل ئىچىدە ئىچكى ۋەزىيەت تۇراقلىق بولمىدى. ئىچكى ئۇرۇش تاكى 1949-يىلىغىچە داۋام قىلدى.

ماۋزېدۇڭ ياش ۋاقتىدا سىياسىي ئىدىيە جەھەتتە سولچى ئىدى. 1921-يىلى، ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئاساسىي قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى ئىدى. بىراق، 1935-يىلىغا كەلگەندە ئاندىن پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىك ئورنىغا چىقتى. 

شۇ مەزگىلدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى قەتئىي قەدەملەر بىلەن ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىش نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە ئىدى. 1927-يىلى ۋە 1934-يىلى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نەچچە قېتىم ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى، بىراق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى بۇنىڭغا بەرداشلىق بەردى. 1935-يىلىدىن باشلاپ، ماۋزېدۇڭنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى كۈچىيىشكە باشلىدى. 1947-يىلىدىن باشلاپ كوممۇنىستلار جياڭ جېيشى باشچىلىقىدىكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۇرۇش ئېلىپ باردى.

1949-يىلى كومپارتىيە قوشۇنلىرى غەلىبە قىلىپ، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىنى پۈتۈنلەي كونترول قىلدى. 

ماۋزېدۇڭ ھۆكۈمەتنى ئۆتكۈزۈۋالغاندا، 36 يىلدىن ئارتۇق ئىچكى ئۇرۇشنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن جۇڭگو، ھەممە يېرى جاراھەت بىلەن قاپلانغان، نامراتلىقتىن ھالى قالمىغان، ئاھالىسىنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى ساۋاتسىز ئىدى. بۇ چاغدىكى ماۋزېدۇڭ 56 ياشتا ئىدى. ئۇ ئىچكى ئۇرۇش قالدۇرۇپ كەتكەن قىينچىلىقلارغا تاقابىل تۇرۇش جەريانىدا مەغلۇپ بولۇشتىن ئەندىشە قىلاتتى. بىراق، ئۇ ئادەتتىن زىيادە چىداملىق ۋە غەيرەت بىلەن دۆلەتنىڭ سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشتى، مائارىپ ئىشلىرىغا ناھايىتى ئەھمىيەت بەردى، خەلقنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى ياخشىلىدى. ئاخىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بۇ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ چىقتى. ئارقىدا قالغان جۇڭگوغا نىسبەتەن، بۇ ئۆزگىرىشلەر تېخى كۇپايە قىلمايتتى. دۆلەتنى ئىقتىسادىي جەھەتتە كاپىتالىزم تۈزۈمىدىن سوتسىيالىزم تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىش كومپارتىيە ھۆكۈمىتى قىلغان ئىككىنچى ئىش ئىدى. سىياسىي جەھەتتە، ماۋزېدۇڭ قاتتىق دىكتاتۇرا تۈزۈمىنى ئورناتتى. ماۋزېدۇڭ ئىجتىمائىي ئىنقىلاب قوزغاپ، شەخسلەرنىڭ ئائىلىگە بولغان ساداقەتمەنلىكىنى دۆلەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا بۇراشقا تىرىشتى؛ بۇ ئۆزگىرىش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى، چۈنكى جۇڭگولۇقلار ئائىلىگە ناھايىتى سادىقلىقى بىلەن مەشھۇر. ئۇ يەنە كەڭ كۆلەمدە كۇڭزى تەلىماتىنى تەنقىد قىلىش ھەرىكىتىنى قوزغىدى. بۇ ھەرىكەت خېلى مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. 

1949-يىلدىن 1976-يىلىغىچە، ماۋزېدۇڭ جۇڭگونىڭ بىرىنچى قول رەھبىرى ئىدى. 1958-يىلدىكى «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش» ئۇنىڭ پىلانىنىڭ بىر قىسمى ئىدى. نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر، بۇ قېتىمقى يېزىلارد ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى كۈچەيتىش پىلانى مەغلۇپ بولدى(بۇ پىلان قانداقلا بولمىسۇن ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى) دەپ قارىشىدۇ. ئۇنىڭ ئىككىنچى پىلانى 6619-يىلى باشلانغان «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» ئىدى. بۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئىچىدىكى بيۇروكراتچىلىققا قارشى بىر قېتىملىق ئىچكى ئۇرۇش ئىدى.

قىزىق يېرىش شۇكى، ماۋزېدۇڭ «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش» ھەرىكىتىنى ئېلىپ بارغاندا، ئۇنىڭ يېشى 60 تىن ئاشقان، «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» نى باشلىغاندا يېشى 70 تىن ئاشقان، ئۇ ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋەتتە يېقىنلىشىشقا باشلىغاندا 80 ياشقا كىرىپ قالغانىدى. 

ماۋزېدۇڭ ئەسلى شەھەردىكى سانائەت ئىشچىلىرى كوممۇنىستىك پارتىيىنى قوللايدىغان مۇستەھكەم ئاساس بولۇپ چىقىدۇ، دەپ قارىغانىدى. بىراق، ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىپ، دېقھانلارنىڭ كۈچىگە تاياندى. ئۇ يېزا ئىگىلىككە ۋە يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىدى. [0]

ماۋزېدۇڭجۇڭگو كومىنىستىك پارتىيەسى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى نىڭ ئاساسلىق ياراتقۇچىسى ۋە رەھبىرى . 1949-يىلدىن 1976-يىلغىچە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى نىڭ ئەڭ يۇقىرى رەھبەرلىكىنى ئۆز ئۆستىگە ئالغان.

«ماۋزېدوڭ تاللانما توپلىمى»

«ماۋزېدوڭ ئەسەرلىرى توپلىمى»

«ماۋزېدوڭ شېئىرلىرى» 

ماۋزېدۇڭماۋزېدوڭ جۇڭگونى سوتسىيالىزىم يولىغا باشلاپ ماڭغان، سوتسىيالىستىك ئاساسىي تۈزۈمنى ئورناتقان.

ماۋزېدوڭ جۇڭخۇا خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرلىشى يولىنى ئېچىپ بەرگەن، سوتسىيالىزىم يولىدا مېڭىپ جۇڭخۇا خەلقىنىڭ گۈللىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان يېڭى دەۋرىنى باشلىغان.

خەلق ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولىدىغان يېڭى دەۋرىنى ياراتقان، سوتسىيالىستىك دىمۇكراتىيەنى ئەمەلەلگە ئاشۇرىشىنىڭ جاپا-مۇشەققەتلىك ھەم ئەگرى-توقاي ئىزدىنىشىنى باشلىغان.

جۇڭگۇ كومىنىستىك پارتىيىسىنىڭ مەمۇرى ئورنىنى ئورناتقان، مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ئاساسىدىكى تىنچلىق دىپلوماتىيىسىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن.

جۇڭگۇ كومىنىستىك پارتىيىسىنىڭ مەمۇرى ئورنىنى ئورناتقان، ماركىسىزىملىق سىياسى پارتىيىسىنىڭ ئىلغارلىقى ۋە مەمۇرى ئورنىنى ساقلاش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز ئىزدەنگەن.

ماۋزېدوڭ 1976-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى ۋاپات بولغان، شائىر، ئۇلۇغ ماركىسىزىمچى ،پرولېتارىيات ئىنقىلاپچى ، ستراتېگىيىچى، نەزەرىيىچى، جۇڭگو كومىنىستىك پارتىيىسى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى نىڭ ئاساسلىق ياراتقۇچىسى ۋە رەھبىرى . 1949-يىلدىن 1976-يىلغىچە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى نىڭ ئەڭ يۇقىرى رەھبەرلىكىنى ئۆز ئۆستىگە ئالغان . ماۋزېدوڭ ئۆز ئۈستىگە ئالغان  ۋەزىپە  رەئىس دەپ ئاتىلىدىغان بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنى ھۆرمەتلەپ «ماۋجۇشى» دەپ ئاتىغان. ماۋزېدوڭ  ھازىرقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم شەخىسلەرنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ، دەۋىر گېزىتىدە ئۇ 20-ئەسىردىكى تەسىر كۈچى بولغان 100 شەخىسنىڭ بىرى دەپ باھالانغان.

ماۋزېدۇڭ لېنىننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانىدى. لېنىن-روسىيە كوممۇنىزمنىڭ ئاساسچىسى ئىدى. ئۇ شۇندق جۇڭگونىڭ كوممۇنىزم ئىشلىرىغا يول ئېچىپ بەردى. ئەمەلىيەتتە، ماۋزېدۇڭدەك بىر ھازىرقى زامان ئادىمىگە قانداق باھا بېرىش قىيىن بىر مەسىلە، چۈنكى بىز كېلەچەكتە جۇڭگو خەلقى ئۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز. قانداقلا بولمىسۇن، بىز ئۇنى چىن سىخۇاڭ بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرسەك بولىدۇ، بۇ ئىككىلىسى جۇڭگودا بىر قاتار ئىنقىلابنى ۋۇجۇدقا چىقارغانىدى. بۇ كىتابتا بىز چىن سىخۇاڭنى ماۋزېدۇڭنىڭ ئالدىغا تىزىشىمىزدىكى سەۋەب، چىن سىخۇاڭنىڭ تەسىرى تەخمىنەن 22 ئەسىردەك داۋام قىلدى؛ بىراق، شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا، ھېچقايسىمىز ماۋزېدۇڭنىڭ جۇڭگو خەلقى ئىچىدىكى تەسىرى ۋە ئابرويىنىڭ قايسى ۋاقىتقىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز ۋە مۇئەييەنلەشتۈرەلەيمىز. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (6 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    66.7%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    16.7%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    16.7%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#