شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش نىزامى

ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش نىزامى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش نىزامى 2009-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14-يىغىنىدا ماقۇللانغان. 

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش نىزامى
ماقۇللانغان ۋاقتى 2009-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2009-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
خەنزۇچە نامى 新疆维吾尔自治区信息化促进条例
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 2009-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى
ھۆججەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15-نومۇرلۇق ئېلانى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15-نومۇرلۇق ئېلانى 

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش نىزامى» 2009-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14-يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. ھازىر ئېلان قىلدۇق.

2009-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى

1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1-ماددا بۇ نىزام ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش بىلەن سانائەتلەشتۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى تېزلىتىش مەقسىتىدە، ئالاقىدار قانۇن، نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

2-ماددا بۇ نىزام ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈش، ئۇچۇر قۇرۇلۇشى قىلىش، ئۇچۇر تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش ۋە قوللىنىش، ئۇچۇر بايلىقىدىن ئېچىپ پايدىلىنىش، ئۇچۇر كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش، ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە تەتبىقلىنىدۇ.

3-ماددا ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىياتىدا، بىر تۇتاش پىلانلاش، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، قوللىنىشقا يېتەكلەش، بازارغا يۈزلەندۈرۈش، تەرتىپلىك راۋاجلاندۇرۇش، پائال يېتەكلەش، ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش، بىخەتەرلىكنى كاپالەتلەندۈرۈش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك.

4-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۇنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش مەخسۇس مەبلىغى ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەدبىر قوللىنىپ، ئۇچۇر تېخنىكىسىنى يارىتىش ۋە قوللىنىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئەھلىلىرىنى تەربىيىلەش ۋە كىرگۈزۈشكە ئىلھام بېرىپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىش،ئومۇملاشتۇرۇش ۋە تەربىيىلەش ئىشلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىشى كېرەك.

5-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاش، ماسلاشتۇرۇش، يېتەكچىلىك قىلىش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.

تەرەققىيات-ئىسلاھات، مالىيە، جامائەت خەۋپسىزلىكى،رادىئو-تېلېۋىزىيە ۋە خەۋەرلىشىش تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىگە ئالاقىدار مەسئۇلىيىتىنى ئۆز دائىرىسىدە ئادا قىلىدۇ.

6-ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇشقا ئالاقىدار پەن تەتقىقات، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش، ئۇچۇر بايلىقىنى يارىتىش، كېڭەيتىش، قوللىنىش، تەربىيىلەش ۋە مۇلازىمەت قىلىش پائالىيەتلىرىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىلىدۇ.

7-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ۋە ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلىشى ۋە مۇكاپاتلىشى كېرەك.

2-باب ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىيات يىرىك پىلانى ۋە قۇرۇلۇشى

8-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش يىرىك پىلانىنى بىر دەرىجە يۇقىرى ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىيات يىرىك پىلانى، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تۈزۈپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىپ يولغا قويىدۇ.

ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈشتە، ئېلان قىلىش ۋە ئىسپات ئاڭلاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق جەمئىيەتتىن كەڭ پىكىر ئېلىش كېرەك.

9-ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ خەۋەرلىشىشنى باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى ئاپتونوم رايونىنىڭ خەۋەرلىشىش تورى قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رادىئو–تېلېۋىزىيە مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ رادىئو-تېلېۋىزىيە يەتكۈزۈش تورى قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، شۇ دەرىجىلىك ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزىدۇ.

باشقا ئالاقىدار تارماقلار ئۆز تارمىقى ۋە ئۆز ساھەسىنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش مەخسۇس پىلانىنى تۈزۈپ، تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

10-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىيات يىرىك پىلانىدىكى جامائەت ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى مەخسۇس يىرىك پىلانىنى شەھەر، يېزا قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

جامائەت ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەلىرىنى يېڭىدىن قۇرۇش، ئۆزگەرتىش ۋە كېڭەيتىشنى شۇ دەرىجىلىك ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، ھازىرقى ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەلىرى بىلەن تۇتاشتۇرۇش، قارىغۇلارچە مەبلەغ سېلىپ تەكرار قۇرۇلۇش قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

11-ماددا ھۆكۈمەت مەبلەغ سالغان ئۇچۇر قۇرۇلۇشى تۈرلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى تەرەققىيات–ئىسلاھات مەسئۇل تارمىقى تەستىقلاشتىن بۇرۇن، تەڭ دەرىجىلىك ئۇچۇرلاشتۇرۇش مەسئۇل تارمىقىدىن پىكىر ئېلىشى؛ ئۇچۇرلاشتۇرۇش مەسئۇل تارمىقى ئۇچۇرقۇرۇلۇشى تۈرىنىڭ پىلانلىنىشى، جايلىشىشى، تېخنىكا ئۆلچىمى، تور ۋە ئۇچۇر بىخەتەرلىكى، ئۇچۇر بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، شۇنىڭدەك باشقا ئالاقىدار مەزمۇنلارنى تەكشۈرۈش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك.

ھۆكۈمەت مەبلەغ سالمىغان چوڭ-چوڭ ئۇچۇر قۇرۇلۇشى تۈرلىرىدە قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى قانۇن بويىچە ئۆتىگەندىن كېيىن، شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

12-ماددا كومپيۇتېر ئۇچۇر سىستېمىسىنى توپلاشتۇرۇش ۋە ئۇچۇر سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى نازارەت قىلىشتا قانۇن بويىچە مۇناسىپ ساپاغا ئىگە بولۇش ھەمدە كەسىپنى ساپا دەرىجىسى دائىرىسىدە يولغا قويۇش كېرەك.

كومپيۇتېر ئۇچۇر سىستېمىسىنى توپلاشتۇرۇش كارخانىسىنىڭ ساپانامىسى ۋە ئۇچۇر سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى نازارەت قىلغۇچى ئورۇننىڭ ساپانامىسىنى ياسىۋېلىش، ئارىيەت بېرىش، ئىجارە بېرىش ۋە ئېلىپ سېتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

13-ماددا ئۇچۇر قۇرۇلۇشىدا تۈر قانۇنىي ئىگىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى، خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش تۈزۈمى، قۇرۇلۇش نازارەتچىلىك تۈزۈمى ۋە سۈپەت مەسئۇلىيەت تۈزۈمى قانۇن بويىچە يولغا قويۇلىدۇ.قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئۇچۇر قۇرۇلۇشىنى ساپاغا ئېرىشمىگەن ياكى مۇناسىپ ساپا ھازىرلىمىغان ئورۇنغا ھۆددە بەرسە بولمايدۇ.

14-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش مەسئۇل تارمىقى تەرەققىيات-ئىسلاھات، مالىيە، ئىقتىسادىي تەپتىش، مەمۇرىي تەپتىش تارمىقى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، ھۆكۈمەت مەبلەغ سالغان ئۇچۇر قۇرۇلۇش تۈرىگە مەبلەغ ئىشلىتىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشى كېرەك.

15-ماددا ئۇچۇر قۇرۇلۇشى تۈرى پۈتكەندىن كېيىن، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئۇچۇر قۇرۇلۇشىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش، تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەندىن كېيىن ئىشلىتىش كېرەك.

16-ماددا ئۇچۇر قۇرۇلۇشى قىلغۇچى ئورۇن قۇرۇلۇش سۈپىتىدە رېمونت كاپالەت جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، رېمونت كاپالەت مۇددىتى قۇرۇلۇش پۈتۈپ تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن كۈندىن باشلاپ ئىككى يىلدىن كەم بولماسلىقى كېرەك.

17-ماددا ھۆكۈمەت مەبلەغ سالغان ئۇچۇر قۇرۇلۇشى تۈرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۈنۈمىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش مەسئۇل تارمىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە باھالاپ تۇرۇشى كېرەك.

3-باب ئۇچۇر تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش ۋە قوللىنىش

18-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش مەسئۇل تارمىقى شۇمەمۇرىي رايوننىڭ ئۇچۇر تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش ۋە قوللىنىش قىبلىنەماسىنى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە قەرەللىك تۈزۈپ، كېڭەيتىش ۋە قوللىنىش نىشانى ھەم نۇقتىلىق ساھەلەرنى بېكىتىپ، نۇقتىلىق كېڭەيتىلىدىغان ۋە قوللىنىلىدىغان تۈرلەرنى يولغا قويۇشى كېرەك.

19-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بىرلىككە كەلگەن ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت تور سۇپىسىدىن پايدىلىنىشى كېرەك.

ھەر دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ كەسپىي ئىشلاردا قوللىنىدىغان سىستېمىسىدىن ئالاقە تورى ئارقىلىق پايدىلىنىشقا بولمىسا، ئاپتونوم رايون بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت تور سۇپىسىدىن پايدىلىنىش كېرەك.

20-ماددا مەمۇرىي ئورگانلار ۋە جامائەت مۇلازىمەت تەشكىلاتلىرى ئالاقىدار ئۇچۇرلىرىنى بايلىقتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش پرىنسىپى ۋە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش تۈزۈمى بويىچە، شۇ دەرىجىلىك مەمۇرىيەت ئۇچۇرلىرىنى ئالماشتۇرۇش سۇپىسىغا بېرىشى؛ جامائەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش، چوڭ-چوڭ سىياسەت ۋە پۇقرالارنىڭ مەنپەئىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىيەت ئۇچۇرلىرىنى قانۇن بويىچە ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى ۋە يېڭىلاپ تۇرۇشى كېرەك.

21-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا ئۇچۇر تېخنىكىسىنى قوللىنىشنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، كونكرېت يۆلەش سىياسىتى ۋە تەدبىرلىرىنى چىقىرىپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە دېھقان-چارۋىچىلارنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش بىلىمى بويىچە تەربىيلەشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ ئۇچۇر مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېھقان-چارۋىچىلارغا ئۇچۇر مۇلازىمىتى قىلىشى كېرەك.

22-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، كارخانىلارنىڭ تەتقىق قىلىش، يارىتىش، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت، باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇچۇر تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، ئېنېرگىيە تېجەش ۋە سەرپىياتنى تۆۋەنلىتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، مۇھىت ئاسراپ، مەھسۇلات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە ئىلھام بېرىشى؛ كارخانىلارنى ئېلېكترونلۇق سودا تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىناۋەت سىستېمىسى، توردا چىقىم قىلىش، ئەشيا ئوبوروتى ۋە تەقسىملەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە يېتەكلىشى كېرەك.

23-ماددا ئالاقە تورى ئۇچۇر مۇلازىمىتى قىلىشتا، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مۇناسىپ ئىجازەت ئېلىش ياكى ئەنگە ئالدۇرۇش رەسمىيىتىنى ئۆتەش ھەمدە تور بېكەتلىرىنىڭ ئاساسلىق بەتلىرىدە تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرى، ئالغان مۇناسىپ ئىجازەت ياكى ئەنگە ئالدۇرغانلىق ئىسپاتى، مۇلازىمەت قائىدىسى ۋە مۇلازىمەت جەريانى قاتارلىق ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاش كېرەك.

24-ماددا پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت، مائارىپ، مېتېئورولوگىيە، قۇرۇلۇش، قاتناش، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش، رادىئو-تېلېۋىزىيە ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق جامائەت مۇلازىمەت تەشكىلاتلىرى شۇ ساھەنىڭ ئەمەلىيىتىگە قاراپ، ئۇچۇر تېخنىكىسىنى قوللىنىش ساھەسىنى كېڭەيتىپ، جامائەتكە مۇلازىمەت قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

4-باب ئۇچۇر بايلىقىنى يارىتىش

25-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئالاقىدار تارماقلارنى جامائەت ئۇچۇر بايلىقى ۋە ئۇل ئۇچۇر بايلىقىنى يارىتىشقا تەشكىللەپ، پاراۋانلىق ئۇچۇر مۇلازىمىتى قىلىپ، جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنىڭ ئۇچۇر بايلىقىنى يارىتىشىغا مەدەت ۋە ئىلھام بېرىشى كېرەك.

26-ماددا ئاپتونوم رايونلۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش مەسئۇل تارمىقى ئۇچۇر بايلىقىنى يارىتىش ئۆلچەم سىستېمىسى ۋە مۇندەرىجىسىنى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تۈزۈشى كېرەك.

27-ماددا كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە شەخسلەر ئاشكارا ئۇچۇر بايلىقىدىن قانۇن بويىچە قىممىتىنى ئاشۇرۇپ پايدىلىنىپ، جەمئىيەتكە جامائەت پاراۋانلىقى مۇلازىمىتى ياكى ھەقلىق مۇلازىمەت قىلسا بولىدۇ. قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

28-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ مەمۇرىي رايوندىكى ئاز سانلىق مىللەت تىل-يېزىقىدىكى ئۇچۇر بايلىقىنى يارىتىش ۋە قوللىنىشنى كۈچەيتىشى، ئاز سانلىق مىللەت تىل-يېزىقىدىكى ئۇچۇر سىستېمىسىنى ياراتقۇچى، باشقۇرغۇچى ئىختىساسلىقلار ۋە مۇلازىمەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش مەسئۇل تارمىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، ئاز سانلىق مىللەت تىل-يېزىقىدىكى ئۇچۇر تېخنىكا ئۆلچىمىنى چىقىرىپ، ئاز سانلىق مىللەت تىل-يېزىقىدىكى ئۇچۇر تېخنىكىسىنى يارىتىش ۋە قوللىنىشقا يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە ئۇنى ماسلاشتۇرۇشى كېرەك.

5-باب ئۇچۇر كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش

29-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئالاقىدار سىياسەت چىقىرىپ، ئۇچۇر كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە مەدەت بېرىشىكېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش مەسئۇل تارمىقى خاس بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە ئېلېكترونلۇق ئۇچۇر مەھسۇلاتلىرى ۋە يۇمشاق ماتېرىيالمەھسۇلاتلىرى مۇندەرىجىسىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى كېرەك.

30-ماددا ئېلېكترونلۇق ئۇچۇر مەھسۇلاتلىرىنى لايىھىلەش، ئىشلەش ۋە يۇمشاق ماتېرىياللارنى يارىتىشتا، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش قانۇنى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە، ئىشلەپچىقىرىش ۋە يارىتىش ئىشلىرىنى تەشكىللەپ، مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئېلېكترونلۇق ئۇچۇر مەھسۇلاتلىرىنى لايىھىلەش ۋە ئىشلەشتە، بايلىقتىن پايدىلىنىش نىسبىتى يۇقىرى، يىغىۋېلىپ بىر تەرەپ قىلىش ئاسان ۋە مۇھىت ئاسراشقا پايدىلىق ماتېرىيال، تېخنىكا ۋە تېخنولوگىيىنى قوللىنىپ، ئېلېكترونلۇق ئۇچۇر مەھسۇلاتلىرىغا زەھەرلىك ۋە زىيانلىق ماددىلارنى ئىشلىتىشنى قاتتىق تىزگىنلەش كېرەك.

31-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ تارماقلىرىنىڭ ئۇچۇر ۋە تور سىسىتېمىسىنى يۈرۈشتۈرۈش، ئاسراش كەسىپلىرىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتنى ھازىرلىغان كەسپىي تېخنىكا تەشكىلاتلىرىغا پەيدىنپەي تاپشۇرۇپ، مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ ئۇچۇر ۋە تورىنى يۈرۈشتۈرۈش، ئاسراش مۇلازىمىتىنى كەسىپلەشتۈرۈش ۋە ئىجتىمائىيلاشتۇرۇش كېرەك.

32-ماددا خاس بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە ئېلېكترونلۇق ئۇچۇر مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەيدىغان، يۇمشاق ماتېرىيال يارىتىدىغان ۋە ئۇچۇر مۇلازىمىتى قىلىدىغان ئورۇن ۋە شەخسلەر خىراجەت سېلىنمىسى، قەرز پۇل ياردەم ئۆسۈمى، يەر ئىشلىتىش، ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش ۋە باج جەھەتلەردە دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئېتىبار سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

ئۇچۇر قۇرۇلۇشى تۈرلىرىدە قانۇنلۇق ھوقۇق بېرىلگەن يۇمشاق ماتېرىياللارنى ئىشلىتىش؛ خاس بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىشكە ئىلھام بېرىش كېرەك.

33-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش مەسئۇل تارمىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، ئۇچۇر مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى مەسئۇلىيىتىگە بىنائەن قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇپ، ئادىل رىقابەت تەرتىپى ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك.

6-باب ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش

34-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى تور، ئۇچۇر سىستېمىسىنى باشقۇرغۇچى، ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىكى جاۋابكارلىقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

ئۇل ئۇچۇر تورى ۋە مۇھىم ئۇچۇر سىستېمىسى مەسئۇل تارمىقى ياكى ئۇنى باشقۇرغۇچى ئورۇن ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ تىزگىنلەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، ئالاقە تورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، توردا تارقىتىلىدىغان ئۇچۇرلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، توردا مەدەنىيەت تارقىتىش ۋە جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكى يۆنىلىشىنى توغرا ئىگىلەپ، توردىكى جامائەت پىكرى ئەھۋالىغا ئىلمىي ھۆكۈم قىلىپ، قانۇنغا خىلاپ، زىيانلىق ئۇچۇرلارنى توسۇشى كېرەك.

35-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۇچۇر بىخەتەرلىكى بويىچە جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ۋە ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ھەمدە ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئۇچۇر سىستېمىسىنىڭ بىخەتەرلىك بويىچە مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارى ۋە ئۇچۇر بىخەتەرلىكى بويىچە تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

 ئۇچۇرلاشتۇرۇش مەسئۇل تارمىقى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى، دۆلەت شىفىر تارمىقى، مەخپىيەتلىك ساقلاش تارمىقى ۋە خەۋەرلىشىش تارمىقى قاتارلىق تارماقلار دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىگە مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ.

36-ماددا ئۇچۇر تورى ۋە ئۇچۇر سىستېمىسىنى قۇرغۇچى، باشقۇرغۇچى ۋە ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، شۇ ئورۇننىڭ ئۇچۇر تورى ۋە ئۇچۇر سىستېمىسى بىخەتەرلىكىنى قوغداش دەرىجىسىنى بېكىتىشى ھەمدە بېكىتىلگەن بىخەتەرلىك قوغداش دەرىجىسى بويىچە قۇرۇشى ۋە باشقۇرۇشى كېرەك.

37-ماددا ئۇچۇر تورى ۋە ئۇچۇر سىستېمىسىنى قۇرغۇچى ۋە ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئۇچۇر سىستېمىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەدبىر قوللىنىپ كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

دۆلەت ئىقتىسادى ۋە خەلق تۇرمۇشى، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا مۇناسىۋەتلىك ئۇل ئۇچۇر تورى ۋە مۇھىم ئۇچۇر سىستېمىسىدا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە،ئۇچۇر بىخەتەرلىكى خەۋپ-خەتىرىنى باھالاش ھەمدە ئاپەتكە تاقابىل تۇرىدىغان مۇناسىپ زاپاس سىستېمىنى ھازىرلاش كېرەك.

 38-ماددا ئۇچۇر بىخەتەرلىكى سىستېمىسىدا قانۇن بويىچە ئىسپات بېرىش، ئۆز ئالدىغا تىزگىنلىگىلى بولىدىغان ئۇچۇر بىخەتەرلىكى مەھسۇلاتلىرى ۋە تېخنىكىسىنى قوللىنىش ھەمدە ئۇنى ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى بىلەن تەڭ قىلىش، كېرەكلىك خىراجەتنى قۇرۇلۇش خامچوتىغا كىرگۈزۈش كېرەك.

دۆلەت مەخپىيىتىگە چېتىلىدىغان ئۇچۇر تورى ۋە ئۇچۇر سىستېمىسىدا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، مەخپىيەتلىك ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

 دۆلەت مەخپىيىتىگە ئالاقىدار ئۇچۇرلار ياكى سودا مەخپىيىتى ئۇچۇرلىرى ساقلانغان كومپيۇتېر ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار يانداش ئەسلىھەلىرىنى ئىشلەتمەيدىغان بولغاندا، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە كۆيدۈرۈۋېتىش كېرەك.

39-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش مەسئۇل تارمىقى ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە دائىر ئۇچۇرلاردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش ۋە خەۋەر قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئۇچۇر بىخەتەرلىكى بويىچە سىگنال بېرىش ۋە جىددىي بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشى كېرەك.

ئۇچۇر تورى ۋە ئۇچۇر سىستېمىسىنى باشقۇرغۇچى، ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ئورنىتىپ، شۇ ئورۇننىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىكى جىددىي لايىھىسىنى تۈزۈشى ھەمدە قەرەللىك ھالدا مانېۋىر ئۆتكۈزۈشى كېرەك.

40-ماددا ئۇچۇر تورىدىن پايدىلىنىپ تۆۋەندىكى قىلمىشلارنى سادىر قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ:

(1) دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش، دۆلەت مەنپەئىتى ۋە جامائەت مەنپەئىتىگە زىيان سېلىش؛

(2) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قۇترىتىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا خەۋپ يەتكۈزۈش؛

(3) ئۇچۇر تورى بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇر سىستېمىسى بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش؛

(4) بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى، سودا مەخپىيىتى، شەخسىي سىر شۇنىڭدەك پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە چېقىلىش؛

(5) ساختا، زىيانلىق ئۇچۇرلارنى بېرىش، تەييارلاش، ئېلان قىلىش ياكى تارقىتىش؛

(6) شەھۋانىيلىق، ئىشقىۋازلىق، زوراۋانلىق، تېررورلۇق، قاتىللىق تەرغىپ قىلىنغان ئۇچۇر ۋە جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە كۈشكۈرتىدىغان ئۇچۇرلارنى تەييارلاش، تارقىتىش؛

(7) قانۇن، نىزاملاردا مەنئى قىلىنغان باشقا قىلمىشلار.

7-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

41-ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 40-ماددىسىنىڭ (1)، (2) تارماقچىلىرىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۇچۇر تورىدىن پايدىلىنىپ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن، دۆلەت مەنپەئىتى ۋە جامائەت مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتقان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان،مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقان، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا خەۋپ يەتكۈزگەنلەرگە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىدۇ ھەمدە قانۇن يۈرگۈزگۈچى ئورگانلار جىنايى جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە قاتتىق، تېز سۈرۈشتۈرىدۇ.

 مۇشۇ نىزامنىڭ 40-ماددىسىنىڭ (3)، (4)، (5)،(6) تارماقچىلىرىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە، تەسىرنى تۈگىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئورۇنغا 3000 يۈەندىن يۇقىرى، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، شەخسكە 200 يۈەندىن يۇقىرى، 3000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ ئامانلىق باشقۇرۇش تەرتىپىگە خىلاپلىق قىلغانلارغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى» بويىچە جازا بېرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ ئالاقىدارلارغا زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

42-ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:

(1) ئۇچۇر قۇرۇلۇشىنى ساپاغا ئېرىشمىگەن ياكى مۇناسىپ ساپا ھازىرلىمىغان ئورۇنغا ھۆددە بەرگەنلەر؛

(2) ساپاغا ئېرىشمەي ياكى مۇناسىپ ساپا ھازىرلىماي تۇرۇپ، ئۇچۇر قۇرۇلۇش تۈرىنى ھۆددە ئالغانلار؛

(3) كومپيۇتېر ئۇچۇر سىستېمىسىنى توپلاشتۇرۇش كارخانىسىنىڭ ساپانامىسى ۋە ئۇچۇر سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى نازارەت قىلغۇچى ئورۇننىڭ ساپانامىسىنى ياسىۋالغان، ئارىيەت بەرگەن، ئىجارە بەرگەن ۋە ئېلىپ ساتقانلار.

43-ماددا تور باشقۇرغۇچى ۋە ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۇچۇر بىخەتەرلىكى جاۋابكارلىقىنى ئەمەلىيلەشتۈرمەي، ئۇچۇر بىخەتەرلىكى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرمەي، توردا تارقىتىلىدىغان ئۇچۇرنى قاتتىق تەكشۈرمەي، قانۇنغا خىلاپ، زىيانلىق ئۇچۇرلارنىڭ تارقىلىشىغا سەۋەبچى بولغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە، تەسىرىنى تۈگىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 3000 يۈەندىن يۇقىرى، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى ئالاقىدار تارماق قانۇن بويىچە بىكار قىلىدۇ ياكى تور سىستېمىسىنى توختىتىۋېتىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

44-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش مەسئۇل تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلارنىڭ خادىملىرىدىن ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىدە نەپسانىيەتچىلىك قىلغان، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلانغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغانلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

45-ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، مەمۇرىي جازا بېرىلىدىغان باشقا قىلمىش سادىر قىلغانلارغا ئالاقىدار قانۇن، نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

8-باب قوشۇمچە پرىنسىپ

46-ماددا بۇ نىزامدا ئېيتىلغان ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئۇچۇر تېخنىكىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئۇچۇر بايلىقىدىن ئېچىپ پايدىلىنىپ، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ۋە بىلىمدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ بۇرۇلۇش قەدىمىنى تېزلىتىشنى كۆرسىتىدۇ.

47-ماددا بۇ نىزامدا ئېيتىلغان ئۇچۇر قۇرۇلۇشى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى ئۇچۇر تورى سىستېمىسى، ئۇچۇر بايلىقى سىستېمىسى، ئۇچۇر تېخنىكىسىنى قوللىنىش سىسىتېمىسى، ئاپتوماتىك تىزگىنلەش ۋە كۆزىتىش سىستېمىسى شۇنىڭدەك يۇمشاق ماتېرىيال قۇرۇلۇشىنى كۆرسىتىدۇ.

48-ماددا بۇ نىزام 2009-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى 

http://uygur.news.cn/2012-04/26/c_131553721_5.htm

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/3198595.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#