رومىن روللان

رومىن روللان

رومىن روللان (1866-1944-يىللار) 22 يېشىدا نەچچە ئون بەتلىك ئۇزۇن بىر پارچە خەتنى تاپشۇرۈۋالىدۇ، خەت يازغان كىشى نامى جاھانغا مەشھۇر، يېشى 60 تىن ئاشقان لېف تولستوي ئىدى. خەتتە تولستوي رومىن روللان سورىغان سوئاللارغا جاۋاب بەرگەنىدى، يەنە ئۇنى ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا قىزغىن ئىلھاملاندۇرغانىدى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى رومىن روللان
باشقا نامى Romain Rolland
مىللىتى فرانسۇز مىللىتى
تۇغۇلغان ۋاقتى 1866-يىلى
كەسپى مۇتەپەككۇر، ئەدىب، مۇزىكا ئوبزورچىسى
خەنزۇچە ئىسمى 罗曼·罗兰
دۆلەت تەۋەلىكى فرانسىيە
يۇرتى فرانسىيە كلامېسى بازىرى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1944-يىلى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى فرانسىيە پارىژ ئالىي پېداگوگىكا مەكتىپى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

رومىن روللانرومىن روللان (1866-1944-يىللار) 22 يېشىدا نەچچە ئون بەتلىك ئۇزۇن بىر پارچە خەتنى تاپشۇرۈۋالىدۇ، خەت يازغان كىشى نامى جاھانغا مەشھۇر، يېشى 60 تىن ئاشقان لېف تولستوي ئىدى. خەتتە تولستوي رومىن روللان سورىغان سوئاللارغا جاۋاب بەرگەنىدى، يەنە ئۇنى ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا قىزغىن ئىلھاملاندۇرغانىدى ھەم ئۇنىڭغا: «ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئەدەبىيات-سەنئەت بىلەن شۇغۇللانماي بولمايدۇ! . . . يالغان ئېيتماسلىق، ھەقىقەتتىن قورقماسلىق كېرەك! » دەپ كۆرسەتكەنىدى. رومىن روللانغا بۇ خەت «بىپايان ئالەمگە ئېچىلغان بىر ئىشىك» بولۇپ تۇيۇلدى، ئۇنى «بىر خىل تۇرمۇش ئىلھامىغا» ئېرىشتۈردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەدەبىيات بىلەن شۇغۇللىنىشقا بەل باغلىدى، كېيىنكى كۈنلەردە نۇرغۇن ئەسەر يېزىپ، شەرەپ بىلەن 1915-يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 

رومىن روللان دەسلەپتە فرانسىيە ئىنقىلابى تېما قىلىنغان بىرمۇنچە درامىلارنى يازغان. ئۇ مۇشۇ «ئىنقىلابىي دراما» لار ئارقىلىق تارىختىكى قەھرىمانلاردىن پايدىلىنىپ خەلقنى تەربىيىلەشنى ئۈمىد قىلغان. 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ ئۇ ئۇلۇغ كىشىلەرنىڭ تەرجىمىھالىنى يېزىشقا باشلاپ، كۆزگە كۆرۈنگەن ئاشۇ سەنئەتكارلارنى مەدھىيىلىگەن. بىتخوۋېننىڭ تەرجىمىھالى، مىكېلانجېلۇنىڭ تەرجىمىھالى ۋە لېف تولستوينىڭ تەرجىمىھالى قاتارلىقلار دۇنياغا مەشھۇر بىئوگرافىك ئەسەرلەر ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ مۇھىم ۋەكىللىك ئەسىرى «يوھان كرىستوف»، ئۇ 10 باب.  

يوھان كرىستوفروماندا جاپا-مۇشەققەت ئىچىدە يېگانە كۈرەش قىلغان بىر زىيالىينىڭ ئوبرازى يارىتىلىپ، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى دىن ئىلگىرىكى ياۋروپا جەمئىيىتىنىڭ بىپايان مەنزىرىسى سىزىپ بېرىلىپ، نۇرغۇن زور ئىجتىمائىي تۇرمۇش مەسىلىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. يوھان كرىستوف گېرمانىيە دە بىر نامرات مۇزىكانت ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، كىچىكىدىنلا ئادەتتىن تاشقىرى مۇزىكا تالانتىنى ئىپادىلىگەن، كېيىن دادىسىغا ئەگىشىپ ئوردىغا كىرىپ مۇزىكا چالىدۇ، شۇ چاغدا فېئودال ئاقسۆڭەكلەرنىڭ تەكەببۇرلۇقىنى، ئۇششاق شەھەر خەلقىنىڭ قۇللارچە ئېگىلىشىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىدۇ. ئۇ زەردارلارنى نەزىرىگە ئىلمايدۇ، مىشچانلارغا زەربە بېرىدۇ، ئاقسۆڭەكلەرگە قارشىلىق كۆرسىتىدۇ، شۇڭا چەتكە قېقىلىپ، تۇرمۇش كەچۈرۈشىمۇ قىيىن بولۇپ قالىدۇ. لېكىن، ئۇ تەقدىرگە بويۇن ئەگمەي، گېزىتلەردە ماقالە ئېلان قىلىپ، يۇقىرى قاتلام جەمئىيىتىنىڭ مۇزىكىنى دەپسەندە قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلىپ، نۇرغۇن ئادەمنى رەنجىتىدۇ. بىر قېتىم ئەسكەرلەر بوزەك قىلىۋاتقان دېھقاننى قۇتۇلدۇرىمەن دەپ، ئۆلۈم ۋەقەسى تۇغدۇرۇپ قويۇپ، فرانسىيىگە قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. لېكىن، فرانسىيە جەمئىيىتىنىڭ ھەممىلا يېرى مەنپەئەتپەرەسلىك بىلەن تولغان، مۇزىكا ساھەسى ناھايىتى روھسىز ئىدى. ئۇ رەزىللىككە زەربە بېرىپ، ئۆزى يالغۇز جەڭ قىلىپ، ھەممىلا يەردە مىخقا ئۈسىدۇ. ئۇ خەلق ئارىسىغا بېرىپ خەلقنىڭ دەردىگە ھېسداشلىق قىلسىمۇ، لېكىن خەلق ئاممىسىنىڭ كۈچىنى كۆرەلمەيدۇ. ئاخىرىدا پۈتۈن ئارزۇلىرى يوققا چىقىپ، دىنىي مۇزىكا ئىجاد قىلىشقا كىرىشىپ، روھىي جەھەتتىن ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى قوغلىشىدۇ.

بۇ روماننىڭ مۇزىكىلىقى باشقا يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن پەرقلىنىدىغان ئەڭ روشەن بەدىئىي ئالاھىدىلىك بولۇپ، ئۇنى 1913-يىللىق فرانسىيە ئۆلىمالار مەھكىمىسىنىڭ ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ۋە 1915-يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا نائىل قىلدى. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#