جوسېف برودسكى

جوسېف برودسكى

جوسېف برودسكى 1940-يىلى5-ئاينىڭ 24-كۈنى لېنىنگىراتتىكى بىر يەھۇدىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، 1996-يىلى1-ئاينىڭ 28-كۈنى ۋاپات بولغان. ئامېرىكىلىق شائىر، نەسىرچى، نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى جوسېف برودسكى
باشقا نامى Joseph Brodsky
مىللىتى يەھۇدىي
تۇغۇلغان ۋاقتى 1940-يىلى5-ئاينىڭ24-كۈنى
كەسپى شائىر، نەسىرچى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 约瑟夫·布罗茨基
دۆلەت تەۋەلىكى ئامېرىكا
يۇرتى لېنىنگىرات
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1996-يىلى1-ئاينىڭ28-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جوسېف برودسكىجوسېف برودسكى (1940-1996)، ئامېرىكىلىق شائىر.لېنىنگىراتتىكى بىر يەھۇدىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. دادىسى فوتوگىراف بۇلۇپ، بىرودىسكى كىچىكىدىن باشلاپلا ئەركىنلىكنى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتى، مەكتەپنىڭ ئۆلۈك مائارىپىغا قايىل بولمىغانلىقتىن 15 يېشىدىلا ئۇقۇشنى تاشلاپ جەمىيئەتكە چىقىپ كەتكەن. ئۇ ئىلگىرى-كىيىن بۇلۇپ، پويىز پار ئىشچىسى، مىتال تاختاي ئىشچىسى، دوختۇرخانا جەسەت ساقلاش ئۆيى ئىشچىسى، گىئولوگىيلىك چارلاش ئەترىتىنىڭ ئىشچىسى بولغان. ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا شېئىر يېزىش-تەرجىمە قىلىش بىلەن شۇغۇللانغان.        

جوسېف برودسكىبىرودىسكى 1955-يىلدىن باشلاپ رەسمىي شېئىر يېزىشقا باشلىغان بولۇپ، دەسلەپكى شېئىرلىرى ياش يازغۇچى-سەنئەتكارلار باشقۇرغان «سىنتاكىس» ژۇرنىلىدا ئىلان قىلىنغان ھەمدە دىكلىماتسىيە ۋە قولىدا كۆچۈرۈش شەكلى ئارقىلىق جەمىئەتكە تارقىلىپ، ئۇنىڭ ئاجايىپ شېئىرىي تالانتى نامايەن بولۇشقا باشلاپ «كوچا شائىرى»دەپ ئاتالغان ھەمدە ئاننا ئاخماتوۋا قاتارلىق مەدەنىيەت ساھاسىدىكى زاتلارنىڭ ھۆرمەتلىشىگە ئىرىشكەن. 1960-يىلى بىرودسكى سوت تەرىپىدىن «جەمىيئەت پارازىت قۇرتى» دېگەن جىنايەت بىلەن بەش يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرىغا ئەۋەتىلگەن،15 ئايدىن كىيىن، سوۋىت ئىتتىپاقىدىكى بىرقىسىم داڭلىق يازغۇچى-سەنئەتكارلارنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا جازا بىكار قىلىنىپ، لېنىنگىراتقا قايتىشقا ئىجازەت قىلىنغان.

 1963-يىلى ئۇنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئىجادىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان داڭلىق ئەسىرى«جون دىڭغا تەزىيە»ناملىق ئۇزۇن شېئىرى ئېلان قىلىنغان. شۇنىڭدىن كېيىن،يەنى 1965- يىلىدىن باشلاپ، بىرودىسكىنىڭ«قاپىيىلىك ئەسەر ۋە شېئىر» (1965)، «تاغ باغرى ۋە باشقىلار »(1967)، «قاقاس چۆللۈكتىكى تۇرۇپ قېلىش»(1970) قاتارلىق شېئىر توپلاملىرى ئامېرىكا،فىرانسىيە،غەربىي گىرمانىيە ۋە ئەنگىلىيىدە ئارقا- ئارقىدىن نەشىر قىلىنغان.

 1972-يىلى برودسكى سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چېگىردىن قوغلاپ چىقىرۋېتىلگەن ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي ئامېرىكا مىچىگان ئۇنۋېرستېتىنىڭ تەكلىپى بىلەن شۇ مەكتە پتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا باشلىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئامېرىكىدىكى ئۇقۇتۇش ۋە يېزىقچىلىق ھاياتى باشلانغان. ئۇ 1977-يىلى ئامېرىكا دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتۈپ، ئامېرىكا گۈزەل سەنئەت ۋە ئېلىم-پەن ئىنىستوتى، مەملىكەتلىك گۈزەل سەنئەت ۋە ئەدەبىيات جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى بولغان. بۇ مەزگىلدە ئۇ، ئۆزىنىڭ بىر نەچچە خىل تىلدىكى شېئىر توپلاملىرىنى نەشىر قىلدۇرغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭ«شېئىرلار توپلىمى»(1973) ۋە «سۆزنىڭ بىرقىسمى» (1980) قاتارلىق ئەسەرلىرىنىڭ تەسىرى بىر قەدەر چوڭ بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇنىڭ تەبىرشۇناسلىققا ئائىت ئەسەرلىرىدىن «بىردىن كىچىك» (1980)، «قايغۇ- ھەسرەت ۋە ئاقىلانىلىك» (1996) قاتارلىقلارنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇ.

 قىسقىغىنە ئون نەچچە يىل ئىچىدە، بىرودىسكىنىڭ نام ئابرويى بىراقلا كۆتۈرلۈپ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئەڭ داڭلىق شائىرلارنىڭ بىرىسىگە ئايلاندى. ئۇ تۇرمۇشقا نىسبەتەن ئۆتكۈر كۆز ىتىش ۋە قۇبۇل قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بۇلۇپ،ئىدىيسى ئۇچۇق، ئاقكۆڭۈل، ھىسياتى سەمىمى، مۇلايىم ئىدى. ئۇنىڭ شېئىرلىرى روسىيە پۇرىقىغا سىڭىپ كەتكەن، بۇلۇپمۇ ئۇ چەتئەلدە سەرگەردان بۇلۇپ يۈرگەندە يۇرتنى سېغىنىش ئۇنىڭ شېئىر ئىجادىيتىنىڭ ئاساسلىق تېمىلىرىدىن بىرى بۇلۇپ قالغان. يېزىقچىلىق سەنئىتى جەھەتتە، ئۇ باشتىن- ئاخىرى ئىككى نەپەر پىشقەدەم شائېر ئاخماتوۋا بىلەن ئودىنغا يېقىنلىشىپ، شېئىرىي شەكىل جەھەتتە يىڭىلىق يارىتىش ۋە شېئىردىكى فونتىكىلىق ئاھاڭداشلىقىنى قوغلاشقان.

جوسېف برودسكىنىڭ «بىردىن كىچىك»،«قايغۇ- ھەسرەت ۋە ئاقىلانىلىك»، «قاپىيىلىك ئەسەر ۋە شېئىر»،«تاغ باغرى ۋە باشقىلار »،«قاقاس چۆللۈكتىكى تۇرۇپ قېلىش»قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

1987-يىلى جوسېف برودسكى «ۋاقىت چەكلىمىسىدىن ھالقىش» ناملىق ئەسىرى بىلەن«ئۇ ئەدەبىيات جەھەتتە ياكى سەزگۈر مەسىلىلەرتەرەپتە بولمىسۇن، ئەسەرلىرىدە ئۆزىنىڭ كەڭ ئىدىيىسىنى قۇيۇق شېئىرىي مەناسى بىلەن ماھارەتلىك ئىپادىلىگەن»دېگەن باھا بىلەن نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

تارىم ژۇرنىلى تور بېكىتى 

http://www.tarimweb.com/html/dunya/yazghuchi/640.html

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#